بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : مەدەنىيىتىمىز >> ناھىيىلىرىمىز >> گۇما ناھىيىسى

گۇما ناھىيىسى

يوللانغان ۋاقتى : 2008-10-15 09:09:18    كۆرۈلۈش سانى : 59  
كصچصك | نورمال | چوڭ             
گۇما ناھىيىسى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي چېتىگە، قاراقۇم تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان. شەرق تەرىپى خوتەن، قاراقاش ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەربىي تەرىپى قاغىلىق ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇب تەرىپى كەشمىر (ھىندسىتاننىڭ ئەمەلىي كونتروللۇقىدىكى رايون) بىلەن چېگرىلىنىدۇ (چېگرا لىنىيسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 50 كىلومېتىر). شىمال تەرىپى مەكتى، مارالبېشى ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 423 كىلومېتىر. شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى  5.67 ~ 5.144 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى 41 مىڭ  400 كۋادرات كىلومېتىر. ئۇنىڭغا ئىككى بازار،  13 يېزا،  197 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ.ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى  1596 كىلومېتىر.  1995  - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 202 مىڭ 400 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار  97.69% نى، خەنزۇلار  1.44% نى، باشقا مىللەتلەر  0.87% نى تەشكىل قىلىدۇ.   گۇما خەن سۇلالىسى دەۋرىدە گۇما دۆلىتىنىڭ يېرى ئىدى. سۈي، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۇدۇن دۆلىتىگە قوشۇۋېتىلگەن. شىمالىي ۋېي سۇلالىسى دەۋرىدەن پىشان دۆلىتىنىڭ يېرى بولغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ  28  - يىلى (1902 - يىلى) ناھىيە قىلىپ تەسىس قىلىنىپ، قەشقەر دوتەي مەھكىمىسىگە قاراشلىق يەكەن مەھكىمسىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. مىنگو  9 - يىلى ( 1920 - يىلى) خوتەي دوتەي مەھكىمىسىگە قارىغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئىلگىر - كېيىن بولۇپ خوتەن ۋالىي مەھكىمىسى، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان.   يەر تۈزۈلۈشى: غەربىي جەنۇبىي ئېگىز، شەرقىي شىمالىي پەس. جەنۇبىدا مۇزتاغ ۋە يىغىلىپ قالغان قار بار. ئوتتۇرا قىسمى تاغلىق ۋە جىلغىلىق، شىمالىي تۈزلەڭلىك ھەم قاقاس چۆللۈك، تاغلىق رايون  37.9% نى، تۈزلەڭلىك  22.6% نى، قۇملۇق  39.5% نى ئىگىلەيدۇ. بەش تاغ سۈيى دەرياسى بار. يەر ئۈستى سۇ بايلىقى  2 مىليارد  231 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىكتىكى يەر ئاستى سۇ بايلىقى مىقدارى  414 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن شىمال ئۆچكىسى، ياۋا چوشقا، كىرپە، تېبەت تۈلكىسى، ئۇلار، ئاق قوتان قاتارلىقلار بار. ياۋا دورا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن توشقان زەدىكى، كىرەش، قانتېپەر، چۈچۈكبۇيا، قارلەيلىسى، پاقا يوپۇرمىقى، ئىت ياڭىقى قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقىدىن كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گاز، گۈڭگۈرت، قوغۇشۇن، سىنك، تۆمۈر، مەرمەرتاش، قاشتېشى، كاربورۇند، چىرىمتال، لىتىي، پېرىللىي، تانتال، سېزىي قاتارلىقلار بار.   گۇما ناھىيىسى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى  11.9℃ ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 41.0℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 22.9℃. ئوتتۇرا ھېساب بىلەن يىلىغا  91  كۈن تېمپېراتۇرا 30℃ تىن يۇقىرى بولىدۇ. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى  2470.4 سائەت،  10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرىسى  4303.1℃. قىروسىز مەزگىلى  218 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى  48.2 كۈن. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى  2450.0 مىللىمېتىر. يىللىق ئوتتۇرىچە قاتتىق قۇم ئۇچۇش - بوران چىقىش ۋاقتى  30.4 كۈن.   بۇ ناھىيە دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. ھازىر  21  مىڭ 900 گېكتار ( 328 مىڭ  500 مو) تېرىلغۇ يەر،  509 مىڭ  300 گېكتار ( 7 مىليون  640 مىڭ مو) ئوتلاق بار. يەنە  29  مىڭ 200  گېكتار (438  مىڭ مو) دېھقانچىلىق قىلىشقا باب كېلىدىغان قاقاس يەر بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، كېۋەز، مېۋە - چېۋە، كۆكتات، ئۈژمە پىلىسى، قىزىل گۈل قاتارلىقلار بار. چارۋىسىدىن كالا، قوي قاتارلىقلار بار. سانائىتىدىن ئېلېكتىر ئېنېرگىيىسى، پاختا توقۇمىچىلىقى، دېھقانچىلىق ماشىنلىرىنى رېمونت قىلىش، پاختا چىقىرىش، ئاشلىق - ماي ۋە يېمەكلىكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار.   گۇما ناھىيسىنىڭ ئاساسى مۇئەسسەسەلىرى تەدرىجىي ياخشىلانماقتا. دۆلەت تاشيولىنىڭ 315 - لىنىيىسى پۈتۈن ناھىيىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ. ناھىيە، يېزا تاشيوللىرى تەرەپ - تەرەپكە تۇتىشىدۇ.  2000  پروگراممىلىق تېلېفون پۈتۈن مەملىكەت تورىغا كىرگۈزۈلدى.   مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن سانجۇ سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىگە تەۋە قىياتاش رەسىملىرى. ياغاچئۆيلۈك خەن سۇلالىسى دەۋرى قەدىمىي شەھىرى قاتارلىقلار بار.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  لوپنۇر ناھىيىسى
●  يوپۇرغا ناھىيىسى
●  كۇچا ناھىيىسى
●  نىيە ناھىيىسى
●  شاھدىيار ناھىيىسى
●  باي ناھىيىسى
●  كېرىيە ناھىيىسى
●  لوپ ناھىيىسى
●  گۇما ناھىيىسى
●  خوتەن ناھىيىسى
●  مارالبېشى ناھىيىسى...
●  پەيزىۋات ناھىيىسى
●  قاغىلىق ناھىيىسى
●  يەكەن ناھىيىسى
●  پوسكام ناھىيىسى
●  يېڭىسار ناھىيىسى
●  ئۇلۇغچات ناھىيىسى...
●  كەلپىن ناھىيىسى
●  ئۇچتۇرپان ناھىيىسى...
●  ئونسۇ ناھىيىسى

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  لوپنۇر ناھىيىسى
●  يوپۇرغا ناھىيىسى
●  كۇچا ناھىيىسى
●  نىيە ناھىيىسى
●  شاھدىيار ناھىيىسى
●  باي ناھىيىسى
●  كېرىيە ناھىيىسى
●  لوپ ناھىيىسى
●  گۇما ناھىيىسى
●  خوتەن ناھىيىسى

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى