يېڭىسار ناھىيىسى
يوللانغان ۋاقتى : 2008-09-29 14:26:20 كۆرۈلۈش سانى : 53
يېڭىسار ناھىيىسى كوئىنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە، تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىي چېتىگە جايلاشقان. شەرق تەرىپى يەكەن ناھىيىسى، يوپۇرغا ناھىيىسى بىلەن، شىمال تەرىپى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسى بىلەن، غەرب، جەنۇب تەرىپى ئاقتۇ ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 90 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 60 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى 4306.5 كۋادرات كىلومېتىر. قارمىقىدا بىر بازار، 13 يېزا، 163 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار. تەۋەسىدە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 3 - شىسىنىڭ بىر دېھقانچىلىق مەيدانى بار. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بولغان ئارىلىقى 1541 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 201 مىڭ بولۇپ، ئۇيغۇرلار 98.00% نى، خەنزۇلار 1.61% نى، باشقا مىللەتلەر 0.39% نى تەشكىل قىلىدۇ.
يېڭىسار غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە سولى دۆلىتنىڭ يېرى بولغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە سۇلى تۇتۇق مەھكىمىسىگە قارىغان. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە بېشبالىق ۋاقىتلىق ۋازارىتىگە قارىغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ چيەنلۇڭ 24 - يىلى (1761 - يىلى) بۇ يەرگە باش بۇغ قويۇلۇشقا باشلىغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ 9 - يىلى (1883 - يىلى) يېڭىسار بىۋاسىتە قاراشلىق نازارىتى تەسىس قىلىنىپ، قەشقەر دوتەي مەھكىمىسىگە قارىغان. مىنگو 2 - يىلى (1913 - يىلى) بىۋاسىتە قاراشلىق نازارەت يېڭسار ناھىيىسى دەپ ئۆزگەرتىلگەن. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ قەشقەر ۋالىي مەھكىمىسىگە، جەنۇبىي شىنجاڭ مەمۇرىي رايونىغا، قەشقەر ۋىلايىتىگە قارىغان.
يەر تۈزۈلۈشى: غەربىي جەنۇب قىسمى ئېگىز، شەرقىي قىسمى پەس، تاغلىق يەر 32% نى، تۈزلەڭلىك 28.4% نى، چۆللۈك ۋە قۇملۇق 39.6% نى ئىگىلەيدۇ. كۇسەن دەرياسى ۋە ئېگىز يار دەرياسى قاتارلىق دەرياسى بار. يىللىق ئېقىن مىقدارى 712 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىك رايونلارنىڭ يەر ئاستى سۇ زاپىسى 417 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن ساي تۈلكىسى، تارىم توشقىنى، ئاق بوغۇز بۆكەن، قىرغاۋۇل. تاغ كەكلىكى قاتارلىقلار بار. ياۋا دورا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن چۈچۈكبۇيا، ئاچچىق ئۆرۈك مېغىزى قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقىدىن كۆمۈر، نېفىت، مەرمەر تاش، خرۇستال، گۈڭگۈرت، تۇز، قوغۇشۇن، ھاك تېشى، گەژ، شۇلتا قاتارلىقلار بار.
يېڭىسار ناھىيىسى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 11.4℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 40.4℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 24.6℃. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2755.2 سائەت. 10℃ جۇغلانما تېمپېراتۇرىسى 4188.3℃. قىروسىز مەزگىلى 214 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 63.5 مىللىمېتىر. سۇنىڭ پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2258.7 مىللىمېتىر.
بۇ ناھىيىنىڭ يېزا ئىگىلىكى بىرقەدەر تەرەققىي قىلغان. ھازىر 24 مىڭ 700 گېكتار ( 370 مىڭ 500 مو) تېرىلغۇ يەر، 6700 گېكتار (100 مىڭ 500 مو) ئورمان، 33 مىڭ 600 گېكتار (5 مىليون 450 مىڭ مو) ئوتلاق، 1000 گېكتار ( 15 مىڭ مو) باغ، 5200 گېكتار (78 مىڭ 500 مو) سۇ يۈزى، 386 مىڭ 900 گېكتار (5 مىليون 802 مىڭ 800 مو) دېھقانچىلىققا باب كېلىدىغان قاقاس يەر بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، كېۋەز، ياغلىقدان، قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە - چېۋە، كۆكتات قاتارلىقلار بار. چارۋىچىلىقتا قوي بېقىش ئاساس قىلىنىدۇ. سانائىتىدىن سېمونت، كۆمۈر، ئېلېكتر قۇۋۋىتى، پاختا چىقىرىش، ئاشلىق، ماي، ياغ ۋە مېۋە - چېۋە پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار. يېڭىسار پىچىقى يېڭىسار ناھىيىسىنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتى.
يېڭىسار ناھىيىسىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسەلىرى ئۈزلۈكسىز ياخشىلانماقتا. دۆلەت تاشيولى 315 - لىنىيىسى ناھىيە تەۋەسىدىن ئۆتىدۇ. ناھىيە، يېزا تاشيوللىرى ئاسفالىتلاشتۇرۇلغان. يېزا - بازارلاردىكى تېلېفوننىڭ ھەممىسى پروگراممىلاشتۇرۇلدى ۋە سىمسىز چاقىرغۇ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.
بۇ ناھىيىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن دارۋاز جامەسى قاتارلىقلار بار. |
|