
-
شەيتاندىن پاناھلىق تىلەش: _cat}
أَعُوذُ
بِاللهِ مِنْ الشَّيْطَانِ الرَجِيْمِتەرجىمىسى:
ئى ئاللاھ، ساڭا سېغىنىپ قوغلاندى شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىدىن پاناھلىق تىلەيمەن.7. تەسمىيە ۋە فاتىھە ئوقۇش.
بسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَنِ الرَّحِيمِ
الْحَمْدُ لِلَّهِ رَبِّ العَالَمِينَ
الرَّحْمـَنِ الرَّحِيمِ مَالِكِ يَوْمِ الدِّينِ إِيَّاكَ نَعْبُدُ
وَإِيَّاكَ نَسْتَعِينُ اهْدِنَا الصِّرَاطَ المُسْتَقِيمَ صِرَاطَ الَّذِينَ أَنْعَمْتَ عَلَيْهِمْ غَيْرِ المَغْضُوبِ عَلَيْهِمْ
وَلاَ الضَّالِّينَ
آمين①تەرجىمىسى:
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان اﷲ نىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن [1]. جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى اﷲ قا خاستۇر [2]. اﷲ ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىباندۇر [3]. قىيامەت كۈنىنىڭ ئىگىسىدۇر [4]. (رەببىمىز) ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز ۋە سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز [5]. بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن [6]. غەزىپىڭگە يولۇققانلارنىڭ ۋە ئازغانلارنىڭ يولىغا ئەمەس، سەن ئىنئام قىلغانلارنىڭ يولىغا (باشلىغىن) [7].ئامىن.
فاتىھە سۈرىسى ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن ئامىن، دېيىلىدۇ. مەنىسى: ئى ئاللاھ، دۇئايىمىزنى قوبۇل قىلغىن، دېگەنلىك بولىدۇ.
بسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَنِ الرَّحِيمِ
قُلْ هُوَ اللَّهُ أَحَدٌ
اللَّهُ الصَّمَدُ
لَمْ يَلِدْ
وَلَمْ يُولَدْ
وَلَمْ يَكُن لَّهُ كُفُواً أَحَدٌ ②تەرجىمىسى:
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان اﷲ نىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.
(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، ئۇ ـ اﷲ بىردۇر [1]. ھەممە اﷲ قا موھتاجدۇر [2]. اﷲ بالا تاپقانمۇ ئەمەس، تۇغۇلغانمۇ ئەمەس [3]. ھېچ كىشى ئۇنىڭغا تەڭداش بولالمايدۇ [4].
(ياكى باشقا ئاسانراق سۈرىلەرنى قوشۇپ ئوقۇسىمۇ بولۇۋېرىدۇ).8. ئاسانراق سۈرىلەرنى تاللاپ ئوقۇش. بامدات نامىزىدا ئۇزۇنراق سۈرىلەر قوشۇپ ئوقۇلىدۇ.
9. رۇكۇ قىلىش. ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن تازىم قىلىشتۇر. رۇكۇ قىلغاندا ئاللاھقا تەسبىھ ئوقۇلىدۇ، شۇنداقلا ئىككى قول مۈرىگىچە كۆتۈرۈلىدۇ. ( ھەنەفىيە مەزھىپىنىڭ قارىشى بويىچە كۆتۈرۈلمەيدۇ.) سۈننەتكە كۆرە، باش دۈمبە بىلەن تەكشى ھالەتتە بولۇشى كېرەك. ئىككى قول ئىككى تىزنى تۇتۇپ تۇرىدۇ.
10. رۇكۇدا ئوقۇلىدىغان دۇئا:
سُبْحَانَ
رَبِّيَ الْعَظِيْممەنىسى:
ھەممىدىن ئۇلۇغ رەببىمنى پاك دەپ مەدھىيىلەيمەن.
بۇ دۇئانى ئۈچ قېتىم ئوقۇغاندىن كېيىن تۆۋەندىكى دۇئانى ئوقۇش ياخشىدۇر:
سُبْحَانَكَ اللّهُمّ رَبّنَا وَبِحَمْدِكَ، اللّهُمّ اغْفِرْ لِي
مەنىسى:
سەن پاكتۇرسەن، ئى ئاللاھ! مەدھىيە ساڭىلا خاستۇر. ئى ئاللاھ! بىزنى مەغفىرەت قىلغىن.
11. رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرگەندەك تۆۋەندىكى دۇئا ئوقۇلىدۇ:
سَمِعَ اللهُ لِمَنْ حَمِدَه
مەنىسى:
ئاللاھ ھەمدى ئوقۇغۇچىنىڭ ھەمدىسىنى ئاڭلىدى.
ئىككى قولنى يەنە مۈرىگىچە كۆتۈرىدۇ. ( ھەنەفىيە مەزھىپىنىڭ قارىشى بويىچە كۆتۈرۈلمەيدۇ). ئىمامغا ئەگىشىپ ناماز ئوقۇغان كىشى سَمِعَ اللهُ لِمَنْ حَمِدَه دېمەيدۇ. ئورنىدىن تۇرغۇچە:
رَبَّنَا وَلَكَ الْحَمْد
.
بۇ دۇئانىڭ مەنىسى: « ئى رەببىمىز! سەن مەدھىيىگە لايىقتۇرسەن!»12. رۇكۇدىن تولۇق تۇرۇپ بولغاندىن كېيىن تۆۋەندىكى دۇئا ئوقۇلىدۇ:
رَبَّنَا وَلَكَ الْحَمْد حَمْداً كَثِيراً طَيِّباً مُباَرَكاً فِيهِ،مُلِءُ
السَّماَوَاتِ
وَمُلِءُ اْلأَرْضِ، وَمُلِءُ مَا بَيْنَهُمَا وَمُلِءُ مَا شِئْتَ مِنْ شَيْءٍ بَعْدمەنىسى:
13. ناھايىتى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئاللاھقا بىرىنچى قېتىم سەجدە قىلىش:
سەجدىگە بارغاندا اللّهُ أَكْبَرُ دەپ تەكبىر ئوقۇلىدۇ. سەجدىدە يەتتە ئەزا سەجدە قىلىدۇ: پېشانە، بۇرۇن، ئىككى قول، ئىككى تىز ۋە ئىككى پۇتنىڭ بارماق ئۇچلىرى قىبلىگە قارىتىلىشى لازىم.
14. سەجدىدە ئوقۇلىدىغان دۇئا:
سُبْحَانَ رَبِّيَ الْأَعْلَى
مەنىسى:
ھەممىدىن ئالىي رەببىم پاكتۇر.بۇ دۇئانى ئۈچ قېتىم ئوقۇغاندىن كېيىن تۆۋەندىكى دۇئانى ئوقۇشقا بولىدۇ:
سُبْحَانَكَ
اللّهُمَّ رَبَّنَا وَبِحَمْدِكَ، اللَّهُمَّ اغْفِرْ لِي
مەنىسى:
سەن پاكتۇرسەن، ئى ئاللاھ! مەدھىيە ساڭىلا خاستۇر. ئى ئاللاھ! بىزنى مەغفىرەت قىلغىن.15. اللّهُ أَكْبَرُ دەپ تەكبىر ئوقۇپ سەجدىدىن باش كۆتۈرۈش.
16. ئىككى سەجدە ئارىلىقىدا تەشەھھۇتتا ئولتۇرۇش: (سول پۇتنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇش)
ئوڭ پۇت تىكلىنىدۇ، ئوڭ قول يوتىغا قويۇلىدۇ، كۆرسەتكۈچ بارماق چىقىرىلىپ، دۇئا قىلىۋاتقاندا مىدىرلىتىلىدۇ، باشقا بارماقلار چىڭ تۈگۈلىدۇ. سول قول سول پۇتنىڭ ئۈستىگە قويۇلىدۇ.
17. ئىككى سەجدە ئارىلىقىدى تەشەھھۇتتا ئوقۇلىدىغان دۇئا:
رَّبِ
اغْفِرْ لِي وَارْحَمْنِي وَاهْدِنِي وَارْزُقْنِي وَعَافِِني وَاجْبرْنِيمەنىسى:
ئى رەببىمىز! مېنى مەغفىرەت قىل! ماڭا رەھىم قىل! مېنى ھىدايەت قىل! مېنى رىزىقلاندۇر! مېنى ساغلام قىل!18. تۆۋەنچىلىك بىلەن ئاللاھقا ئىككىنچى سەجدىنى قىلىش:
بىرىنچى قېتىملىققا ئوخشاش، سەجدىگە بارغاندا اللّهُ أَكْبَرُ دەپ تەكبىر ئوقۇلىدۇ.
19. ئىككىنچى قېتىملىق سەجدىدىن اللّهُ أَكْبَرُ دەپ تەكبىر ئوقۇپ باش كۆتۈرۈپ ئورنىدىن تۇرۇش، ئاندىن خۇددى بىرىنچى رەكئەتكە ئوخشاش، ئىككىنچى رەكئەت ناماز ئوقۇلىدۇ. لېكىن ئىككىنچى رەكئەتنى باشلىغاندا تەسبىھ دۇئاسى ئوقۇلمايدۇ.
20. ئىككىنچى رەكئەت ناماز ئاخىرلاشقاندا، خۇددى ئىككى سەجدە ئارىلىقىدىكى تەشەھھۇتتەك تەشەھھۇتتا ئولتۇرۇلىدۇ.
21. بۇ چاغدا تەشەھھۇت دۇئاسى ئوقۇلىدۇ:
التّحِيّاتُ لله وَالصّلَوَاتُ لِلّهِ وَالطّيّبَاتُ. السّلاَمُ عَلَيْكَ أَيّهَا النّبِيّ وَرَحْمَةُ الله وَبَرَكَاتُهُ. السّلاَمُ عَلَيْنَا وَعَلَى عِبَادِ الله الصّالِحِينَ. أَشْهَدُ أَنْ لاَ إِلَهَ إِلاّ الله وَأَشْهَدُ أَنّ مُحَمّداً عَبْدُهُ وَرَسُولُهُ.
