ئۇيغۇرلاردا مايسا بايرىمى
يوللانغان ۋاقتى : 2009-03-10 11:41:49 كۆرۈلۈش سانى : 128
كصچصك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسىي ئىشلەپچىقىرىش ئىگىلىكى دېھقانچىلىقتىن ئىبارەت. دېھقانچىلىق ئىگىلىكىنىڭ ۋاقىت - پەسىل خاراكتېرى كۈچلۈك بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن خەلقىمىز ئۇزاق ئەسىرلەردىن بۇيان ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىي تەجىرىبىلىرىگە ئاساسەن يىل - پەسىللىرىدىكى تەبىئەت ئۆزگىرىشلىرىگە ۋە ھەرخىل تەبىئەت ھادىسىلىرىگە زور ئېتىبار بىلەن قاراپ كەلگەن، ئۆزلىرىنىڭ مول ھوسۇلغا بولغان ئارزۇ - ئۈمىدلىرىنى تەبىئەتكە باغلاپ، ئۇنىڭغا سېغىنغان، تەبىئەتنى ئۇلۇغلاش ۋە سېغىنىش ئاساسىدا، باھار بېشى (دىنىي ماھ)، ياز بېشى (پەرۋدەردىن ماھ)،كۈز بېشى (تېرماھ)، قىش بېشى(مېھىر ماھ) قاتارلىق پەسىل - مەۋسۇملارنى خاتىرىلەيدىغان خىلمۇ خىل بايرام - مۇراسىملارنى ئىجاد قىلغان. ئەنە شۇنداق مۇراسىملارنىڭ بىرى - مايسا بايرىمىدۇر.
مايسا بايرىمى مەزمۇن خاراكتېرى جەھەتتىن «كۆك مەشرىپى» گە ئوخشاشسىمۇ، شەكىل جەھەتتىن بەلگىلىك پەرقلەرگە ئىگە. بۇ بايرام ئاساسەن ئەتىيازلىق تېرىلغۇ باشلىنىشتىن ئاۋۋال نىشانلىنىپ باھار خۇشاللىقى تەنتەنە قىلىنىدۇ. بۇ بايرامدا بىرقانچە پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇنىڭ بېرى كۆجە (سۈمۇلەك) ئېشى تەييارلاش. كۆجە ئېشى ئۈچۈن مەھەللىلەر بويىچە ھەر قايسى ئائىلىلەردىن بىر تاۋاقتىن ئۇرۇقلۇق بۇغداي يىغىۋېلىندۇ. يىغىلغان بۇغداينى داشقازانغا سېلىپ، ئۇزاق قاينىتىپ، كۆجە ئېشى قىلىندۇ. كۆجە ئېشىغا چامغۇر، گۈلە سېلىنىدۇ. كۆجە ئېشىنى ئاساسەن ئاياللار تەييارلىغاچقا، ئۇلار داش قازان ئەتراپىغا يىغىلىپ، ئاش پىشىقىچە ھېكايە - چۆچەك، لەتىپە ۋە تېپىشماق ئېيتىشىدۇ، ئۆزئارا كۈلكە - چاقچاق قىلىشىدۇ. كۆجە ئېشى تەييارلاش «ھوسۇلىمىز مول بولسۇن» دېگەن ئارزۇنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.
مايسا بايرىمىدىكى يەنە بىر پائالىيەت؛ توڭ ئېرىپ، كۆكاتلار ياشىرىشقا باشلىغاندا، چوكانتالغا سۇ يۈگۈرۈپ بىخلىنىشقا باشلىغاندا، بالىلار ئېرىق بويىلىرى ۋە كۈزگى بۇغداي ئېتىزلىرىنى ئارىلاپ، قىشلىق ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ، تۇپراقنى يېرىپ چىقىشقا باشلىغان كۆكاتلارنى تېرىۋېلىپ، ئاتا - ئانا، ئۇرۇق - تۇغقان ۋە ئۇستازلىرىغا سوۋغا قىلىدۇ، ئاتا - ئانا، ئۇرۇق - تۇغقان ۋە ئۇستازلىرىغا سوۋغا قىلىدۇ، بۇ «يېڭىلىق» بەدىلىگە ئاتا - ئانىلار بالىلارنى ھەرخىل مۇكاپاتلار بىلەن خۇشۇل قىلىدۇ. بەزى جايلاردا مايسا بايرىمى مەزگىلىدە مۇئەللىملەر مەكتەپ بالىلىرىنى تەشكىللەپ، چوقانتاللار قويۇق ئۆسىدىغان مەنزىرىلىك جايلارنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدۇرىدۇ. بالىلار تولۇپ - تاشقان خۇشۇللىق بىلەن يېڭى ئويغانغان باھارنى تەبرىكلەپ ھەرخىل پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارىدۇ.
باھارنى مەدھىيلەيدىغان شېئىر - قوشاقلارنى يازىدۇ. بەزىلىرى مەجنۇنتالنىڭ بىخلانغان چىۋىقلىرىنى «ئات» قىلىپ مىنىپ ئوينىشىدۇ، يەنە بەزىلىرى تال نوتىلىرىدىن «فى - فى»، «ئىسقىرت» ياساپ، «ئېغىز گارمونى» ئورنىدا چېلىشىپ، مەيداننى زىلزىلىگە كەلتۈرىدۇ. مايسا بايرىمىدا بولىدىغان يۇقىرىقىدەك پائالىيەتلەرنىڭ ھەممىسى باھار كەلگەنلىكىدن خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشنى مەقسەت قىلغان. (ئا)" |
|