بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : مەدەنىيىتىمىز >> يوسۇنلىرىمىز >> ئۇيغۇرلاردا مەشرەپ ئويۇنلىرى

ئۇيغۇرلاردا مەشرەپ ئويۇنلىرى

يوللانغان ۋاقتى : 2009-03-08 10:18:24    كۆرۈلۈش سانى : 80  
كصچصك | نورمال | چوڭ             
ئۇيغۇرلارنىڭ مەشرەپ پائالىيەتلىرى كۆپ خىل مەزمۇنلارنى ئۆزىدە گەۋدىلەندۈرگەن ئۇنۋېرسال سەنئەت ئادىتى بولۇپ، ئۇنىڭدا ناخشا - ئۇسسۇلدىن تاشقىرى، مەشرەپكە «جان كىرگۈزىدىغان» خىلمۇ خىل خەلق ئويۇنلىرى بولىدۇ. بۇ خىل ئويۇنلار شەرتلىك ھالدا مەشرەپ پائالىيەتلىرىدىلا ئوينالغاچقا، ئۇلار «مەشرەپ ئويۇنلىرى» دەپ ئاتىلىدۇ.   مەشرەپ ئويۇنلىرى ئاساسەن ئىككى تۈركۈمگە بۆلۈنىدۇ: بىرى، مەشرەپنىڭ بەلگىلىك باسقۇچىدا ئوينىلىدىغان مەشرەپ مەزمۇنى دائىرىسىدىكى ئەنئەتىۋى ئويۇنلار. ھەر قانداق مەشرەپلەر (بولۇپمۇ دولان مەشرەپلىرى) دە بىر نەچچە دۆرە نەغمە - ئۇسسۇلچىلارنىڭ ھېرىپ - چارچاشلىرىغا ئارام بېرىش يۈزىسىدىن ھەم مەشرەپنىڭ كەيپىياتىنى تېخىمۇ جانلارندۇرۇش ئۈچۈن «يىگىتبېشى» تەرىپىدىن «دەررە ئويۇنى»، «پوتا ئويۇنى»، «چاي تۇتۇش ئويۇنى»، «بېيىت- قوشاق ئېيتىش» قاتارلىق ئويۇنلارنى ئورۇنلارنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ. بۇ ئويۇنلارنىڭ ئۆزىگە خاس قائىدىسى بولۇپ، مەشرەپ ئەھلىدىن بىرى باشلاپ بېرىدۇ.ئونىڭدىن كېيىن باشلىغۇچى كىمنى خالىسا شۇ كىشى مەيدانغا چۈشۈپ ئويۇننى ساۋاملاشتۇرىدۇ. ئالايلۇق، «چاي تۇتۇش ئويۇنى» دا A كىشى بىر پىيالە .سىنچاينى ئوڭ قولىغا ئېلىپ ناھايىتى چەبدەسلىك بىلەن ئۈچ يۈز ئاتمىش گرادۇس ئايلاندۇرۇپ (پىيالىدىكى چايدىن بېرەر تېمىممۇ تۆكۈلمەسلىكى شەرت) چىققاندىن كېيىن، بىرەر كوپلېت بېيىت بىلەن قولىدىكى چاينى كۆڭلى خالىغان  B كىشىگە تۇتىدۇ. ئۇ كىشى تەزىم بىلەن پىيالىنى قوبۇل قىلىپ، مەيدانغا چۈشىدۇ ھەمدە  A كىشى بېجىرگەن تەرتىپ بويىچە پىيالىنى پىرقىرىتپ بولۇپ، بېيىت بىلەن ئۈچىنچى بىر كىشىگە سۇنىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئويۇن داۋاملىشىۋېرىدۇ. يىگىتبېشى ۋە مەشرەپ ئەھلى ئويۇنغا نازارەتچىلىك قىلىدۇ. ناۋادا كىمكى ئالىقىنىدىكى پىيالىنى پىرقىرىتىش جەريانىدا چاينى تۆكۈۋەتسە، يېڭىلگەن ھېسابلىنىپ «جازالىنىدۇ». بۇ «جازا» مەشرەپ ئەھلى تەلەپ قىلغان نەرسىنى ئورۇنداپ بېرىش ياكى ئۆزىنىڭ چامى يېتىشىچە بىرەر نومۇر (ناخشا ئېيتىپ بېرىش، بىرەر ھايۋاننى دوراپ بېرىش، باشقىلارنى تەبئىي كۈلدۈرەلەيدىغان بىرەر قىزىقچىلىق قىلىپ بېرىش ئويۇنلىرى قاتارلىقلار) نى ئورۇنداپ بېرىشتىن ئىبارەت بولىدۇ. شۇڭا مەشرەپكە قاتناشقانلار «قۇرۇق قول» كەلمەستىن، مۇشۇنداق ئېھتىماللىقلارغا ئىدىيىۋى ھازىرلىق كۆرۈپ قويىدۇ. ئونىڭدىن باشقا دولان مەشرەپلىرىدە دراما خاراكتېرىنى ئالغان ھەر خىل كۈلكىلىك ئويۇنلارمۇ ئوينىلىدۇ. مەسىلەن، ئوغرىلىقنى ئەيىبلەيدىغان «ساندۇق ئوغرىسى» ئويۇنى، سودا كارۋانلىرىنى دورايدىغان «تۆگە ئويۇنى»، مۈلكىي ئەمەلدارلارنى ھەجۋىي قىلىدىغان «ئامبار ئويۇنى»، ئەخلاقسىزلارنى مەسخىرە قىلىدىغان «بوۋا»، «شىر»، «ئىككى مۈشۈكنىڭ بەز تالىشىشى» قاتارلىق كومېدىيىلىك ئېپىزوتلارمۇ ئوينىلىدۇ. مەشرەپ ئويۇنلىرىنىڭ ئىككىنچى تۈركۈمى «جازا ئويۇنلىرى» دىن ئىبارەت. مەشرەپ گەرچە ئىختىيارىي ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاممىۋى پائالىيەت بولسىمۇ، قەدىمدىن باشلاپ ئۇنىڭ بىر يۈرۈش ئەنئەنىۋى قائىدە - نىزاملىرى بولغان. بۇ قائىدە - نىزاملار مەشرەپنىڭ نورمال ۋە تەرتىپلىك بولۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان «مەشرەپ ئاساسىي قانۇنى» بولۇپ، تەتىپىنى بۇزغانلار، «يىگىتبېشى» نىڭ ھۆكۈمىگە بويسۇنمىغانلار ۋە ئاياللارغا ئەدەبسىزلىك قىلغانلار «جازاغا تارتىلغان»، بۇ جازا مەشرەپ ئەھلىنى ھەم كۈلكىگە سالىدىغان، ھەم قاتتىق ئىبرەتكە ئىگە قىلىدىغان «سامسا يىقىش»، «ئىككى خوتۇن ئېلىپ بېرىش»، «جۇۋازغا قېتىش»، «ئۆپكە قۇيۇش»، «نونەك تۈگۈش»، «باش چۈشۈرۈش» دەپ ئاتىلىدىغان جازا خاراكتېرلىك ھەجۋىي ئويۇنلاردىن ئىبارەت. بۇ جازا مەشرەپنىڭ قائىدە - نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلغانلار سېزىلسە، پاششاپ (مەشرەپنىڭ تەرتىپ - ئىنتىزامىغا مەسئۇل بولغۇچى) نەق مەيداندا «يىگىتبېشى» غا دوكلات قىلغاندىن كېيىن، يىگىتبېشى تەرىپىدىن ئىجرا قىلىنىدۇ. ئەگەر قىلمىشى ئېغىر بولسا مەشرەپتىن قوغلاپ چىقىرىدۇ. مەشرەپ جازاسىغا ئۇچرىغانلار جامائەت تەرىپىدىن ئەيىبلىنىدىغان بولغاچقا، ھەممە كىشى مەشرەپنىڭ ئەنئەنىۋى قائىدە - نىزاملىرىغا ئاڭلىق رىئايە قىلىدۇ. مانا بۇ، ئۇيغۇر مەشرەپلىرىنىڭ ئۇزاق ئەسىرلەردىن بۇيان ئىزچىل داۋاملىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبى. دېمەك، ئۇيغۇر مەشرەپلىرى ھەم مىللىي سەنئىتىمىزنى راۋاجلاندۇرىدىغان، ھەم خەلقىمىزنىڭ كۆڭلىنى كۆتۈرىدىغان، ھەم ئەدەب - ئەخلاق ئۆگىتىدىغان ئۇنېۋىرسال مەكتەپتۇر. (ئا)"