اللّهُمّ صَلّ عَلَى مُحَمّدٍ وَعَلَى آلِ مُحَمّدٍ كَمَا صَلّيْتَ عَلَى إِبْرَاهِيمَ وَعَلَى آلِ إِبْرَاهِيمَ. إِنّكَ حَمِيدٌ مَجِيدٌ. وَبَارِكْ عَلَى مُحَمّدٍ وَعَلَى آلِ مُحَمّدٍ كَمَا بَارَكْتَ عَلَى إِبْرَاهِيمَ
وَعَلَى آلِ إِبْرَاهِيمَ. إِنّكَ حَمِيدٌ مَجِيدٌ.
اللّهُمّ إِنّي أَعُوذُ بِكَ مِنْ عَذَابِ جَهَنّمَ، وَمِنْ عَذَابِ الْقَبْرِ، وَمِنْ فِتْنَةِ الْمَحْيَا وَالْمَمَاتِ، وَمِنْ شَرّ فِتْنَةِ الْمَسِيحِ الدّجّالِ.مەنىسى:
ئۇنىڭدىن كېيىن ناماز ئوقۇغۇچى رەببىدىن ئۆزى ۋە ئۇرۇق- تۇغقانلىرى، ئۇستازى، ئەر ۋە ئايال مۇئمىنلەر، شۇنداقلا بارلىق مۇسۇلمانلار ئۈچۈن مەغفىرەت تىلىسە، ئۇلارنىڭ ئىككى ئالەملىكىنى ياخشى قىلىپ بېرىشىنى تىلىسە بولىدۇ.
22. سالام بېرىپ نامازدىن چىقىش
يۇقارقىلاردىن كېيىن ئىككى تەرەپكە تۆۋەندىكىدەك سالام بېرىپ نامازدىن چىقىمىز:السّلاَمُ عَلَيْكُمْ وَرَحْمَةُ الله
مەنىسى:
ئاللاھ سىلەرگە ئامانلىق ۋە رەھمەت ئاتا قىلسۇن!23. ئەگەر ناماز ئۈچ ياكى تۆت رەكئەت بولغاندىكى ئوقۇلۇشى:
بۇ ئەھۋالدا تەشەھھۇد دۇئاسىدىن كېيىن توختايدۇ. يەنى تۆۋەندىكى ئورۇندا:
“أَشْهَدُ أَنْ لاَ إِلَهَ إِلاّ الله وَأَشْهَدُ أَنّ مُحَمّداً عَبْدُهُ وَرَسُولُهُ
مەنىسى:گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق. گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ قۇلى ۋە ئەلچىسى.
24. اللّهُ أَكْبَرُ دەپ تەكبىر ئوقۇپ ئورۇندىن تۇرۇش:
ئورۇندىن تۇرغاندا ئىككى قول مۈرىگىچە كۆتۈرۈلىدۇ. ( ھەنەفىيە مەزھىپىنىڭ قارىشى بويىچە كۆتۈرمەيدۇ.)
25. قالغان نامازلار ئوقۇلىدۇ: ئوقۇلۇش ئۇسۇلى ئالدىنقى ئىككى رەكئەت نامازغا ئوخشايدۇ. لېكىن كېيىنكى رەكئەتلەردە فاتىھەدىن كېيىن باشقا سۈرە ئوقۇلمايدۇ.
26. ئوڭ پۇتنى تىكلەپ يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇش: سول پۇتنى ئوڭ پاقالچەكنىڭ ئاستىغا قويۇپ يەردە ئولتۇرىمىز، ئىككى قولنى يوتىغا قويۇپ بىرىنچى قېتىمقى تەشەھھۇتتەك ئولتۇرىمىز.
27. بۇ قېتىم تەشەھھۇتتا ئولتۇرغاندا تەشەھھۇت دۇرۇتلىرىنى تولۇق ئوقۇيمىز.
28. سالام بېرىپ نامازدىن چىقىش
يۇقارقىلاردىن كېيىن ئىككى تەرەپكە تۆۋەندىكىدەك سالام بېرىپ نامازدىن چىقىمىز:السّلاَمُ عَلَيْكُمْ وَرَحْمَةُ الله
مەنىسى:
ئاللاھ سىلەرگە ئامانلىق ۋە رەھمەت ئاتا قىلسۇن历史上的今天:
مۇھەببەتنىڭ مەنىسى 2009-01-31مۇھەببەت ۋە ۋاقىت 2009-01-31مۇھىم خاتىرە كۇنلەر 2009-01-31چوقۇم بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار 2009-01-31خانىم-قىزلارغا مەسلىھەت 2009-01-31
ئەڭ ئۈنۈملۈك ئېلان ئورنى