بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : مەدەنىيىتىمىز >> ناھىيىلىرىمىز >> ئونسۇ ناھىيىسى

ئونسۇ ناھىيىسى

يوللانغان ۋاقتى : 2008-09-11 11:24:04    كۆرۈلۈش سانى : 51  
كصچصك | نورمال | چوڭ             
ئونسۇ ناھىيىسى تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي چېتىگە جايلاشقان. شەرق تەرىپى باي، توقسۇ بىلەن، جەنۇب تەرىپى ئاقسۇ شەھىرى بىلەن، غەرب تەرىپى ئۇچتۇرپان ناھىيىسى بىلەن، شىمال تەرىپى موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەربىي شىمالىي تەرىپى قىرغىزىستان ۋە قازاقىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ (چېگرا لىنىيىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 119 كىلومېتىر). شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى  153 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى  167 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى  14 مىڭ  600  كۋادرات كىلومېتىر. ناھىيىگە بىر بازار، توققۇز يېزا، 108 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ناھىيە تەۋەسىدە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك  1 - شىسنىڭ ئىككى تۇەن - مەيدانى بار. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى  1001 كىلومېتىر.  1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى  194 مىڭ  800، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار  76.90% نى، خەنزۇلار  20.53% نى، باشقا مىللەتلەر  2.57% نى تەشكىل قىلىدۇ.   ئونسۇ ناھىيىسى غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە قۇم دۆلىتىنىڭ يېرى بولغان. شەرقىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە كۇسەنگە قارىغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە قۇم ئايمىقى قىلىپ تەسىس قىلىنغان. چىڭ سۇلالىس گۇاڭشۈنىڭ  10 - يىلى (1884 - يىلى) ئونسۇ بىۋاسىتە قاراشلىق ئايمىقى قىلىپ تەسىس قىلىنغان، گۇاڭشۈنىڭ  28 - يىلى (1902 - يىلى) دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ ئايماقتىن مەھكىمىگە ئۆزگەرتىلگەن. مىنگونىڭ  2 - يىلى (1913  - يىلى) ناھىيە قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. 1958 - يىلى ئاقسۇ ناھىيىسىگە قوشۇۋېتىلگەن.  1962 - يىلى ئاقسۇ كونىشەھەر دېگەن نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، ئاقسۇ ۋىلايىتىگە قارىغان.   يەر تۈزۈلۈشى: شىمالىي تەرىپى ئېگىز، جەنۇب تەرىپى پەس، شىمالىي قىسمى تەڭرىتاغ رايونى بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى  6000 مېتىردىن ئاشىدىغان تاغ چوققىسىدىن  20 دىن كۆپرەككى بار (تۆمۈر چوققىسى ئە ئېگىز چوققا بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى  7435.29 مېتىر كېلىدۇ). جەنۇبىي قىسمى تاغ - دەريالار ئارىلىقىدىكى تۈزلەڭلىك ۋە دەريا ئېقىنىنىڭ تىنىشىدىن ھاسىل بولغان تۈزلەڭلىك. بۇنىڭ ئىچىدە تاغ يېرى  52.4% نى، تۈزلەڭلىك 17.6% نى، قۇملۇق  30% نى ئىگىلەيدۇ. دەرياسىدىن توشقان دەرياسى، قومئېرىق دەرياسى، تېرەڭ دەرياسى، قارا يۇلغۇن دەرياسى ۋە مۇزات دەرياسى قاتارلىقلار بار. يەر يۈزى سۇ بايلىقى ئۈچ مىليارد  20 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىك رايونلىرىنى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى سۈيى مىقدارى بىر مىليارد  120 مىليون كۇب مېتىر. ياۋا ھايۋانات بايلىقىدىن قۇلان، يىلپىز، قاقىر، شىمال ئۆچكىسى، قوڭۇر ئېيىق، ئارقار، ئۇلاr قاتارلىقلار بار. ھازىرغىچە بايقالغان قېزىلما بايلىقىدىن كۆمۈر، گەج، قاشتېشى، تۇز، سېغىز توپا، مەرۋايىت تاش قاتارلىقلار بار.   ئونسۇ ناھىيىسى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى  10.2℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى  37.6℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى  - 27.4℃. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2718.1 سائەت. قىروسىز مەزگىلى  207 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى  62.9 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى  180.9 مىللىمېتىر.   بۇ ناھىيە يېرىم دېھقانچىلىق، يېرىم چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ناھىيە، ھازىرقى تېرىلغۇ يەر كۆلىمى  37 مىڭ  500 گېكتار ( 562 مىڭ  500 مو)، ئورمانلىق كۆلىمى  95 مىڭ 700  گېكتار (بىر مىليون 435  مىڭ 500  مو)، ئوتلاق كۆلىمى 541  مىڭ گېكتار (8  مىليون 115 مىڭ مو)، يەنە دېھقانچىلىق قىلىشقا باب كېلىدىغان  37 مىڭ  600 گېكتار (564 مىڭ مو) قاقاس يەر بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن شال، بۇغداي، كۆممىقوناق، كېۋەز، قىزىلچا، قۇلماق، قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە - چېۋە قاتارلىقلار بار. بۇنىڭ ئىچىدە ئىنچىكىلىك بىلەن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن گۈرۈچ، پۇراقلىق گۈرۈچ، يېپىشقاق پۇراقلىق گۈرۈچ مەملىكەتلىك دېھقانچىلىق مىنىستىرلىكىنىڭ <يېشىل يېمەكلىك> گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشتى. چارۋىسىدىن كالا، قوي، ئات، ئېشەك قاتارلىقلار بار. سانائىتىدىن ئېنېرگىيە، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، يېمەكلىك، يېزا ئىگىلىك ۋە قوشۇمچە كەسىپ مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىشلىتىدىغان بۇيۇملار قاتارلىقلار بار. ئۆزىگە خاس مەھسۇلاتلىرىدىن دۇڭلىڭ قاشتېشىدىن سىپتا پىششىقلاپ ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلار، دورىلىق ناترىي خلورد، ئېفېرىن قاتارلىقلار بار.   ئونسۇ ناھىيىسىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسەلىرى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشمەكتە. دۆلەتە تاشيولىنىڭ  314 - لىنىيىسى ناھىيىدىن كېسىپ ئۆتىدۇ. ناھىيە، يېزا يوللىرى تەرەپ - تەرەپكە تۇتاشقان؛  2000 پروگراممىلىق تېلېفون مەملىكەتنىڭ ئالاقىلىشى تورىغا كىرگۈزۈلدى. ئوپتىكىلىق كابىل ئارقىلىق خەۋەرلىشىش، سىمسىز چاقىرىش ۋە خەلقئارالىق فاكس بىردەك ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.   ناھىيىنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى گۈزەل، داڭلىق مەنزىرىلىك جايلىرىدىن قىرمىشئاتام مازىرى، تۆمۈر چوققا تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى قاتارلىقلار بار.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  لوپنۇر ناھىيىسى
●  يوپۇرغا ناھىيىسى
●  كۇچا ناھىيىسى
●  نىيە ناھىيىسى
●  شاھدىيار ناھىيىسى
●  باي ناھىيىسى
●  كېرىيە ناھىيىسى
●  لوپ ناھىيىسى
●  گۇما ناھىيىسى
●  خوتەن ناھىيىسى
●  مارالبېشى ناھىيىسى...
●  پەيزىۋات ناھىيىسى
●  قاغىلىق ناھىيىسى
●  يەكەن ناھىيىسى
●  پوسكام ناھىيىسى
●  يېڭىسار ناھىيىسى
●  ئۇلۇغچات ناھىيىسى...
●  كەلپىن ناھىيىسى
●  ئۇچتۇرپان ناھىيىسى...
●  ئونسۇ ناھىيىسى

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  لوپنۇر ناھىيىسى
●  يوپۇرغا ناھىيىسى
●  كۇچا ناھىيىسى
●  نىيە ناھىيىسى
●  شاھدىيار ناھىيىسى
●  باي ناھىيىسى
●  كېرىيە ناھىيىسى
●  لوپ ناھىيىسى
●  گۇما ناھىيىسى
●  خوتەن ناھىيىسى

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى