بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : مەدەنىيىتىمىز >> ناھىيىلىرىمىز >> شاھدىيار ناھىيىسى

شاھدىيار ناھىيىسى

يوللانغان ۋاقتى : 2008-05-21 12:01:55    كۆرۈلۈش سانى : 248  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
شايار ناھىيىسى تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي قىسمىغا، تارىم دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنىغا جايلاشقان. شەرق تەرىپى لوپنۇر ناھىيىسى، چەرچەن ناھىيىسى بىلەن، جەنۇب تەرىپى كىرىيە ناھىيىسى، نىيە ناھىيىسى، چىرا ناھىيىسى بىلەن، غەرب تەرىپى ئاقسۇ شەھىرى بىلەن، شىمال تەرىپى توقسۇ ناھىيىسى، كۇچا ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 180  كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 220 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى  32  مىڭ كۋادرات كىلومېتىر. ناھىيىگە بىر بازار، يەتتە يېزا، 143 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ناھىيە تەۋەسىدە ئاپتونوم رايونلۇق تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسىگە بىۋاسىتە قاراشلىق تارىم ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش دېھقانچىلىق مەيدانى بار. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى  835  كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى  173 مىڭ  500. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار  85.19%نى، خەنزۇلار  14.1% نى، باشقا مىللەتلەر  0.80% نى تەشكىل قىلىدۇ.   شايار ناھىيىسى خەن سۇلالىسى دەۋرىدە كۇسەن دۆلىتىنىڭ يېرى بولغان. غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىگە قارىغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە كۇسەن تۇتۇق مەھكىمىسىگە قارىغان. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە بېشبالىق ۋاقىتلىق ۋازارىتىگە قارىغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ چيەنلۇڭ  23 - يىلى (1758 - يىلى) كۇچاغا قويۇلغان خان ئامبال شايارنى قوشۇمچە باشقۇرغان ھەمدە شاياردا  3 - دەرىجىلىك ھاكىمبەگ قويۇپ ھۆكۈمرانلىق قىلغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ  8 - يىلى (1882 - يىلى) كۇچا ئەمىنىيە نازارىتىگە قارىغان، چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ  28  - يىلى (1902 - يىلى) شايار ناھىيىسى تەسىس قىلىنىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئاقسۇ دوتەي مەھكىمىسى،  4 - مەمۇرىي رايون ۋە ئاقسۇ ۋالىي مەھكىمىسىگە قارىغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئاقسۇ ۋالىي مەھكىمىسى ۋە ئاقسۇ ۋىلايىتىگە قارىغان.   يەر تۈزۈلۈشى: شىمالىي ئېگىز، جەنۇبىي پەس بولۇپ، ئۈگەن دەرياسى تىنمىسى، تارىم دەرياسى ۋادىسى تۈزلەڭلىكى ۋە تەكلىماكان قۇملۇقىدىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە تۈزلەڭلىك، بوستانلىق  19.5% نى، قۇملۇق  80.5% نى ئىگىلەيدۇ. ئۈگەن دەرياسى ۋە تارىم دەرياسىدىن ئىبارەت چېگرا ھالقىغان ئىككى دەرياسى بار، يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى ئالتە مىليارد  300 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىك رايونلىرىنى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى سۈيى مىقدارى بىر مىليارد  120  مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن قارالەيلەك، كوكۇلىلىق تۇرنا، قارا تايغان بۇغا، تارىم توشقىنى، ئاق بوغۇز بۆكەن، ياۋا توڭگۇز، قىرغاۋۇل قاتارلىقلار بار. ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن لوپنۇر كەندىرى، توغراق (زاپاس مىقدارى 540 مىڭ كۇب مېتىرغا يېتىدۇ)، چۈچۈكبۇيا، ئالىقات، توشقان زەدىكى، چىغان قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقىدىن نېفىت، تەبىئىي گاز، گىلائۇبېر تۇزى، شۇلتا قاتارلىقلار بار.   شايار ناھىيىسى ئىللىق مۆتىدىل بەلۋاغ ئىنتايىن قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى  10.8℃ ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 41℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى  -28.7℃، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 87.1 كۈندە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا  30℃  تىن يۇقىرى بولىدۇ. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 3036.3 سائەت  10℃  يىغىندا تېمپېراتۇرىسى 4109.6℃. قىروسىز مەزگىلى  216 كۈن. يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى  42.8 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى  2006.7 مىللىمېتىر.   بۇ ناھىيە دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. ھازىرقى تېرىلغۇ يەر كۆلىمى  42 مىڭ  600 گېكتار (639 مىڭ مو)، ئورمان كۆلىمى  107 مىڭ  300 گېكتار (1  مىليون 610 مىڭ مو)، يەنە دېھقانچىلىق قىلىشقا باب كېلىدىغان  48 مىڭ گېكتار  (720 مىڭ مو)، ئورمان بىنا قىلىشقا ۋە چارۋىچىلىق قىلىشقا باب كېلىدىغان  213 مىڭ  300 گېكتار (3  مىليون 200 مىڭ مو) قاقاس يەر بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، كېۋەز، قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە - چېۋە، كۆكتات، قولماق قاتارلىقلار بار. بۇلارنىڭ ئىچىدە كېۋەز ناھايىتى زور سالماقنى ئىگىلەيدۇ. بۇ ناھىيە  1994 - يىلى مەملىكەت بويىچە پاختا ئىشلەپچىقىرىدىغان كۈچلۈك  100  ناھىيە ئىچىدە 10 - قاتارغا ئۆتتى. چارۋىسىدىن كالا، قوي، ئېشەك، ئات قاتارلىقلار بار. ھەسەل ھەرىسى بېقىش ۋە سۇ مەھسۇلاتلىرى ئۆستۈرۈش ۋە سۇ ئۆسۈملۈكلىرى باقمىچىلىقىمۇ مەلۇم كۆلەمگە ئىگە. سانائىتىدىن توقۇمىچىلىق، قەغەز ياساش، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، ماي خىمىيە سانائىتى، ماشىنا رېمونتچىلىقى، ئاشلىق، ماي ۋە يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار.   شايار ناھىيىسىنىڭ ئاساس مۇئەسسەسەلىرى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشمەكتە. ئۆلكە تاشيولىنىڭ 210 - ۋە  211 - لىنىيىسى دۆلەت تاشيولىنىڭ  314 - لىنىيىسى بىلەن ناھىيە تەۋەسىدە تۇتىشىدۇ. ناھىيە، يېزا يوللىرى تەرەپ - تەرەپكە تۇتاشقان. ئوپتىكلىق كابىل ئارقىلىق خەۋەرلىشىش رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.  3000 پروگراممىلىق تېلېفون پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئالاقلىشىش تورىغا كىرگۈزۈلدى.   ناھىيىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن توڭگۇز باش قەدىمىي شەھىرى، بوساتانتوغراق قەدىمىي شەھىرى، ھەجە ئانام قەدىمى قەبرىستانلىقى، تاشدۆڭ قەدىمىي شەھىرى ۋە ئەگمە يانتاق قەدىمىي شەھىرى قاتارلىقلار بار.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  لوپنۇر ناھىيىسى
●  يوپۇرغا ناھىيىسى
●  كۇچا ناھىيىسى
●  نىيە ناھىيىسى
●  شاھدىيار ناھىيىسى
●  باي ناھىيىسى
●  كېرىيە ناھىيىسى
●  لوپ ناھىيىسى
●  گۇما ناھىيىسى
●  خوتەن ناھىيىسى
●  مارالبېشى ناھىيىسى...
●  پەيزىۋات ناھىيىسى
●  قاغىلىق ناھىيىسى
●  يەكەن ناھىيىسى
●  پوسكام ناھىيىسى
●  يېڭىسار ناھىيىسى
●  ئۇلۇغچات ناھىيىسى...
●  كەلپىن ناھىيىسى
●  ئۇچتۇرپان ناھىيىسى...
●  ئونسۇ ناھىيىسى

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  لوپنۇر ناھىيىسى
●  يوپۇرغا ناھىيىسى
●  كۇچا ناھىيىسى
●  نىيە ناھىيىسى
●  شاھدىيار ناھىيىسى
●  باي ناھىيىسى
●  كېرىيە ناھىيىسى
●  لوپ ناھىيىسى
●  گۇما ناھىيىسى
●  خوتەن ناھىيىسى

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى