بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : مەدەنىيىتىمىز >> ناھىيىلىرىمىز >> لوپ ناھىيىسى

لوپ ناھىيىسى

يوللانغان ۋاقتى : 2008-10-17 10:27:49    كۆرۈلۈش سانى : 172  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
لوپ ناھىيىسى تارىم ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىي چېتىگە، كوئىنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان. شەرق تەرىپى چىرا ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇب، شىمال تەرىپى خوتەن شەھىرى، خوتەن ناھىيىسى، قاراقاش ناھىيىسى بىلەن دەريا ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ. شىمال تەرىپى ئاۋات ناھىيىسى، ئاقسۇ شەھىرى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 337.5 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 45 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى 13 مىڭ 600 كۋادرات كىلومېتىر. ئۇنىڭغا ئىككى بازار، سەككىز يېزا، 238 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتى باشقۇرۇشىدىكى لوپ ماخاۋ كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى مۇشۇ يەردە. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 1486 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 214 مىڭ 700، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 98.65% نى، خەنزۇلار  1.3% نى، باشقا مىللەتلەر  0.05% نى تەشكىل قىلىدۇ.   لۇپ قەدىمكى دەۋرىدە ئۇدۇن دۆلىتىگە قارىغان. خەن سۇلالىسى دەۋرىدە غەربىي يۇرت قورۇقچىبەك مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. خەن، تاڭ سۇلالىسى دەۋرلىرىدىن كېيىن ئىزچىل تۈردە ئۇدۇن دۆلىتىنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت مەركىزى بولۇپ كەلگەن. چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ 28 - يىلى (1902 - يىلى) خوتەنگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئايماقنىڭ يۇرۇڭقاش دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى 15 كەنت بىلەن خوتەن ناھىيىسى ئىكىنلەنگەرنىڭ غەربىدىكى 23 كەنىتنى ئايرىپ چىقىپ لوپ ناھىيىسى تەسىس قىلىنىپ، قەشقەر دوتەي مەھكىمىسى خوتەن بىۋاسىتە قاراشلىق ئايمىقىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. مىنگو 9 - يىلى (1920 - يىلى) خوتەن دوتەي مەھكىمىسىگە قارىغان. 2 - يىلى 7 - مەمۇرىي رايونىغا قارايدىغان بولغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ خوتەن ۋالىي مەھكىمىسى، خوتەن ۋىلايىتىگە قارىغان.   يەر تۈزۈلۈشى: غەربىي جەنۇبىي ئېگىز، شەرقىي شىمالىي پەس بولۇپ، سوقىسىمان ھالەت شەكىللەنگەن. تاغلىق رايون 10.4% نى، تۈزلەڭلىك بوستانلىق  5.6% نى، قۇملۇق  84%  نى ئىگىلەيدۇ. يۇرۇڭقاش دەرياسى، ئاچچىق دەرياسى، ئوتتۇرا قىر دەرياسى قاتارلىق دەريا بار. يەر ئۈستى سۇ بايلىقى 1 مىليارد  649 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىكتىكى يەر ئاستى سۇ بايلىقى مىقدارى  268 مىليون كۇب مېتىر (ئېچىشقا بولىدىغىنى  80 مىليون كۇب مېتىر). ياۋايى ھايۋان بايلىقىدىن ئاق بوغۇز بۆكەن، ئۇلار، سۇغۇر، ياۋا چوشقا، تىبەت تۈلكىسى قاتارلىقلار بار. ياۋا دورا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن توغراق، يۇلغۇن، جىگدە، ئاق تىكەن، ئالقات، چۈچۈكبۇيا، توشقان زەدىكى، چاكاندا قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقىدىن كۆمۈر، تۆمۈر، سىڭىرتاش، ھاك تېشى قاتارلىقلار بار.   لوپ ناھىيىسى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى  12.1℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى  40.6℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى  - 21.6℃. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى  2790 سائەت.  10℃  يىغىندا تېمپېراتۇرىسى 4360.9℃، قىروسىز مەزگىلى  210 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى  34.8 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى  2602 مىللىمېتىر.   لوپ ناھىيىسى دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. ھازىر  24 مىڭ گېكتار ( 359 مىڭ مو) تېرىلغۇ يەر،  98  مىڭ 200  گېكتار (بىر مىليون 473 مىڭ مو) ئورمان،  99 مىڭ  300  گېكتار (بىر مىليون 490 مىڭ مو) ئوتلاق بار. يەنە  84 مىڭ گېكتار (بىر مىليون  260 مىڭ مو) دېھقانچىلىق قىلىشقا باب كېلىدىغان قاقاس يەر، 6700 گېكتار (100 مىڭ مو) ئورمان يېتىشتۈرۈشكەن باب كېلىدىغان قاقاس يەر بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، كېۋەز، شال، پۇرچاق، ياغلىق گازىر قاتارلىقلار بار. چارۋىچىلىقتا دېھقانچىلىق رايونى چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. چارۋىسىدىن كالا، قوي، ئېشەك قاتارلىقلار بار. سانائىتىدىن ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، يىپەكچىلىك، پاختا چىقىرىش، سېمونت، گىلەمچىلىك، ئاشلىق - ماي ۋە يېمەكلىكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار. بۇنىڭ ئىچىدە گىلەم بىلەن يەرلىك نۇسخىدىكى <ئەتلەس> بىرقەدەر داڭلىق.   لوپ ناھىيىسىنىڭ ئاساسىي مۇئەسسەسەلىرى تەدرىجىي ياخشىلانماقتا. دۆلەت تاشيولىنىڭ 315 - لىنىيىسى ناھىيىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. ناھىيە، يېزا يوللىرىنىڭ ھەممىسى ئاسفالىتلاشتۇرۇلغان.  1000 پروگراممىلىق تېلېفون پۈتۈن مەملىكەت تورىغا كىرگۈزلۈپ بولدى. مەدەنىي يادىكارلىقلىرىدىن ئاقسېپىل قەدىمىي شەھىرى، ئىمامئاسىم مازىرى، سامپۇل قەدىمىي قەلئە قەبرىستانلىقى، ئاچچىق قەدىمكى دەۋر تۆمۈر تاۋلاش خارابىسى قاتارلىقلار بار.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  لوپنۇر ناھىيىسى
●  يوپۇرغا ناھىيىسى
●  كۇچا ناھىيىسى
●  نىيە ناھىيىسى
●  شاھدىيار ناھىيىسى
●  باي ناھىيىسى
●  كېرىيە ناھىيىسى
●  لوپ ناھىيىسى
●  گۇما ناھىيىسى
●  خوتەن ناھىيىسى
●  مارالبېشى ناھىيىسى...
●  پەيزىۋات ناھىيىسى
●  قاغىلىق ناھىيىسى
●  يەكەن ناھىيىسى
●  پوسكام ناھىيىسى
●  يېڭىسار ناھىيىسى
●  ئۇلۇغچات ناھىيىسى...
●  كەلپىن ناھىيىسى
●  ئۇچتۇرپان ناھىيىسى...
●  ئونسۇ ناھىيىسى

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  لوپنۇر ناھىيىسى
●  يوپۇرغا ناھىيىسى
●  كۇچا ناھىيىسى
●  نىيە ناھىيىسى
●  شاھدىيار ناھىيىسى
●  باي ناھىيىسى
●  كېرىيە ناھىيىسى
●  لوپ ناھىيىسى
●  گۇما ناھىيىسى
●  خوتەن ناھىيىسى

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى