
-
نامازدا كۆرۈلىدىغان مەكرۇھ بولىدىغان ئىشلار _cat}
2009.01
31
1.
نامازدا باشنى ۋە كۆزنى ئۇياق-بۇياققا بۇراش مەكرۇھ بولىدىغان ئىشتۇر. نامازدا ئاسمانغا قاراش چەكلىنىدۇ.( ھارام)2.
ناماز جەريانىدا ئوينىشىش ۋە باشقا زۆرۈرىيىتى يوق ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇش مەكرۇھتۇر.3.
نامازدا باشقىلارنىڭ دىققىتىنى جەلب قىلىدىغان رەڭلىك نەرسىلەرنى ئېلىۋېلىش مەكرۇھتۇر.4.
نامازدا قولنى بېلىگە تىرەش مەكرۇھتۇر.نامازنى بۇزىدىغان ئىشلار
نامازدا:
1.
قەستەن گەپ قىلىش نامازنى بۇزىدۇ، مەيلى قانچىلىك ئاز گەپ قىلغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر.2.
نامازدا بەدەننىڭ يۆلىنىشىنى ئۆزگەرتىش نامازنى بۇزىدۇ.3.
يەل قويۇپ بېرىش ۋە شۇنىڭدەك بارلىق تاھارەت بۇزىدىغان ئىشلار نامازنى بۇزىدۇ.4.
بىھۇدە ئىشلارنى ئارقا-ئارقىدىن قىلىش نامازنى بۇزىدۇ.5.
نامازدا كۈلۈش نامازنى بۇزىدۇ.6.
قەستەن قىيامنى، رۇكۇنى، سەجدىنى ياكى تەشەھھۇتنى كۆپەيتىش نامازنى بۇزىدۇ.7.
قەستەن ئىمامدىن بالدۇر چىقىۋېلىش نامازنى بۇزىدۇ.نامازدا سەۋەنلىك تۈپەيلى سەجدە قىلىشقا تېگىشلىك بولغان ئىشلار
نامازدا:
1.
ئەگەر سەۋەنلىك تۈپەيلى قىيامنى، رۇكۇنى، سەجدىنى ياكى تەشەھھۇتنى ئارتۇق قىلىۋەتسە، نامىزى بۇزۇلمايدۇ، ئىككى قېتىم سەۋەنلىك سەجدىسى قىلىپ سالام بېرىپ نامازدىن چىقىدۇ.مەسىلەن: ئەگەر بىر كىشى پىشىن نامىزى ئوقۇپ، تۆتىنچى رەكئەتتىن كېيىن ئورنىدىن تۇرۇپ بەشىنچى رەكئەتنى ئوقۇماقچى بولغان بولسا، (ئورنىدىن تۇرۇشتىن بۇرۇن) ئېسىگە كېلىپ قالسا ياكى باشقىلار ئۇنى ئاگاھلاندۇرسا، ئۇنداقتا ئۇ تەكبىر ئوقۇمايلا قايتا ئولتۇرۇپ نامىزىنى داۋاملاشتۇرىدۇ، تەشەھھۇتتىن كېيىن سالام بېرىدۇ، ئاندىن ئىككى قېتىم سەۋەنلىك سەجدىسى قىلىپ، يەنە سالام بېرىپ نامازدىن چىقىدۇ. ئەگەر تاكى ناماز ئاياغلاشقۇچە ئۇ ئۆزىنىڭ بىر رەكئەتنى ئارتۇق ئوقۇغانلىقىنى بىلمەي قالسا، سالام بېرىپ نامازنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن بىلسە يەنە ئىككى قېتىم سەۋەنلىك سەجدىسى قىلىپ سالام بېرىپ نامازنى ئاياغلاشتۇرىدۇ.
2. ئەگەر ناماز ئاياغلاشماي تۇرۇپلا سالام بېرىپ نامازدىن چىقىپ كەتسە، ئاندىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئېسىگە كەلسە، ياكى باشقىلار ئۇنىڭ ئېسىگە سالسا ئۇ قالغان نامازلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ ئوقۇپ، سالام بېرىپ نامازدىن چىقىدۇ، نامازدىن كېيىن ئىككى قېتىم سەۋەنلىك سەجدىسى قىلىپ سالام بېرىپ نامازدىن چىقىدۇ.
مەسىلەن: ئەگەر بىر كىشى پىشىن نامىزى ئوقۇغان بولسا، ئۈچىنچى رەكئەتنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ئېھتىياتسىزلىقتىن سالام بېرىپ نامازدىن چىقىپ كېتىپ، ئۆزىنىڭ بىر رەكئەتنى كەم ئوقۇغىنى يادىغا كېلىپ قالسا، ياكى بىرەرى ئۇنىڭ ئېسىگە سېلىپ قويسا ئۇ تۆتىنچى رەكئەت نامازنى ئوقۇيدۇ، ئاندىن سالام بېرىدۇ، سالامدىن كېيىن ئىككى قېتىم سەۋەنلىك سەجدىسى قىلىپ ، سالام بېرىپ نامازنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ.
3. ئەگەر نامازدا بىرىنچى قېتىم تەشەھھۇتتا ئولتۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالسا، ياكى نامازنىڭ باشقا مۇھىم مەزمۇنىدىن بىرەرنى ئۇنتۇپ قالسا، ئۇنداقتا ناماز ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن ئىككى قېتىم سەۋەنلىك سەجدىسى قىلىپ نامازدىن چىقسا بولىدۇ؛ ئەگەر ئۇنىڭدىن كېيىنكى ھەرىكەتنى ئورۇنداشتىن بۇرۇن يادىغا يېتىپ قالسا، دەرھال تولۇقلاپ ئورۇندىۋالسىلا بولىدۇ. ئەگەر كېيىنكى ھەرىكەتنى ئورۇنداۋاتقان چېغىدا يادىغا يېتىپ قالسا كەينىگە قايتىپ نامىزىنى مۇكەممەل ئورۇندىسا بولىدۇ.
مەسىلەن: ئەگەر بىر كىشى ناماز جەريانىدا بىرىنچى تەشەھھۇتنى ئۇنتۇپ قېلىپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتسە، ئورنىدىن تۇرۇپ ئۈچىنچى رەكئەتنى باشلىماقچى بولغاندا يادىغا يەتسە، ئۇنداقتا ئۇنىڭ قايتا كەينىگە يېنىپ تەشەھھۇتتا ئولتۇرۇشىنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. پەقەت نامازدىن چىقىشتىن بۇرۇن ئىككى قېتىم سەۋەنلىك سەجدىسى قىلىپ، ئاندىن سالام بېرىپ نامازدىن چىقسىلا بولىدۇ.
4. ئەگەر نامازدا ئۆزىنىڭ ئىككى رەكئەت ئوقۇغانلىقى ياكى ئۈچ رەكئەت ئوقۇغانلىقىدىن شەكلەنسە، ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىرەرىگە مايىل بولمىسا ئۇنداقتا بۇ ئىككى سان ئىچىدىكى ئازراقىنى تاللاپ نامازنى ئادا قىلىدۇ. سالام بېرىپ نامازدىن چىققاندىن كېيىن ئىككى رەكئەت سەۋەنلىك سەجدىسى قىلىدۇ.
5. ئەگەر نامازدا ئۆزىنىڭ ئىككى رەكئەت ياكى ئۈچ رەكئەت ئوقۇغانلىقىنى بىلەلمىسە، لېكىن ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىرەرىگە مايىل بولسا، ئۇنداقتا ئۆزى توغرا دەپ قارىغان شۇ ساننى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ نامازنى ئادا قىلىدۇ، نامازدىن چىقىشتىن بۇرۇن ئىككى قېتىم سەۋەنلىك سەجدىسى قىلىپ ئاندىن سالام بېرىپ نامازدىن چىقىدۇ.
ئەگەر نامازدىن چىقىپ بولغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ قانچە رەكئەت ئوقۇغىنىدىن شەكلىنىپ قالسا بۇ خىل شەككە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرمەسلىك لازىم، بەلكى ئىشەنچنى ئاساس قىلىش كېرەك.
ئەگەر بەكلا شەكتە قالغان ئەھۋالدىمۇ يەنىلا ئىشەنچنى ئاساس قىلىش كېرەك، چۈنكى بۇ بىر ۋەسۋەسە بولۇشى مۇمكىن.
ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر. ئاللاھتىن پەيغەمبىرى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابىلىرىگە رەھمەت قىلىشىنى تىلەيمىز.
كېسەل كىشى قانداق پاكلىنىدۇ؟
1. كېسەل كىشى سۇ بىلەن پاكلىنىشى لازىم. ئەگەر تاھارەتسىز بولسا سۇ بىلەن تاھارەت ئېلىشى، ئەگەر غۇسلىسىز بولسا سۇ بىلەن غۇسلى قىلىشى لازىم.
2. ئەگەر كېسەل كىشىنىڭ ئىمكانىيىتى يار بەرمىسە، ياكى سۇ بىلەن پاكلانسا كېسىلىنىڭ ئېغىرلاپ كېتىشىدىن ياكى ۋاقتى سوزۇلۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرىسە، ئۇنداقتا ئۇ تەيەممۇم قىلىپ پاكلانسا بولىدۇ.
3. تەيەممۇم قىلىشنىڭ شەكلى: تاھارەت ئېلىش ياكى غۇسلى قىلىش ئۈچۈن نىيەت قىلىنىدۇ، ئاندىن قولىنى يەرگە ياكى توپا قونغان تام دېگەندەك نەرسىگە ئۇرۇپ، يۈزى ۋە قولىغا مەسىھ قىلىدۇ.(سىيلايدۇ)
4. ئەگەر كېسەل كىشىنىڭ تاھارەت ئېلىشقا، غۇسلى قىلىشقا ياكى تەيەممۇم قىلىشقا ئىمكانىيىتى يار بەرمىسە باشقىلار ئۇنى تاھارەت ئالدۇرسا، غۇسلى قىلدۇرسا ياكى تەيەممۇم قىلدۇرسا بولىدۇ.
5. ئەگەر تاھارەتتە يۇيۇشقا تېگىشلىك بولغان ئەزالارنىڭ بىرەرىدە جاراھەت بولسا، ئوخشاشلا سۇ بىلەن تاھارەت ئالىدۇ. ئەگەر سۇ بىلەن تاھارەت ئالسا جاراھەتنىڭ ساقىيىشىغا تەسىر كۆرسەتسە ئۇنداقتا قولىنى نەمدەپ ۆل قولى بىلەن شۇ جاينى سىيلىسا بولىدۇ؛ ئەگەر سىيلىسىمۇ جاراھەتكە تەسىرى بولسا ئۇنداقتا تەيەممۇم قىلسا بولىدۇ.
6. ئەگەر تاھارەت ئالىدىغان ئەزالارنىڭ بىرى سۇنۇپ كەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىدە تېڭىق بولسا ئۇنداقتا قولنى نەمدەپ شۇ يەرنى سىيلىسا بولىدۇ. تەيەممۇم قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق.
7. تام ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش پاك بولغان، توپا قونغان نەرسىنى سىيلاپ تەيەممۇم قىلىشقا بولىدۇ. ئەگەر تام سىرلانغان بولسا ئۇنداقتا بۇ تامنى سىيلاپ تەيەممۇم قىلىشقا بولمايدۇ، ئەگەر سىرنىڭ ئۈستىدە توپا بولسا ئۇنداقتا بولىدۇ.
8. ئەگەر كېسەل كىشىنىڭ تامنى سىيلاپ تەيەممۇم قىلىشقا قۇربىتى يەتمىسە، ئۇنداقتا توپىنى قۇتىغا ياكى قول ياغلىق دېگەندەك نەرسىلەرگە ئوراپ، شۇنى ئۇرۇپ تەيەممۇم قىلسىمۇ كېرەك يوق.
9. ئەگەر كېسەل كىشى ناماز ئوقۇش ئۈچۈن تەيەممۇم قىلغان بولسا، شۇ تەيەممۇم بىلەن بىر قېتىملىق نامازنى ئوقۇپ بولۇپ، تاكى كېيىنكى قېتىملىق نامازغىچە ئۇنىڭدا تاھارەتنى بۇزىدىغان ئامىللار كۆرۈلمىسە ئۇنداقتا ئۇ ئىككىنچى قېتىم قايتا تەيەممۇم قىلمىسىمۇ بولىدۇ. چۈنكى ئۇ تاھارىتىنى ساقلىدى.
10. كېسەل كىشى بەدىنىنى نىجىس نەرسىلەردىن پاكلىشى كېرەك، ئەگەر پاكلاش ئىمكانىيىتى بولمىسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ نامىزىدا مەسىلە يوق، قايتا ئوقۇمىسىمۇ بولىدۇ.
11. كېسەل كىشى چوقۇم كىيىمىدىكى نىجىسلەرنى تازىلىشى، پاكىز كىيىملەر بىلەن نامازنى ئادا قىلىشى كېرەك. ئەگەر ئۇنىڭغا قۇربىتى يەتمىسە نامىزى خاتا بولمايدۇ، قايتا ئوقۇشنىڭ ھاجىتى يوق.
12. كېسەل كىشى چوقۇم پاكىز جايدا ناماز ئوقۇشى كېرەك. ئەگەر ناماز ئوقۇيدىغا ئورۇندا نىجىس نەرسىلەر بولسا ئۇ شۇنى نىجىسلىكنى تازىلىشى ياكى پاكىز جايغا يۆتكىلىشى كېرەك. ئەگەر ئۇنىڭغا قۇربىتى يەتمىسە نامازنى شۇنداق ئوقۇۋەرسىمۇ خاتا بولمايدۇ.
13. كېسەل كىشى تاھارىتى بولمىغانلىق سەۋەبىدىن نامازنىڭ ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ. چوقۇم زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ تاھارەت ئېلىشى، نامازنى ۋاقتىدا ئادا قىلىشى كېرەك. مەيلى پاكىز كىيىم، پاكىز ئورۇن تاپالمىسىمۇ!
历史上的今天:
مۇھەببەتنىڭ مەنىسى 2009-01-31مۇھەببەت ۋە ۋاقىت 2009-01-31مۇھىم خاتىرە كۇنلەر 2009-01-31چوقۇم بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار 2009-01-31خانىم-قىزلارغا مەسلىھەت 2009-01-31
ئەڭ ئۈنۈملۈك ئېلان ئورنى