پوسكام ناھىيىسى
يوللانغان ۋاقتى : 2008-10-01 10:06:07 كۆرۈلۈش سانى : 69
پوسكام ناھىيىسى تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىي چېتىگە، زەرەپشان دەرياسىنىڭ يەلپۈگۈچسىمان تىنىمىسىغا جايلاشقان. جەنۇب تەرىپى قاغىلىق ناھىيىسى، شىمال تەرىپى يەكەن ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەربىي جەنۇبتىن شەرقىي شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 61 كىلومېتىر. غەربىي شىمالدىن شەرقىي جەنۇبقىچە بولغان كەڭلىكى 14 - 23 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى 1096.2 كۋادرات كىلومېتىر. قارمىقىدا بىر رايون، 2 بازار، 10 يېزا، 133 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 1447 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 153 مىڭ 900 بولۇپ، ئۇيغۇرلار 74.73% نى، خەنزۇلار 22.68% نى، باشقا مىللەتلەر 2.59% نى تەشكىل قىلىدۇ.
پوسكام خەن سۇلالىسى دەۋرىدە قەدىمىي يەكەن دۆلىتىنىڭ بىر كەنتى ئىدى. ئۈچ پادىشاھلىق دەۋرىدە سۇلىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە جوجوف دۆلىتىگە، كېيىن ئۇدۇن دۆلىتىگە قارىغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە يەكەننىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ 30 - يىلى (1904 - يىلى) قاغىلىق ناھىيىسىگە ئايرىپ بېرىلگەن. مىنگو 10 - يىلى ( 1921 - يىلى) قاغىلىق ناھىيىسىدىن ئايرىپ چىقىپ پوسكام ناھىيىسى قىلىپ تەسىس قىلىنغان ھەم قەشقەر دوتەي مەھكىمىسىگە قارىغان. مىنگو 32 - يىلى ( 1943 - يىلى) 10 - مەمۇرىي رايون ۋە يەكەن ۋالىي مەھكىمىسىگە قارىغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ يەكەن ۋالىي مەھكىمىسىگە، قەشقەر ۋالىي مەھكىمىسىگە، قەشقەر ۋىلايىتىگە قارىغان.
يەر تۈزۈلۈشى: غەربىي جەنۇبتىن شەرقىي شىمالغا پەسىيىپ بارىدۇ. تۈزلەڭلىك يېرى 67.5% نى، چۆللۈك 22.5% نى ئىگىلەيدۇ. تەۋەسىدە زەرەپشان دەرياسى بولۇپ، يىللىق ئوتتۇرىچە ئېقىن مىقدارى 550 مىليون كۇب مېتىر ئەتراپىدا، تۈزلەڭلىك رايونلىرىنىڭ يەرئاستى سۇ زاپىسى 633 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋاناتتىن ساي تۈلكىسى، ئىپپار چاشقىنى قاتارلىقلار بار. ياۋا دورا ئۆسۈملۈك بايلىقى بىرقەدەر مول، بۇنىڭ ئىچىدە چۈچۈكبۇيا كەڭ تارقالغان. قېزىلما بايلىقلىرىدىن نېفىت ۋە كۆمۈر بار.
پوسكام ناھىيىسى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 11.4℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 38.8℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 23.0℃. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2659.7 سائەت. قىروسىز مەزگىلى 214 كۈن. يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 49.0 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2228.2 مىللىمېتىر.
بۇ ناھىيىنىڭ يېزا ئىگىلىكى بىرقەدەر تەرەققىي قىلغان. ھازىر 24 مىڭ 200 گېكتار (362 مىڭ 400 مو) تېرىلغۇ يەر، 6200 گېكتار (93 مىڭ مو) ئورما، 5300 (75 مىڭ 700 مو) ئوتلاق، 8600 گېكتار (128 مىڭ 900 مو) سۇ يۈزى، 3300 گېكتار (50 مىڭ مو) دېھقانچىلىققا باب كېلىدىغان قاقاس يەر، 1200 گېكتار (17 مىڭ 500 مو) ئورمانچىلىققا باب كېلىدىغان قاقاس يەر بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن كېۋەز، بۇغداي، كۆممىقوناق، شال، قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە - چېۋە، ئالما، ئامۇت، ياڭاق، بادام، چىلان ۋە كۆكتات قاتارلىقلار بار. چارۋىچىلىقتا كالا، قوي، ئېشەك ئاساس قىلىنىدۇ. سانائىتىدىن پاختا توقۇمىچىلىق، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، كۆمۈر، ئېلېكتر قۇۋۋىتى، سۇلياۋ بۇيۇملىرى ئىشلەش قاتارلىقلار بار.
پوسكام ناھىيىسىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسەلىرى تەدرىجىي ياخشىلانماقتا. دۆلەت يولى 315 - لىنىيىسى ناھىيە تەۋەسىدىن ئۆتىدۇ. شەھەر - يېزىلارنىڭ ئاسفالىت يوللىرى تەرەپ - تەرەپكە تۇتىشىدۇ. نۇر كابىللىق خەۋەرلىشىش ۋاسىتىلىرى، پروگراممىلىق تېلېفون ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. |
|