بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : مەدەنىيىتىمىز >> ناھىيىلىرىمىز >> خوتەن ناھىيىسى

خوتەن ناھىيىسى

يوللانغان ۋاقتى : 2008-10-13 10:43:04    كۆرۈلۈش سانى : 48  
كصچصك | نورمال | چوڭ             
خوتەن ناھىيىسى تارىم ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىغا، قارا قۇرۇم تېغىنىڭ شىمالىي ئېتكىگە جايلاشقان. شەرق تەرىپى خوتەن شەھىرى، لوپ ناھىيىسى، چىرا ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەرب تەرىپى دەريا ئارقىلىق قاراقاش ناھىيىسى، گۇما ناھىيىسىدىن ئايرىلىپ تۇرىدۇ. شەرقىي جەنۇب تەرىپى شىزاڭ ئاپتونوم رايون بىلەن تۇتىشىدۇ. غەربىي جەنۇب تەرىپى كەشمىر (ھىندسىتاننىڭ ئەمەلىي كونتروللىقىدىكى رايون) بىلەن چېگرىلىنىدۇ، (چېگرا لىنىيىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 150 كىلومېتىر)، ئومۇمىي يەر مەيدانى  42  مىڭ 700 كۋادرات كىلومېېتىر. قارمىقىدا بىر بازار،  11 يېزا،  214 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار. بۇيەردە يەنە ئاپتونوم رايونلۇق تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسىغا بىۋاسىتە قاراشلىق كارخانا - بۇيا كۆمۈر كېنى بار. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى  1520 كىلومېتىر. 1995  - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 231  مىڭ 600 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار  99.42% نى، خەنزۇلار  0.46% نى، باشقا مىللەتلەر  0.21% نى تەشكىل قىلىدۇ.   خوتەن ناھىيىسى خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئۇدۇن دۆلتىنىڭ غەربىي شەھىرى ئىدى. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ۋەيسا تۇتۇق مەھكىمىسىگە تەۋە بولۇپ، ئەنشى باش قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىگە قارىغان. چىڭ سۇلالىسى گۇاڭشۇنىڭ  9 - يىلى ( 1883 - يىلى) خوتەن بىۋاسىتە قاراشلىق ئايمىقى تەسىس قىلىنىپ، قەشقەر دوتەي مەھكىمىسىگە قارىغان. مىنگو  2  - يىلى (1913 - يىلى) خوتەن ناھىيىسى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ خوتەن مەمۇرىي رايونى ۋە خوتەن ۋالىي مەھكىمىسىگە قارىغان.  1959 - يىلى نامى خوتەن ناھىيىسى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. ھازىر خوتەن ۋىلايىتىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولۇۋاتىدۇ.   يەر تۈزۈلۈشى: جەنۇبىي ئېگىز، شىمالىي پەس، جەنۇبىدا ئېگىز تاغلار سوزۇلۇپ ياتىدۇ. ئوتتۇرا قىسمى بەلۋاغسىمان تىنما تۈزلەڭلىك بولۇپ، تاغلىق رايونى  95% نى، تۈزلەڭلىك  0.14% نى، قۇملۇق  4.86% نى ئىگىلەيدۇ. قارقاش دەرياسى بىلەن يورۇڭقاش دەرياسى بار. يەر ئۈستى سۇ بايلىقى مىقدارى  679 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىكتىكى يەر ئاستى سۇ بايلىقى مىقدارى 907 مىليون كۇب مېتىر (خوتەن شەھىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ). ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن يىلپىز، ئاق بوغۇز بۆكەن، ئۇلار، قاپلان قاتارلىقلار بار. ياۋا دورا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن چۈچۈكبۇيا، ئالقات، يەر مەدىكى (بۆرى سامساق)، توشقان زەدىكى قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقىدىن ئالتۇن، قاشتېشى، كۆمۈر، سىڭىرتاش، ھاك تېشى، بېرىللېي، لىتىي، نئوبىي، تانتال قاتارلىقلار بار.   