ناننى ئۇلۇغلاش
يوللانغان ۋاقتى : 2009-03-09 11:14:57 كۆرۈلۈش سانى : 66
ئۇيغۇر خەلقى ناننى قەدىلەيدۇ ۋە ئۇلۇغلايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن داستىخانغا چېچىلىپ كەتكەن نان ئۇۋاقلىرىنى تېرىۋېلىپ ئاغزىغا سالىدۇ. چېچىلىپ كەتكەن نان ئۇۋاقلىرىنى «يامان بولىدۇ» دەپ ھەرگىز دەسسىمەيدۇ. چېچىلغان نان ئۇۋاقلىرنى كۆرسە تېرېلىپ، ئادەم دەسسىمەيدىغان يەرگە قويۇپ قويىدۇ، يالغۇز بۇلا ئەمەس. يەنە:
1) بىراۋ ئۇزاق يەرگە سەپەرگە چىقماقچى بولغاندا، ئۇرۇق _ تۇغقان ۋە باشقىلار ئۇنى ئۇزىتىپ ئۇنىڭغا ئاقيول تىلەيدۇ ۋە نان يوللۇق تۇتىدۇ؛ بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ياخشى ئادەتلىرىدىن بىرى. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قارىشىچە؛ نان يۇمىلاق بولغىنى ئۈچۈن ئۇ دىدارنىڭ تىمسالى. نان يوللۇق تۇتۇش «دىدار كۆرۈشۈش نېسىپ بولسۇن» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
2) بىر ئادەم چۈشىدە نان چۈشىگەن بولسا، بۇنى ئايرىلىپ كەتكىلى ئۇزۇن بولغان يىراقتىكى ئۇرۇق _ تۇغقانلار يۈز كۆرۈشىمىز، دەپ قارايدۇ.
3) تويى بولغان قىزنى يىگىتنىڭ ئۆيىگە كۆچۈرۈپ مېڭىش ئالدىدا قىز ئاتا _ ئانىسى بىلەن خوشلىشىدۇ. ئاتا _ ئانا قىبلىگە قاراپ تۇرۇپ قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىپ قىزىنىڭ بەختلىك بولۇشى تىلەيدۇ ھەمدە قىزىنىڭ بېشىدىن نان، سۇپرا قاتالىقلارنى ئۆرۈيدۇ.
4) ئۇيغۇرلار ھالقىلىق پەيتلەردە ئەڭ قاتتىق، ئەڭ ئىشەنچىلىك قەسەم ئورنىدا «نان ئۇرسۇن»، «نان دەسسەپ بېرەي» دېگەن ئىبارىنى ئىشلىتىدۇ. «ۋاپاغا جاپا» قىلىدىغان نائىنساپ كىشىلەرنى «نانكورلۇق قىلىدىغان » دەپ قارايدۇ. بۇ خىل تۇراقلىق ئىبارىلەرنىڭ ھەممىسىدە ناننى ئۇلۇغلاشتىن ئىبارەت مۇقەددەس ئەقىدە ئىپادىلەنگەن. (ر)" |
|