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ئىددەت
●  تۈنەك كېچىسى
●  بالامغا ئىسىم
●  غوسۇل
●  بارات كېچىسى
●  «ئوردام» ۋە ئۇنى تا...
●  <<كاڭ>> نى بىلىدىغان...
●  ئۇيغۇرلاردا مايسا ...
●  ناننى ئۇلۇغلاش
●  ئۇيغۇرلاردا مەشرەپ...
●  ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئە...
●  ئۇيغۇرلاردا چالغۇ
●  ئۇيغۇرلاردا پەرھىز...
●  ھەر قايسى دىن ۋە ئۇ...
●  نورۇز كەلگۈچە بۇنى ...
●  ئۇيغۇرلاردا چۈش ۋە ...
●  تامغا
●  تۇغۇتنىڭ ئالدى _ كە...
●  سېھرىي ئادەتلەر
●  ئۇيغۇرلاردا مۇزىكا...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ئىددەت
●  تۈنەك كېچىسى
●  بالامغا ئىسىم
●  غوسۇل
●  بارات كېچىسى
●  «ئوردام» ۋە ئۇنى تاۋاپ ق...
●  <<كاڭ>> نى بىلىدىغانلار ب...
●  ئۇيغۇرلاردا مايسا بايرى...
●  ناننى ئۇلۇغلاش
●  ئۇيغۇرلاردا مەشرەپ ئويۇ...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى