ئۇيغۇرلاردا چۈش ۋە چۈشكە تەبىر بېرىش
يوللانغان ۋاقتى : 2009-03-01 12:06:11 كۆرۈلۈش سانى : 115
ID Word RawExplanation
34 "Dئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقاد ئادەتلىرى
3
ئۇيغۇر خەلقى چۈشكە قاتتىق ئىشىنىدۇ. ئۇلار كۆرگەن چۈشنى تەقۋادار ئادەمگە ئۆرۈگۈزىدۇ. بۇ ھەقتە يۈسۈپ خاس ھاجىپ مۇنداق دەيدۇ:
5955 . بىلىمسىزگە چۈشنى ئېچىپ دېمىگىن،
كېچىكتۈرمەي ئۇنى بىلگەنگە دېگىن.
5998 . ئۆزۈڭچە ئۆرۈمە كۆرگەن چۈشۈڭنى،
ھەم ئېيتىما كۆرۈنگەن كىشىگە ئۇنى.
چۈش ئۆرۈگۈچى بەزى چۈشلەرگە «ياخشىلىقتىن بېشارەت» دەپ تەبىر بەرسە، بەزى چۈشلىرىنى ئۆرۈمەستىن «سادىغا بېرىۋېتىڭ» دەپلا قويىدۇ. بۇ ھەقتە يۈسۈپ خاس ھاجىپ مۇنداق يازىدۇ:
4369 . بىمەنە بولسا چۈش ۋە يا بەك يامان،
بېرىپ سەدىقە ئۆزىن، كۆزەتسۇن شۇئان،
بىر ئادەم كۆرگەن چۈشىدە ئويناپ - كۈلۈپ يۈرگەن بولسا بۇنى بىرەر پېشكەللىك ۋە كۆڭۈلسىزلىككە؛ يىغلاپ يۈرگەن بولسا بۇنى ياخشىلىق ۋە خۇشاللىققا جورۇيدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇ ھەقتە مۇنداق يازىدۇ:
6022 . ئەگەر غەم چۈشىسە بولار خۇشاللىق،
خۇشاللىق چۈشىشە كېلۇر قايغۇ بىل.
ئەگەر بىراۋ قورقۇنچلۇق چۈش كۆرگەن بولسا، قول - ئىلكىدە بارلار بىرەر مال ئۆلتۈرۈپ، سادىغا ئورنىدا گۆشىنى خامتالاش قېلىۋېتىدۇ. قول - ئىلكىدە يوقلار بولسا گادايلارغا ئاز - تول نەرسە سادىغا بېرىدۇ. ئەگەر كۆرگەن چۈشىدە ئوتتۇرا چىشى چۈشۈپ كەتسە ياكى تام بېسىۋالغان بولسا، بۇنى يېقىن تۇغقانلاردىن بىرەرى ئۆلۈپ كېتىدۇ، دەپ بىلىدۇ.
ئەگەر بىراۋ چۈشىدە نان كۆرگەن بولسا، چۈش ئۆرۈگۈچى ئايرىلىپ كەتكىلى ئۇزۇن بولغان ئۇرۇق - تۇغقانلىرىڭىز بىلەن كۆرۈشىدىكەنسىز دەپ تەبىر بېىرىدۇ.
ئەگەر ئۆلۈپ كەتكەن ئاتا - ئانا ياكى بىۋاسىتە تۇغقانلاردىن بىرەرى چۈشىگە كىرىپ قالسا، بۇنى «روھى ئاجىزلاپ كېتىپتۇ. بىزدىن مەدەت تىلەپتۇ» دەپ بىلىدۇ - دە، ئۇلارنىڭ روھىغا ئاتاپ ئالاھىدە ياغ پۇرىتىپ دۇئا - تەكبىر ئۆتكۈزىدۇ.
ئۇيغۇرلار ئارىسىدا چۈشكە تەبىر بېرىش - قەدىمدىن كېلىۋاتقان پالچىلىقنىڭ بىر خىل مەزمۇنى بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى پالچىلىق كىتابى - «ئىرق بىتۇك» بۇنىڭ جانلىق مىسالى. (ر)" |
|