تۈنەك كېچىسى
يوللانغان ۋاقتى : 2009-04-23 14:59:29 كۆرۈلۈش سانى : 226
كصچصك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
قەمەرىيە يىل ھېسابىدا سەككىزىنچى ئاي - بارات ئېيىنىڭ ئون بەشىنچى كۈنى كېچىسى مۇھەممەت پەيغەمبەرگە «پەيغەمبەرلىك ۋەھىي كەلگەن» كېچە، شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمانلار، جۈملىدىن ئۇيغۇرلار بۇ كۈننىڭ خاتىرىسى ئۈچۈن «تۈنەك كېچىسى» ئۆتكۈزىدۇ. ئۇلار تۈن بويى ئىبادەت قىلىدۇ. بۇنى «سۈننەت» دەپ قارايدۇ. بۇ كېچىدە مەسچىت، خانىقالاردا ئىبادەتتە بولغۇچىلار كۆپ بولىدۇ. ئاياللار بولسا ئۆيلىرىدە ئولتۇرۇپ خەتمە ئۆتكۈزىدۇ. كىشىلەر يەنە ياغلىقاپاق (بىر نەچچە يىل ياغ ئالغان قاپاق) نى كۆيدۈرۈپ قەبرىستان، مازار - ماشايىقلارغا بېرىپ ئەرۋاھلارنى يوقلايدۇ. شۇ كېچىسى مەخسۇس تاماق قىلىپ يېگۈچىلەرمۇ بولىدۇ. بۇ بارغانسېرى كۈچىدىن قېلىۋاتقان دىنىي ئادەتلەرنىڭ بىرى. (ئا) |
|