غوسۇل
يوللانغان ۋاقتى : 2009-03-28 13:30:02 كۆرۈلۈش سانى : 230
كصچصك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
مۇسۇلمانلاردا جۈملىدىن ئۇيغۇرلاردا ناماز ئوقۇش ئۈچۈن بەدەننىڭ پاك بولۇشى، كىيىم - كېچەكنىڭ پاك بولۇشى شەرت. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ھەر قېتىملىق نامازدا يېڭىدىن تەرەت ئالىدۇ. ئەرلەر سۈيدۈك چاچراپ كېتىپ كىيمىنى بۇلغاپ قويىدۇ، دەپ ئۆرە تۇرۇپ سىيمەيدۇ. شۇنداق كىچىك تەرەتتىن كېيىن، سۈيدۈك تېمىپ كېتىپ ئىشتاننى پاسكىنا قىلىپ قويىدۇ، دەپ چالما تۇتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ئەر - خوتۇن بىر ئورۇندا بولغاندا، شۇنداق كېچىسى ئېھتىلام بولغاندا غوسۇل قىلىپ (پۈتۈن بەدەننى باشتىن - ئاياغ يۇيۇپ تازىلىشى ) پاك بولۇشى شەرت. ئۇلارنىڭ قارىشىچە ناپاك جۇنۇپ تۇرۇپ كۈنگە قارىسا «گۇناھ» بولىدۇ؛ ناپاك تۇرۇپ تاماق يېسە يېگەن تامىقى ھارام بولىدۇ، بالا ئەمگۈزۈۋاتقان ئاياللار بالا ئەمگۈزسە يامان بولىدۇ، دەپ بىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ئايالار ھەيز كۆرگەندە ھەيز توختىغان ھامان بويىنى سۇغا سېلىپ پاكىلىنىدۇ. غوسۇل قىلىشقا گەرچە بەزى دىنىي ئەقىدىلەر سىڭىپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ تازىلىق ۋە ساغلاملىق جەھەتلەردىكى رولى ناھايىتى زور. دەرۋەقە، غوسۇلغا ئەمەل قىلغان كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا گېموروي، ھەرخىل جىنسىي كېسەللىكىلەرنىڭ كۆرۈلمەسلىكى ياكى ئاز كۆرۈلۈشى ئەنە شۇ غوسۇل بىلەن مۇناسىۋەتلىك (ر)" |
|