بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : مەدەنىيىتىمىز >> ناھىيىلىرىمىز >> نىيە ناھىيىسى

نىيە ناھىيىسى

يوللانغان ۋاقتى : 2008-10-25 11:06:49    كۆرۈلۈش سانى : 169  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
  نىيە ناھىيىسى كوئىنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان. شەرق تەرىپى چەرچەن ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇب تەرىپى شىزاڭ ئاپتونوم رايونى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەر تەرىپى كېرىيە ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شىمال تەرىپى شايار ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 541 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 120 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى 54 مىڭ 200 كۋادرات كىلومېتىر. ناھىيىگە بىر بازار، بەش يېزا، 32 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 1215 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 30 مىڭ 500 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 90.86%  نى، خەنزۇلار 9.01% نى، باشقا مىللەتلەر  0.13% نى تەشكىل قىلىدۇ.   نىيە تارىختا نىران دەپ ئاتالغان. خەن سۇلالىسى دەۋرىدە جۇرجان، ئەندىرە دۆلەتلىرىنىڭ يېرى بولغان. ۋېي، جىن سۇلالىسىدىن كېيىن ئۇدۇن دۆلىتىگە قارىغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ۋەيسا تۇتۇق مەھكىمسىگە قارىغان. چىڭ سۇلالىسىنڭ گۇاڭشۈ 10 - يىلى (1884 - يىلى) كېرىيە ناھىيىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. مىنگو 32 - يىلى (1943 - يىلى) كېرىيە ناھىيىسىدىن ئايرىپ چىقىپ، نىيە باشقۇرۇش ئىدارىسى تەسىس قىلىنغان. مىنگو 33 - يىلى (1944 - يىلى) ناھىيە تەسىس قىلىنغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ خوتەن ۋالىي مەھكىمسىگە خوتەن ۋىلايىتىگە قارىغان.   يەر تۈزۈلۈشى: جەنۇبىي ئېگىز، شىمالىي پەس، جەنۇبىي قىسمى كوئىنلۇن تاغلىق رايونى، شىمالىي قىسمى تىنما تۈزلەڭلىك ۋە قۇملۇق. تاغلىق جايلار 42.5% نى، بوستانلىق 6.8%  نى، قۇملۇق 50.7% نى ئىگىلەيدۇ. نىيە دەرياسى، ياۋا توڭگۇز دەرياسى قاتارلىق دەرياسى بار. يەر ئۈستى دەرياسى سۇ بايلىقى  913 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىكتىكى يەر ئاستى سۇ بايلىقى مىقدارى  288  مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن ياۋا قوتاز، ياۋا تۆگە، تېبەت قۇلۇنى، تېبەت بۆكىنى، تېبەت تۈلكىسى، ئۇلار قاتارلىقلار بار. ياۋا دورا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن توشقان زەدىكى، چۈچۈكبۇيا، چاكاندا، كەترا قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقىدىن نېفىت، ئالتۇن، مىس، تۆمۈر، كۆمۈر، تاش پاختا، چىرىمتال، تۇز قاتارلىقلار بار.   نىيە ناھىيىسى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 11.7℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى  41.5℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى  - 28.3℃، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بىر يىلنىڭ  92.2 كۈنىدە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا  30℃  تىن ئاشىدۇ. كۈننى يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2849.3 سائەت. قىروسىز مەزگىلى  214 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى  30.2 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى  2756.1 مىللىمېتىر.   نىيە ناھىيىسىنىڭ دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى راۋاجلاندۇرۇش شارائىتى بىرقەدەر ياخشى. ھازىر  3600 گېكتار ( 54 مىڭ مو) تېرىلغۇ يەر،  76 مىڭ  700 گېكتار ( 1 مىليون  150 مىڭ مو) ئورمانلىق،  518  مىڭ 600 گېكتار ( 7 مىليون  780  مىڭ مو) ئوتلاق، يەنە 11 مىڭ  700 گېكتار ( 176 مىڭ مو) دېھقانچىلىق قىلىشقا باب كېلىدىغان يەر، 2300 گېكتار (43 مىڭ مو> ئورمان يېتىشتۈرۈشكە باب كېلىدىغان قاقاس يەر بار. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، كېۋەز، مېۋە - چېۋە، كۆكتات قاتارلىقلار بار. چارۋىچىلىقى يايلاق چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. چارۋىسىدىن قوي، كالا، ئات، ئېشەك قاتارلىقلار بار. سانائىتىدىن ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى ۋە ئاشلىق - ماي پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار.   نىيە ناھىيىسىنىڭ ئاساسى مۇئەسسەسەلىرى تەدرىجىي ياخشىلانماقتا. دۆلەت تاشيولىنىڭ 315 - لىنىيىسى ناھىيە تەۋەسىدىن ئۆتىدۇ. تارىم قۇملۇق تاشيولى ناھىيە بازىرى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئارىلىقىنى كۆپ قىسقارتتى. ناھىيە، يېزا تاشيوللىرىنىڭ ھەممىسىگە قاراماي ياتقۇزۇلۇپ بولدى. پروگراممىلىق تېلېفون پۈتۈن مەملىكەت تورىغا كىرگۈزۈلدى.   مەدەنىيەت يادىكارلىقى ۋە تەبىئىي مەنزىرىلىك جايلىرىدىن ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداي ئورنى - نىيە خارابىسى (جورجان دۆلىتى) بىلەن قۇمۇقتا ئېكسپېدىتسىيە ۋە ساياھەت قىلىدىغان ئەڭ ياخشى لىنىيە - تارىم قۇملۇق تاش يولى قاتارلىقلار بار.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  لوپنۇر ناھىيىسى
●  يوپۇرغا ناھىيىسى
●  كۇچا ناھىيىسى
●  نىيە ناھىيىسى
●  شاھدىيار ناھىيىسى
●  باي ناھىيىسى
●  كېرىيە ناھىيىسى
●  لوپ ناھىيىسى
●  گۇما ناھىيىسى
●  خوتەن ناھىيىسى
●  مارالبېشى ناھىيىسى...
●  پەيزىۋات ناھىيىسى
●  قاغىلىق ناھىيىسى
●  يەكەن ناھىيىسى
●  پوسكام ناھىيىسى
●  يېڭىسار ناھىيىسى
●  ئۇلۇغچات ناھىيىسى...
●  كەلپىن ناھىيىسى
●  ئۇچتۇرپان ناھىيىسى...
●  ئونسۇ ناھىيىسى

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  لوپنۇر ناھىيىسى
●  يوپۇرغا ناھىيىسى
●  كۇچا ناھىيىسى
●  نىيە ناھىيىسى
●  شاھدىيار ناھىيىسى
●  باي ناھىيىسى
●  كېرىيە ناھىيىسى
●  لوپ ناھىيىسى
●  گۇما ناھىيىسى
●  خوتەن ناھىيىسى

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى