تۇغۇتنىڭ ئالدى _ كەينىدىكى ئىشلار
يوللانغان ۋاقتى : 2009-02-25 10:50:47 كۆرۈلۈش سانى : 63
ئۇيغۇرلاردا تۇغۇت ئىشلرىغا دائىر بىر مۇنچە قاراش ۋە ئەقىدىلەر ساقلانغان. بۇلارغا ئۇيغۇرلار ئۆز تارىخىدا ئېتىقاد قىلغان دىنلارنىڭ ئەقىدىلىرى سىڭگەن. مەسىلەن، ئاياللارنىڭ ھامىلىدارنىڭ فىزىنومىيىسىدە ئۆزگىرىش بولىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ كۆڭلى بىر نەرسە تارتىدىغان ھالىتىنىڭ شەكىللىنىشىدە ئىپادىلىنىدۇ. بۇ ھالەت «سېزىكلىك» دەپ ئاتىلىدۇ. سېزىك كۆپىنچە يېمەك _ ئىچمەكتە ئىپادىلىنىدۇ.
ئۇيغۇرلار ھامىلدارنىڭ سېزىك بولغان نەرسىگە قاراپ ئۇنىڭ ئوغۇل ياكى قىز توغىدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىشىدۇ. ھامىلىدار چۈچۈمەل نەرسىگە سېزىك بولغان بولسا ئوغۇل تۇغىدۇ، ئاچچىق نەرسىگە سېزىك بولغان بولسا قىز تۇغىدۇ، دەپ قارىشىدۇ. ھامىلىدار سېزىكلىك مەزگىلىدە نۇرغۇن نەرسىلەردىن پەرھىز تۇتىدۇ.
ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ھامىلىدار چىرايلىق نەرسىگە قارىسا تۇغۇلغان بالا چىرايلىق، سەت نەرسىگە قارىسا تۇغۇلغان بالا سەت تۇغۇلارئىمىش. سېزىكلىك مەزگىلىدە تۆگە گۆشى يېسە، تۇغۇت ۋاقتى ئۇزىراپ كېتەرئىمىش(تۆگە ئون ئىككى ئايدا تۇغىدۇ)، توشقانغا قارىسا تۇغۇلغان بالا توشقان كالپۇك بولۇپ قالارئىمىش. ئىشقىلىپ ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە نېمىگە كۆپرەك قارىسا، ئۇنىڭ ئەكسى ھالىتىدە ئەكىس ئېتەرئىمىش.
ئۇيغۇرلاردا، بولۇپمۇ تۇنجى تۇغۇت ئۆز ئانىنىڭ ئۆيىدە بولىدۇ. ھامىلدار يەڭگىشتىن بىرەر ئاي بۇرۇن، ئۇنىڭ ئانىسى بىر قانچە ئايالنى ئېلىپ ئالاھىدە داستىخان قىلىپ، قىزىنى ئۆز ئۆيىدە يەڭگىتىش ئۈچۈن سوراپ كېلىدۇ. بۇلار ئوبدان مېھمان قىلىنىدۇ. كۈيئوغۇل تەرەپ رازىلىق بىلدۈرىدۇ.
ھامىلىدار مېڭىش ئالدىدا قېيىن ئانا ئالاھىدە ئىسرىق سېلىپ كېلىنىنىڭ بېشىدىن ئۆرۈيدۇ ھەم قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىپ، كېلىنىگە ئوڭايلىق تىلەيدۇ. ھامىلدارنىڭ ۋاقتى _ سائىتى توشۇپ كۆز يورۇغاندىن كېيىن، مەخسۇس بىر ئادەم بوۋاقنىڭ ئاتىسى تەرەپكە سۆيۈنچە يەتكۈزىدۇ. خەۋەر يەتكۈزگۈچىلەرگە سۆيۈنچە بېرىلىدۇ. تۇغۇتلۇق ئۆيگە تۇغقۇچىنىڭ ئانىسىدىن باشقا ئادەم كىرمەيدۇ. شۇڭا تۇغۇتلۇق ئۆي ئىشىكىگە قىزىل لاتا پارچىسى ئېسىپ قويۇش ئادىتى شەكىللەنگەن. بۇنداق ئۆيگە يىراق _ يېقىندىن ھېرىپ _ ئېچىپ كەلگەنلەر ئالدىراپ كىرمەيدۇ. بىر ئاز دەم ئېلىۋالغاندىن كېيىن، شۇنداقلا ئۆينىڭ بوسۇغىسىغا ئىسرىق سېلىنغاندىن كېيىن كىرىلىدۇ. ئۇنداق قىلمىغاندا ئۆيگە كىرگۈچى بىلەن يامان روھلار ئەگىشىپ كىرىۋېلىپ بوۋاققا زىيان _ زەخمەت يەتكۈزۈپ قويىدۇ، دەپ قارايدۇ.