خوتەن ناھىيىسى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 12.2℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى  40.6℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى  - 21.6℃، كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى  2610.6 سائەت.  10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرىسى  4360.9℃. قىروسىز مەزگىلى  224 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى  33.4 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى  2602.0 مىللىمېتىر. يىللىق ئوتتۇرىچە قاتتىق قۇم ئۇچۇش - بوران چىقىش ۋاقتى  32.9 كۈن.   ناھىيىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش شارائىتى بىرقەدەر ياخشى. ھازىر  20  مىڭ 600  گېكتار (309 مىڭ مو) تېرىلغۇ يەر،  21 مىڭ  300 گېكتار  (320 مىڭ مو) ئورمانلىق، ئىككى مىليون  302 مىڭ گېكتار ( 11 مىليون  510 مىڭ مو) يايلاق، يەنە 96 مىڭ 700 گېكتار (بىر مىليون 450 مىڭ مو) دېھقانچىلىققىمۇ، ئورمانچىلىققىمۇ باب كېلىدىغان قاقاس يەر بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، شال، كۆممىقوناق، كېۋەز، مېۋە - چېۋە  كۆكتات قاتارلىقلار بار. چارۋىچىلىقى يايلاق چارۋىچىلىقى ئاساس ئورۇندا تۇرىدۇ. چارۋىسىدىن كالا، قوي، ئېشەك قاتارلىقلار بار. پىلىچىلىكىمۇ مەلۇم كۆلەمگە ئىگە. سانائىتىدىن ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، يىپەك تارتىش، سېمونت، پاختا پروكاتلاش، گىلەمچىلىك، ئاشلىق - ماي پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار. بۇنىڭ ئىچىدە <خوتەن قاشتېشى>، <خوتەن گىلىمى>، <خوتەن يىپىكى> يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلات.   خوتەن ناھىيىسىنىڭ ئاساسىي مۇئەسسەسەلىرى ئۈزلۈكسىز ياخشىلانماقتا. دۆلەت تاشيولىنىڭ  315 - لىنىيىسى ناھىيىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. ناھىيە، يېزىلارنى قورشاپ تۇرغان ئاسفالت يوللارنىڭ ئۇزۇنلۇقى  1000 كىلومېتىرغا يېتىدۇ. ناھىيە بازىرىدىن ئايرودرومىغىچە بولغان ئارىلىق ئالتە كىلومېتىرلا كېلىدۇ. نۇر كابىل ئارقىلىق خەۋەرلىشىش رەسىمىي باشلاندى. پروگراممىلىق تېلېفون پۈتۈن مەملىكەت تورىغا كىرگۈزۈلدى.   مەدەنىي يادىكارلىقلاردىن مىلىكئاۋات، پوتقان قاتارلىقلار بار. چەكسىز كەتكەن ئۈزۈم كارىدورى. مىڭ يىللىق ياڭاق دەرىخى پادىشاھى،  500 يىللىق ئەنجۈر دەرىخى پادىشاھى قاتارلىق تەبىئىي مەنزىرىلىرى بار.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  لوپنۇر ناھىيىسى
●  يوپۇرغا ناھىيىسى
●  كۇچا ناھىيىسى
●  نىيە ناھىيىسى
●  شاھدىيار ناھىيىسى
●  باي ناھىيىسى
●  كېرىيە ناھىيىسى
●  لوپ ناھىيىسى
●  گۇما ناھىيىسى
●  خوتەن ناھىيىسى
●  مارالبېشى ناھىيىسى...
●  پەيزىۋات ناھىيىسى
●  قاغىلىق ناھىيىسى
●  يەكەن ناھىيىسى
●  پوسكام ناھىيىسى
●  يېڭىسار ناھىيىسى
●  ئۇلۇغچات ناھىيىسى...
●  كەلپىن ناھىيىسى
●  ئۇچتۇرپان ناھىيىسى...
●  ئونسۇ ناھىيىسى

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  لوپنۇر ناھىيىسى
●  يوپۇرغا ناھىيىسى
●  كۇچا ناھىيىسى
●  نىيە ناھىيىسى
●  شاھدىيار ناھىيىسى
●  باي ناھىيىسى
●  كېرىيە ناھىيىسى
●  لوپ ناھىيىسى
●  گۇما ناھىيىسى
●  خوتەن ناھىيىسى

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى