سەردار بىلوگى قۇرلغىلى
  •   كېسەل كىشى نامازنى قانداق ئوقۇيدۇ؟ _cat}

    خەتكۈچ:(تەۋىسيە)

     

     

     

     

     


    1. كېسەل كىشى پەرز نامازلارنى چوقۇم ئۆرە تۇرۇپ ئوقۇشى لازىم.
    بېلىنى ئېگىۋالسىمۇ، تامغا يۆلىنىۋالسىمۇ، ھەتتا قولىدا ھاسا تۇتۇۋالسىمۇ مەيلى.

     

     

     

     

    2. ئەگەر كېسەلنىڭ ئۆرە تۇرۇشقا قۇربىتى يەتمىسە، ئۇنداقتا ئولتۇرۇپ ئوقۇشى كېرەك. قىيامدا ۋە رۇكۇدا ئەڭ ياخشىسى پۇتىنى تۈگۈۋالغىنى تۈزۈك.

     

     

     

     

    3. ئەگەر كېسەل كىشىنىڭ ئولتۇرۇپ ناماز ئوقۇشقا قۇربىتى يەتمىسە، ئۇنداقتا يۈزىنى قىبلە تەرەپكە قارىتىپ يانچە يېتىپ ناماز ئوقۇشى كېرەك، ئوڭ تەرىپىنى بېسىپ ياتقىنى ئەڭ ئەۋزەل. ئەگەر يۈزىنى قىبلە تەرەپكە قارىتىشقا ئىمكانىيىتى بولمىسا ئەسلى قاراپ ياتقان تەرىپىگە قاراپ ئوقۇسىمۇ نامىزى خاتا بولمايدۇ.

     

     

     

     

    4. ئەگەر كېسەلنىڭ يانچە يېتىشقا قۇربى يەتمىسە، ئۇنداقتا ئوڭدا يېتىپ ناماز ئوقۇسىمۇ بولۇۋېرىدۇ. پۇتىنى قىبلە تەرەپكە قارىتىو يېتىپ، ئەڭ ياخشىسى بېشىنى ئازراق كۆتۈرۈپ ياتقىنى ئەۋزەل، بۇنىڭدا يۈزىنى قىبلىگە قارىتالايدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ پۇتىنى قىبلىگە قارىتىشقا قۇربى يەتمىسە ئۇنداقتا ئۇ ئەسلى ياتقان ھالىتىدە نامازنى ئوقۇۋەرسىمۇ بولۇۋېرىدۇ.

     

     

     

     

    5. كېسەل كىشى نامازدا چوقۇم رۇكۇ ۋە سەجدە قىلىش لازىم. ئەگەر ئۇنداق قىلىشقا قۇربى يەتمىسە ئۇنداقتا ئىشارەت ئارقىلىق ئورۇنداش كېرەك. ئىشارەت ئارقىلىق سەجدە قىلغاندا باش رۇكۇ قىلغاندىكىدىن سەل تۆۋەنرەك بولىدۇ. ئەگەر رۇكۇ قىلىپ، سەجدە قىلالمىسا رۇكۇ قىلىدۇ، سەجدىدە رۇكۇ قىلىپ بېشى ئارقىلىق سەجدىگە ئىشارەت قىلىدۇ. ئەگەر سەجدە قىلىپ رۇكۇ قىلالمىسا سەجدە قىلىپ بېشى ئارقىلىق رۇكۇغا ئىشارەت قىلىدۇ.

     

     

     

     

    6. ئەگەر كېسەلنىڭ رۇكۇ ۋە سەجدە قىلىشقا زادىلا ئىمكانىيىتى بولمىسا، ئۇنداقتا ئۇ كۆز ئارقىلىق رۇكۇ ۋە سەجدىگە ئىشارەت قىلىدۇ. كۆزنى بوش يۇمۇش ئارقىلىق رۇكۇغا، بەكرەك يۇمۇش ئارقىلىق سەجدىگە ئىشارەت قىلىدۇ.

     

     

     

     

    ھازىرقى بەزى كېسەللەرنىڭ قىلىۋاتقىنىدەك، نامازنى بارماقلار ئارقىلىق ئىشارەت قىلىپ ئوقۇش مەسىلىسىگە كەلسەك، مەن قۇرئانى كەرىم ۋە ھەدىسلەردە بۇنىڭ توغرا بولۇشىغا دەلىل تاپالمىدىم. فىقھىشۇناس ئالىملارنىڭمۇ بۇ ھەقتە ھېچقانداق سۆزىنى بىلمىدىم.

     

     

     

     

    7. ئەگەر كېسەل كىشى رۇكۇ، سەجدىلەرنى قىلالمىسا، ھەتتا كۆزى ئارقىلىقمۇ ئىشارەت قىلالمىسا، ئۇنداقتا ئۇ قەلبى ئارقىلىق ناماز ئوقۇيدۇ. قەلبىدە تەسبىھ ئوقۇپ نامازغا كىرىدۇ، قۇرئانى كەرىم سۈرىلىرىنى ئوقۇيدۇ، ئاندىن قىيامدا تۇرغانلىقىغا، رۇكۇغا بارغانلىقىغا، سەجدە قىلغانلىقىغا نىيەت قىلىدۇ، چۈنكى ھەربىر كىشى ئۆزىنىڭ نىيىتىگە يارىشا ئەجىرگە ئېرىشىدۇ.

     

     

     

     

    8. كېسەل كىشى چوقۇم نامازنى ۋاقتىدا ئادا قىلىشى لازىم. كۈچىنىڭ يېتىشىچە تىرىشىپ، نامازنى ئەڭ ياخشى رەۋىشتە ئادا قىلىشى كېرەك. ئەگەر ھەربىر ۋاقىت نامازنى ئۆز ۋاقتىدا ئوقۇش كېسەلگە قىيىنچىلىق تۇغدۇرسا ئۇنداقتا پىشىن بىلەن ئەسىر نامىزىنى، شام بىلەن خۇپتەن نامازلىرىنى جۇغلاپ بىللە ئوقۇسا بولىدۇ. ئەگەر نامازنى ئالدىغا سۈرۈپ ئوقۇماقچى بولسا ئۇنداقتا ئەسىر نامىزىنى پىشىننىڭ، خۇپتەن نامىزىنى شام نامىزىنىڭ ۋاقتىدا ئوقۇسا بولىدۇ؛ ئەگەر نامازنى كېينگە سۈرۈپ ئوقۇماقچى بولسا پىشىن نامىزىنى ئەسىرگىچە، شام نامىزىنى خۇپتەنگىچە كېچىكتۈرسە بولىدۇ، بۇ كېسەل ئۆز ئەھۋالىغا قاراپ بەلگىلەيدۇ. لېكىن بامدات نامىزىنى باشقا نامازلار بىلەن جۇغلاشقا بولمايدۇ.

     

     

     

     

    9. ئەگەر كېسەل سەپەرچى بولۇپ، يات ئەلدە كېسەل داۋالىتىۋاتقان بولسا، ئۇنداقتا ئۇ تاكى يۇرتىغا قايتقۇچە نامىزنى قىسقارتىپ ئوقۇسا بولىدۇ. پىشىن، ئەسىر ۋە خۇپتەن نامازلىرىنى تۆت رەكئەتتىن ئىككى رەكئەتكە قىسقارتىشقا بولىدۇ. مەيلى ئۇ يات ئەلدە قانچە ۋاقىت تۇرۇپ قالسۇن، يۇرتىغا قايتقۇچە نامازنى قىسقارتىپ ئوقۇسا بولىدۇ.

     

     

     

     

     

     

     

     

    ئاللاھ ئەڭ ياخشى ھامىيدۇر.

     

     

     

     

    ئاللاھنىڭ قۇلى: مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئەل-ئۇسەيمىن

     

     

     






  • ئەڭ ئۈنۈملۈك ئېلان ئورنى