بوۋاقنىڭ كىندىكى چۈشكەندىن كېيىن، بالا بۆشۈككە سېلىنىدۇ. بالىنى بۆشۈككە ۋاقتىدا سالماي كېچىكتۈرگەندە، بالىنىڭ بۆشۈكىگە ئۆگەنمىكى تەس بولىدۇ. بالىنى بۆشۈككە سالغاندا، ياشانغان ئۇدۇملۇق ئايال تەكلىپ قىلىنىدۇ. بۇ ئايال بۆشۈكنى راسلايدۇ ۋە بۆشۈككە ئىسرىق سالىدۇ. قولۇم _ قوشنىلارنىڭ بالىلىرىدىن تۆت _ بەش ئۇششاق بالا چاقىرتىلىدۇ. بۇ بالىلار بۆشۈكىنىڭ بىر يېنىدا، بۆشۈككە سالغۇچى ئايال يەنە بىر يېنىدا ئولتۇرىدۇ. بالىلار نۆۋەت بىلەن «ئىڭگە موما» دەپ بۆشۈك ئاستىدىن قول سۇنىدۇ. «بۆشۈك ئانا» ئالدىن راسلاپ قويغان بوغۇرساق، كەمپۈت، قۇرۇق مېۋىلەردىن «مانا ساڭا» دەپ بىر ئۇچۇمدىن بېرىدۇ. «بۆشۈك ئانا» بالىنى بۆلەپ بولغاندىن كېيىن يامان روھلار (جىن _ ئالۋاستىلار) نىڭ زىيانكەشلىك قىلىپ قويۇشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن بوۋاق ئوغۇل بولسا، بېشىغا پىچاق قاتارلىق تىغا قويۇپ قويىدۇ. ئەگەر قىز بولسا يامان روھلار ئەكىس ئېتىدۇ، دەپ ئەينەك قويۇپ قويىدۇ. بالا چوڭ قىلىشتا بۆشۈكنىڭ رولى ناھايىتى زور. 1) بۆشۈكنىڭ ئوردىسى، تىزلىق، پۇت ياستۇقى، كۈلتۈك، شۈمەك قاتارلىقلار ئاپتاپقا سېلىنىپ تۇرغاچقا، بالىنىڭ ئورنى پاكىز بولىدۇ. 2) بالا بۆشۈككە زاكا، يۆگەكلەرگە ئوراپ بۆلەنگەنلىكتىن شامال تېگىپ زۇكامداپ قېلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ. 3) بالا بۆشۈككە راۋۇرۇس تېڭىغانلىقتىن جىسمانىي جەھەتتىن ساغلام ئۆسىدۇ. باشلىرى مايماق _ سايماق، پۇتلىرى ئەگرى _ توقاي بولمايدۇ.
بالا توغۇلۇپ قىرىق كۈن بولغاندا، بالا «قىرىقى سۈيى» بىلەن يۇيۇندۇرۇلىدۇ. بالىنى يۇيۇندۇرۇش ئۈچۈنمۇ تەجرىبىلىك، ئۇدۇملۇق ئايال تەكلىپ قىلىنىدۇ. «قىرقى سۈيى» توقىچى ۋە ھالۋا تەييارلىنىدۇ. «قىرىقى سۈيى» گە تۇز سېلىنىدۇ ۋە سۇغا ئالتۇن تاشلاپ قويۇلىدۇ. «قىرىقى سۈيى» نى قويۇپ بېرىش ئۈچۈن كىچىك بالا چاقىرىلىدۇ. «قىرقى سۈيى »قوشۇق ياكى نوگاي بىلەن قۇيۇلىدۇ. سۇنى ئالدى بىلەن ياشانغان ئاياللار بوۋاقنىڭ بېشىدىن قويۇپ بەدەننى يۇيىدۇ. ئۇلار «ياۋاش بولۇڭ» ، «ئالىم بولۇڭ»، «دۆلەتمەن بولۇڭ»دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىدۇ. ئاندىن كىچىك بالىلار سۇ قويۇشقا باشلايدۇ. سۇ قويغان ھەر بىر بالىغا ئۈستىگە ھالۋا سېلىنغان توقاچ بېرىلىدۇ. بوۋاقنى «قىرىقى سۈيى» گە ئالماستىن بۇرۇن قولى يەڭگىل ساتىراش تەكلىپ قىلىنىپ بالىنىڭ «قىرىقى چېچى» ئالدۇرۇلىدۇ. «قىرىقى چاچ» تۈگۈچ قىلىنىپ ساقلاپ قويۇلىدۇ. (ر)" |
|