بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : مەدەنىيىتىمىز >> ناھىيىلىرىمىز >> لوپنۇر ناھىيىسى

لوپنۇر ناھىيىسى

يوللانغان ۋاقتى : 2008-07-14 13:11:47    كۆرۈلۈش سانى : 257  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
 تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي شىمال قىسىمىغا جايلاشقان. ئۇنىڭ شەرقىي تەرىپى چاقىلىق ناھىيىسى بىلەن، جەنۇبىي تەرىپى چەرچەن ناھىيىسى بىلەن، غەربىي تەرىپى شايار، كۇچا ناھىيىسى بىلەن، شىمالىي تەرىپى بۈگۈر، كورلا، باغراش، خوشۇت ناھىيىلىرى، تۇرپان شەھىرى، توخسۇن ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 502.8  كىلومېتىر. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 165 كىلومېتىر. ئومۇمىي كۆلىمى  59 مىڭ  800  كۋادرات كىلومېتىر. لوپنۇر ناھىيىسىگە 2  بازار، 7 يېزا،  42 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ئۇنىڭ تەۋەسىدە ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك  2  - شىسىنىڭ 5  تۇەن - مەيدانى بار. ناھىيە بازىرى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئارىلىقى 530  كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى  89 مىڭ  800، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار  28.95% نى، خەنزۇلار  70.28% نى، باشقا مىللەتلەر  0.77% نى تەشكىل قىلىدۇ.   لوپنۇر غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ۋايىر، كرورەن قاتارلىق دۆلەتلەرگە تەۋە بولغان. شەرقىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە كىنگىت دۆلىتىگە تەۋە بولغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە كىگىت  تۇتۇق مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە <لوپنۇر> دەپ ئاتالغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ  24 - يىلى (1898 - يىلى) شىنپىڭ ناھىيىسى تەسىس قىلىنىپ قاراشەھەر مەھكىمىسىگە قارىغان. مىنگونىڭ  3 - يىلى  (1914 - يىلى) شىنپىڭ ناھىيىسى لوپنۇر ناھىيىسىگە ئۆزگەرتىلىپ، قاراشەھەر ۋالىي مەھكىمىسىگە قارىغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئىلگىرى كېيىن بولۇپ قاراشەھەر ۋالىي مەھكىمىسى، كورلا ۋالىي مەھكىمىسىگە قارىغان.  1960 - يىلى بايىغولىن موڭغۇل ئاپتونون ئوبلاستىغا قارايدىغان بولغان.   يېرى بىرقەدەر تۇز. بۇنىڭ ئىچىدە تاغلىق يەر  22.7% نى، تۈزلەڭلىك  24.9% نى، قۇملۇق  52.4% نى تەشكىل قىلىدۇ. چوڭ - كىچىك كۆلدىن  37 سى ۋە ۋە تارىم دەرياسى، كۆنچى دەرياسىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ سۇ سىستېمىسى بار بولۇپ، يىللىق سۇ مىقدارى  2 مىليارد  840  مىليون كۇب مېتىرغا يېتىدۇ. تۈزلەڭلىك رايونلىرىدىكى يەر ئاستى سۈيىدىن پايدىلىنىش مىقدارى 98 مىليون كۇب مېتىرغا يېتىدۇ. ياۋايى ھايۋاناتلاردىن قوش لوكىلىق تۆگە، سۈر بۇغا، ئىپار چاشقىنى، ئاق بۇغۇز بۆكەن، ئېيىق قاتارلىقلار بار. ياۋايى ئۆسۈملۈكلەردىن لۇپنۇر كەندىرى، چۈچۈكبۇيا بايلىقى ئەڭ مول. قېزىلما بايلىقلىرىدىن فوسفور، زۈلۈك تېشى، ھاك تېشى، گرانىت، تۆمۈر قاتارلىقلار بايقالدى. بۇنىڭ ئىچىدە زۈلۈك تېشى زاپىسى مەملىكەت بويىچە ئومۇمىي زۈلۈك تېشى زاپىسىنىڭ  92.98% نى تەشكىل قىلىدۇ.   لوپنۇر ناھىيىسىنىڭ ئىقلىمى چوڭ قۇرۇقلۇق خاراكتېرىدىكى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىمىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى  10.6℃، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا  42.2℃ قا چىقىدۇ، ئەڭ تۆۋەن بولغاندا  - 30.9℃ قا چۈشىدۇ. يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن  103.2 كۈن  30℃ دىن يۇقىرى ئىسسىق بولىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە قۇياشنىڭ چۈشۈش ۋاقتى 2970.3 سائەت.  10℃ يىغىلىما تېمپېراتۇرىسى 4183.9℃، قىروسىز مەزگىلى214 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى  40.8 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى  2910.5 مىللىمېتىر.   بۇ ناھىيە يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىدۇ. ھازىر  15 مىڭ  600  گېكتار (233 مىڭ مو) تېرىلغۇ يەر،  235 مىڭ ( 3 مىليون  525 مىڭ مو) دېھقانچىلىق قىلىشقا بولىدىغان قاقاس يەر،  71  مىڭ 100 گېكتار ( 1 مىليون  67 مىڭ مو) ئوتلاق بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن شال، بۇغداي، كۆممىقوناق، كېۋەز، كۆكتات، قوغۇن - تاۋۇز، يەل - يېمىش قاتارلىقلار بار. چارۋىلاردىن كالا، قوي، چوشقا بار. سانائەت جەھەتتە ئاشلىق، ماي پىششىقلاپ ئىشلەش، گۈل چېكىش، چۈچۈكبۇيا پىششىقلاپ ئىشلەش كەسىپلىرى بار.   لوپنۇر ناھىيىسىنىڭ ئاساس مۇئەسسەسەلىرى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشمەكتە.  218 - دۆلەت تاشيولى ناھىيە تەۋەسىدىن ئۆتىدۇ. ناھىيە، يېزا تاشيوللىرى تەرەپ - تەرەپكە تۇتۇشۇپ كەتكەن. 2000 پروگراممىلىق تېلېفون ۋە 028 يول سانلىق مىكرو خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىسى ئورنىتىلىپ مەملىكەتنىڭ خەۋەرلىشىش تورى بىلەن تۇتاشتۇرۇلدى.   مەدەنىي يادىكارلىقلىردىن گۇم جىلغىسى قەبرىستانلىقى، يارقورول تۇز، قۇرۇق تاغ قىياتاش رەسىملىرى، قارا چۆگۈن قەدىمكى شەھىرى، شاردۆڭ قەدىمكى شەھىرى. پىچان شەھىرى، سەكسەنكۆۋرۈك قاتارلىقلار بار.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  لوپنۇر ناھىيىسى
●  يوپۇرغا ناھىيىسى
●  كۇچا ناھىيىسى
●  نىيە ناھىيىسى
●  شاھدىيار ناھىيىسى
●  باي ناھىيىسى
●  كېرىيە ناھىيىسى
●  لوپ ناھىيىسى
●  گۇما ناھىيىسى
●  خوتەن ناھىيىسى
●  مارالبېشى ناھىيىسى...
●  پەيزىۋات ناھىيىسى
●  قاغىلىق ناھىيىسى
●  يەكەن ناھىيىسى
●  پوسكام ناھىيىسى
●  يېڭىسار ناھىيىسى
●  ئۇلۇغچات ناھىيىسى...
●  كەلپىن ناھىيىسى
●  ئۇچتۇرپان ناھىيىسى...
●  ئونسۇ ناھىيىسى

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  لوپنۇر ناھىيىسى
●  يوپۇرغا ناھىيىسى
●  كۇچا ناھىيىسى
●  نىيە ناھىيىسى
●  شاھدىيار ناھىيىسى
●  باي ناھىيىسى
●  كېرىيە ناھىيىسى
●  لوپ ناھىيىسى
●  گۇما ناھىيىسى
●  خوتەن ناھىيىسى

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى