بارات كېچىسى
يوللانغان ۋاقتى : 2009-03-19 11:04:29 كۆرۈلۈش سانى : 209
كصچصك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
بۇ دىنىي مۇراسىم ھەر يىلى رامىزان ئېيىدىن ئىلگىرى (شەئباننىڭ ئون تۆتىنچى كۈنى كېچىسى) ئۆتكۈزۈلىدۇ. شۇڭا ئۇ «بارائەت كېچىسى» ياكى خەلقنىڭ جانلىق تىلىدا «بارات كېچىسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ كۈنى كىشىلەر ئۆي - ئۆيدىن ياغلىقاچاق، قوغاچ (تېرەك دەرىخىنىڭ قوۋزىقىنى سويۇۋېلىپ، كاناي شەكىلىدە قۇرۇتۇلغان يېقىلغۇ) لاردىن يېقىلغان مەشئەللەرنى كۆتۈرۈپ، قەبرىستانلىقلارغا توپلىنىپ، ئەرۋاھلارنىڭ روھىغا دۇئا - تىلاۋەت قىلىدۇ، مۇقام ۋە ھۆكمەتلەرنى ئوقۇپ ساما سالىدۇ. ھېكايە - چۆچەك ۋە جەم بولۇپ، ياغلىقاپاقنى ئۇزۇن بادرىنىڭ ئۇچىغا بېكىتىپ مەسچىتنىڭ ئۆگزىسى ياكى مەھەللىدىكى ھەممە كىشى كۆرەلەيدىغان ئېگىزلىككە چىقىپ مەشئەك يېقىپ:
بارات كەلدى تۇيدۇڭلارمۇ،
قازانغا ياغنى قۇيدۇڭلارمۇ؟
دەپ باشلىنىدىغان «بارات قوشىقى» نى يۇقىرى ئاۋازدا ئۆزىگە خاس ئاھاڭى بىلەن توۋلاپ ھەممە كىشىنى «بارات كېچىسى» نىڭ كىرگەنلىكىدىن خەۋەردار قىلىدۇ. بۇنى «ۋەششەمسى توۋلاش» دەپ ئاتايدۇ. «ۋەششەمسى» توۋلىغانلارغا كىشىلەر ئۆيلىرىدە پىشۇرۇلغان پوشكال - قۇيماقلارنى ھەدىيە قىلىشدۇ. «بارات كىچىسى» ئەرۋاھلارنى يوقلاش مۇراسىمى بولۇپ، كونا بارات، يېڭى بارات ئەجدادلارنىڭ روھىنىڭ سېغىنىش كونا بارات، شۇ يىلى ئىچىدە ئۆلگەنلەرنىڭ روھىنى يوقلاش يېڭى بارات دېيىلىدۇ.
«بارات كېچىسى» گەرچە ئىسلام دىنىي مۇراسىمى دەپ قارالسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ مەزمۇنىغا «ئەجدادلار روھىغا سېغىنىش» تىن ئىبارەت ئىپتىدائىي ئېتىقادنىڭ روھى سىڭگەن. (ئا)" |
|