بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : مەدەنىيىتىمىز >> ناھىيىلىرىمىز >> ئۇلۇغچات ناھىيىسى

ئۇلۇغچات ناھىيىسى

يوللانغان ۋاقتى : 2008-09-25 10:29:23    كۆرۈلۈش سانى : 49  
كصچصك | نورمال | چوڭ             
  ئولۇغچات ناھىيىسى تەڭرىتېغى بىلەن كوئىنلۇن تېغى تۇتاشقان جايغا جايلاشقان. شەرق تەرىپى ئاتۇش شەھىرى، قەشقەر كونا شەشەر ناھىيىسى بىلەن، جەنۇب تەرىپى ئاقتۇ ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەربىي شىمال قىسمى قىرغىزىستان بىلەن چېگرىداش (چېگرا لىنىيىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 410  كىلومېتىر)، شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 180 كىلومېتىر. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى  160 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى  17 مىڭ  900 كۋادرات كىلومېتىر. قارمىقىدا ئىككى بازار، توققۇز يېزا،  30 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن ئارىلىقى بىر مىڭ  527 كىلومېتىر.  1995  - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 41 مىڭ 600. بۇنىڭ ئىچىدە قىرغىزلار  73.10% نى، ئۇيغۇرلار  19.7%  نى، خەنزۇلار  6.89% نى، باشقا مىللەتلەر  0.25% نى تەشكىل قىلىدۇ.   ئۇلۇغچات خەن سۇلالىسى دەۋرىدە يۇندۇ دۆلىتىنىڭ يېرى بولغان. خەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىگە كەلگەندە سۇلى دۆلىتىگە قوشۇۋېتىلگەن، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە سۇلى قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىگە قارىغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ چيەنلۇڭ  23 - يىلى (1758  - يىلى) قەشقەرگە قارىغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ 8  - يىلى (1882 - يىلى) قەشقەر كونا شەھەر ناھىيىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىسىگە قارىغان. مىنگونىڭ  9 - يىلى ( 1920 - يىلى) ئۇلۇغچات ئامبال ياردەمىچىسى قويۇلۇپ، قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىسىگە قارىغان. مىنگونىڭ  19 - يىلى (1930  - يىلى) ئۇلۇغچات باشقۇرۇش ئىدارىسى تەسىس قىلىنىپ 3  - مەمۇرىي رايونغا قارىغان. مىنگونىڭ 27 - يىلى ( 1938  - يىلى) ناھىيە تەسىس قىلىنىپ خەنزۇچە نامى ئۇچا (ئۇلۇغچات) دەپ ئۆزگەرتىلگەن. 1954 - يىلى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن.   بۇ ناھىيىنىڭ ئۈچ تەرىپىنى ئېگىز تاغلار ئوراپ تۇرىدۇ. شەرقىي - جەنۇبىي قىسمىدا قەشقەر دېلتىسى تۈزلەڭلىكى بار. تەۋەسىدە قىزىلسۇ دەرياسى ۋە چاقماق دەرياسىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئېقىن بار. يەر ئۈستى سۇ بايلىقى  960 مىليون كۇب مېتىر.   ياۋايى ھايۋان بايلىقىدىن يىلپىز، قوڭۇر ئېيىق، ئاق بوغۇز بۆكەن، ياۋا چوشقا، سۇغۇر، ئۇلار، چىل قاتارلىقلار بار. ياۋا دورا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن ئەڭلىك ئوت، چۈچۈكبۇيا، ئەنجىدان (ھىڭ)، چاكاندا، پاقا يوپۇرمىقى، قانتېپەر، كىرەش، مامىكاپ، كەتىرا، يەر مەدىكى، پالما مەرىزى قاتارلىقلار بار.   بايقالغان قېزىلما بايلىقلاردىن كۆمۈر، نېفىت، نېفىتلىك سىلانېتىسى، تۆمۈر، مىس، قوغۇشۇن، سىنك، سترونتىسىي، ئالتۇن، فوسفور، تۇز، گۈڭگۈرت، ھاك تاش، گەز، چىنە توپىسى قاتارلىقلار بار. بۇنىڭ ئىچىدە كۆمۈر زاپىسى پۈتۈن ئوبلاست كۆمۈر زاپىسىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ.   ئۇلۇغچات ناھىيىسى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى  6.8℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى  34.7℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 29.9℃. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى  2797.2 سائەت.  10℃ جۇغلانما تېمپېراتۇرىسى  2529.3℃، قىروسىز مەزگىلى  138 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى  163 مىللىمېتىر، سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى  2564.9 مىللىمېتىر.   بۇ ناھىيە چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. ھازىر بار تېرىلغۇ يەر كۆلىمى  3700 گېكتار ( 55 مىڭ  500  مو)، ئورمان كۆلىمى 13 مىڭ  100 گېكتار (196 مىڭ  500 مو)، ئوتلاق كۆلىمى بىر مىليون  85 مىڭ  900 گېكتار (16 مىليون  288 مىڭ مو). مال - چارۋىسىدىن قوي، كالا، ئات، تۆگە، ئېشەك، قوتاز قاتارلىقلار بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، قىچا، يالىڭاچ ئارپا، دادۇر، كۆك پۇرچاق قاتارلىقلار بار.   ئۇلۇغچات ناھىيىسىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسەلىرى تەدرىجىي ياخشىلانماقتا. ناھىيە بازىرى بىلەن ئوبلاست مەركىزى بولغان ئاتۇش شەھىرى بىلەن تۇرغات ئېغىزىنى ئاسفالت يوللار تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ. ناھىيىدىن يېزا، بازارلىرىغا بارىدىغان غول تاشيوللار ۋە ئاددىي تاشيوللار بار. ناھىيە بازىرىدىن ئوبلاستقىچە بولغان بۆلەككە نۇر كابىلى ياتقۇزۇلۇپ بولدى. پروگراممىلىق تېلېفونمۇ پۈتۈن مەملىكەت بىلەن تورلاشتۇرۇلۇپ بولدى. بۇ ناھىيىدىكى تورغات ۋە ئېركەشتام ئېغىزى، شىنجاڭنىڭ قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى بىلەن سودا ئالاقە قىلىشىدىكى ئاساسلىق ئېغىز ھېسابلىنىدۇ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  لوپنۇر ناھىيىسى
●  يوپۇرغا ناھىيىسى
●  كۇچا ناھىيىسى
●  نىيە ناھىيىسى
●  شاھدىيار ناھىيىسى
●  باي ناھىيىسى
●  كېرىيە ناھىيىسى
●  لوپ ناھىيىسى
●  گۇما ناھىيىسى
●  خوتەن ناھىيىسى
●  مارالبېشى ناھىيىسى...
●  پەيزىۋات ناھىيىسى
●  قاغىلىق ناھىيىسى
●  يەكەن ناھىيىسى
●  پوسكام ناھىيىسى
●  يېڭىسار ناھىيىسى
●  ئۇلۇغچات ناھىيىسى...
●  كەلپىن ناھىيىسى
●  ئۇچتۇرپان ناھىيىسى...
●  ئونسۇ ناھىيىسى

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  لوپنۇر ناھىيىسى
●  يوپۇرغا ناھىيىسى
●  كۇچا ناھىيىسى
●  نىيە ناھىيىسى
●  شاھدىيار ناھىيىسى
●  باي ناھىيىسى
●  كېرىيە ناھىيىسى
●  لوپ ناھىيىسى
●  گۇما ناھىيىسى
●  خوتەن ناھىيىسى

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى