بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : مەدەنىيىتىمىز >> ناھىيىلىرىمىز >> يەكەن ناھىيىسى

يەكەن ناھىيىسى

يوللانغان ۋاقتى : 2008-10-03 10:40:23    كۆرۈلۈش سانى : 95  
كصچصك | نورمال | چوڭ             
يەكەن ناھىيىسى قارا قۇرۇم تېغىنىڭ شى؛مالىي ئېتىكىگە، پامىر ئېگىزلىكى باغرىغا، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ غەربىي چېتىگە جايلاشقان. شەرق تەرىپى مەكىت ناھىيىسى بىلەن، شەرقىي جەنۇب تەرىپى پوسكام ناھىيىسى، قاغىلىق ناھىيىسى بىلەن، غەرب تەرىپى يېڭىسار ناھىيىسى، ئاقتۇ ناھىيىسى بىلەن، غەربىي جەنۇب تەرىپى تاشقۇرغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، شىمالى تەرىپى يوپۇرغا، مارالبېشى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 190 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى  56 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى  7960.5 كۋادرات كىلومېتىر. قارمىقىدا  7 رايون،  7 بازار،  22 يېزا،  512 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار. تەۋەسىدە ئاپتون رايونلۇق تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ پەيلۇ ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش دېھقانچىلىق مەيدانى بار. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى  1449 كىلومېتىر.  1995 - يىلنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى  568  مىڭ 800 بولۇپ، ئۇيغۇرلار  95.02% نى، خەنزۇلار  4.10% نى، باشقا مىللەتلەر 0.88% نى، تەشكىل قىلىدۇ.   يەكەن غەربىي يۇرتتىكى قەدىمىي دۆلەت. شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ جەنۋۇ  5  - يىلى (29 - يىلى) خېشى بۈيۈك سانغۇنى دۇروڭ يەكەن خانلىقىنىڭ تەيىنلىنىپ خىزمەت كۆرسەتكەن، پەزىلەتلىك خان بولغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە سۇلى تۇتۇق مەھكىمىسىگە قارىغان. سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە قارىخانىيلار خاندانلىقىغا قارىغان. كېيىن غەربىي لياۋ سۇلالىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە چاغاتاي خانلىقىغا قارىغان. مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۇدۇن دۆلىتىگە قارىغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ  9 - يىلى ( 1883 - يىلى) يەكەن بىۋاستىە قاراشلىق ئايمىقى تەسىس قىلىنغان. گۇاڭشۈ  28 - يىلى (1902 - يىلى) دەرىجىسىنى كۆتۈرۈپ يەكەن مەھكىمىسى قىلىنىپ، سارىقول، مارالبېشى ئايمىقى ۋە قاغىلىق، گۇما ناھىيىلىرىنى باشقۇرغان. مىنگو  2 - يىلى ( 1913 - يىلى) يەكەن ناھىيىسى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. مىنگو  18  - يىلى (1929 - يىلى) يەكەن، زەرەپشان دەپ ئىككى ناھىيىگە ئايرىلغان. مىنگو 32 - يىلى (1943  - يىلى) يەنە قوشۇۋېلىپ، بىر ناھىيە قىلىنغان. يەكەندە 10 - مەمۇرىي رايون تەسىس قىلىنىپ، يەكەن، قاغىلىق، پوسكام، مەكىت 4 ناھىيىنى باشقۇرغان.  1949  - يىلىدىن 1956 - يىلىغىچە يەكەن ۋالىي مەھكىمىسى تۇرۇشلۇق جاي بولغان.  1956 - يىلى يەكەن ۋالىي مەھكىمىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندى كېيىن، يەكەن ناھىيىسى قەشقەر ۋىلايىتىگە قارىغان.   يەر تۈزۈلۈشى: غەربىي جەنۇبتىن شەرقىي شىمالغا پەسىيىپ بارىدىغان يەلپۈگۈچسىمان تىنما بولۇپ، تاغلىق يەر  39.6% نى، تۈزلەڭلىك  60.4% نى ئىگىلەيدۇ. تەۋەسىدە زەرەپشان دەرياسى، تىزناپ دەرياسى قاتارلىق دەريالار بار. يىللىق ئېقىن مىقدارى  7 مىليارد  226 مىليون كۇب مېتىر (ئەمەلىيەتتە پايدىلىنلىۋاتقىنى  1  مىليارد 880  مىليون كۇب مېتىر). تۈزلەڭلىك رايونلىرىنىڭ يەر ئاستى سۇ زاپىسى 1 مىليارد  400 مىليون كۇب مېتىر؛ 21 سۇ ئامبىرى بولۇپ، يىللىق سۇ ساقلاش مىقدارى  175 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن ساي تۈلكىسى، ياۋا توڭگۇز قاتارلىقلار بار. ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن چۈچۈكبۇيا، چاكاندا، سوغىگۈل، قانتېپەر، يۇلغۇن، يانتاق قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقدىن مىس، تۆمۈر، قوغۇشۇن، سىنك، فوسفور، گۈڭگۈرت، گەژ، تاش پاختا، كۋارتس، قاش تېشى، چىرىمتال، كۆمۈر قاتارلىقلار بار.   يەكەن ناھىيىسى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى  11.4℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى  41.5℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى  - 23.5℃. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى  2970.0 سائەت.  10℃  جۇغلانما تېمپېراتۇرىسى 4162.5℃، قىروسىز مەزگىلى  212 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى  43.2 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق پارغا ئايلىنىش مىقدارى  2244.9 مىللىمېتىر.   بۇ ناھىيىدە دېھقانچىلىق ئاساس قىلىنىدۇ. ھازىر  78  مىڭ 300 گېكتار ( 1 مىليون  174 مىڭ  500  مو) تېرىلغۇ يەر، 48 مىڭ  600 گېكتار (728  مىڭ 900 مو) سۇ يۈزى،  16 مىڭ  600 گېكتار (249 مىڭ  300  مو) ئورما، 48  مىڭ 700  گېكتار (730 مىڭ مو) ئوتلاق بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، شال، كېۋەز، مايلىقدان قاتارلىقلار بار. بۇنىڭ ئىچىدە يىللىق پاختا مەھسۇلاتى  50 مىڭ توننا ( 1  مىليون دەن) دىن ئاشىدۇ. چارۋىچىلىقتا كالا، قوي، ئات، ئېشەك ئاساس قىلىنىدۇ. سانائىتىدىن ئاشلىق، پاختا پىششىقلاپ ئىشلەش، كۆمۈر، ئېلېكتر قۇۋۋىتى قاتارلىقلار بار.   يەكەن ناھىيىسىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسەلىرى تەدرىجىي ياخشىلانماقتا. دۆلەت تاشيولى 315 - لىنىيىسى ۋە ئۆلكە تاشيولى  215 - لىنىيىسى ناھىيە تەۋەسىدىن ئۆتىدۇ. ناھىيە، يېزا تاشيوللىرى تەرەپ - تەرەپكە تۇتىشىدۇ.  4000 پروگراممىلىق تېلېفون پۈتۈن مەملىكەتنىڭ بىرلەشمە خەۋەرلىشىش تورىغا كىرگۈزۈلدى. كۆچمە خەۋەرلىشىش ئاپپاراتى ئىشلىتىلىشكە باشلىدى.   مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن ئالغۇ جامەسى، ئالتۇن مازا، ياقا ئېرىق كۆرەلتۇرا، يۇنۇس ۋاڭ مازىرى، ئازنا جامەسى قاتارلىقلار بار.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  لوپنۇر ناھىيىسى
●  يوپۇرغا ناھىيىسى
●  كۇچا ناھىيىسى
●  نىيە ناھىيىسى
●  شاھدىيار ناھىيىسى
●  باي ناھىيىسى
●  كېرىيە ناھىيىسى
●  لوپ ناھىيىسى
●  گۇما ناھىيىسى
●  خوتەن ناھىيىسى
●  مارالبېشى ناھىيىسى...
●  پەيزىۋات ناھىيىسى
●  قاغىلىق ناھىيىسى
●  يەكەن ناھىيىسى
●  پوسكام ناھىيىسى
●  يېڭىسار ناھىيىسى
●  ئۇلۇغچات ناھىيىسى...
●  كەلپىن ناھىيىسى
●  ئۇچتۇرپان ناھىيىسى...
●  ئونسۇ ناھىيىسى

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  لوپنۇر ناھىيىسى
●  يوپۇرغا ناھىيىسى
●  كۇچا ناھىيىسى
●  نىيە ناھىيىسى
●  شاھدىيار ناھىيىسى
●  باي ناھىيىسى
●  كېرىيە ناھىيىسى
●  لوپ ناھىيىسى
●  گۇما ناھىيىسى
●  خوتەن ناھىيىسى

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى