بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : مەدەنىيىتىمىز >> يوسۇنلىرىمىز >> تامغا

تامغا

يوللانغان ۋاقتى : 2009-02-28 11:06:35    كۆرۈلۈش سانى : 31  
كصچصك | نورمال | چوڭ             
«تامغا» دېگەنلىك - «بەلگە»، «نىشان» دېگەنلىك. تامغا ناھايىتى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە. ئۇ تارىختا خىلمۇ خىل رول ئويناپ كەلگەن. تامغا ئەينى زاماندا بىر قەبىلىنىڭ بەلگىسى بولغان، شۇنداقلا يېزىقنىڭ ئىجاد قىلىنىشىدا ئاساس بولغان. ئۇيغۇر خەلقى شەھەر ھاياتىغا كۆچمەستىن بۇرۇن، ئۇزاق مۇددەت چارۋىچىلىق ھاياتى كەچۈرگەن. چارۋىلار بىر - بىرىگە ئارىلىشىپ كەتسە، ياكى يوقىلىپ كەتسە ئوڭاي تونۇۋېلىش ئۈچۈن ئۆز ماللىرىغا ئوخشاشمىغان بەلگە نىشانى قويۇش ئېھتىياجى تۇغۇلدى. شۇنىڭ بىلەن تامغا پەيدا بولدى. بۇ خىل تامغا تۆمۈردىن ياسالغان بولۇپ، ئوتتا قىزىتىلىپ ماللارنىڭ ئوڭ ياكى سول ساغرىسىغا بېسىلىدۇ. بەلگە - نىشاننىڭ «ئەن» دەپ ئاتىلىدىغان يەنە بىر تۈرىمۇ بولغان. بۇ قوي، ئۆچكە قاتارلىق ئۇششاق ماللار ئۈزۈن قوللىنىلغان. ئۇششاق ماللارنىڭ ئوڭ ياكى سول قۇلىقى ئوخشاشمىغان شەكىلدە كېسىلىپ، ياكى تىلىنىپ قىلىنغان بەلگە «ئەن سېلىش» دەپ ئاتالغان. شەخىشلەرنىڭ ماللىرى يوقىلىپ كەتسە ياكى بىر - بىرىگە ئارىلىشىپ كەتسە ئەنە شۇ ئەنگە قاراپ تونۇۋالغان. «تامغا» كېيىنكى كۈنلەرگە كەلگەندە گۇۋاھ - ئىسپات سۈپىتىدە ھاكىمىيەت ئورۇنلىرىدا، شەخىسلەردە قوللىنىشقا باشلىغان. بۇ خىل تامغىلار ئالتۇ، كۈمۈش، مىس قاتارلىق مېتاللاردىن ۋە قاشتېشى، سۆڭەك ۋە ياغاچتىن ياسالغان. «تامغا» ھاكىمىيەت ئورۇنلىرىدا ھەر خىل خەت - چەك، ھۆججەتلەر ئۈچۈن قوللىنىلاتتى. ئۇ ھاكىمىيەت ئورۇنلىرىنىڭ ھوقۇق - ئىمتىيازىنىڭ بەلگىسى ئىدى. ھاكىمىيەت ئورۇنلىرىدا تامغا تۇتىدىغان مەخسۇس ئادەملەر بولۇپ، ئۇ «تامغىچى» ياكى «مۆھۈردار» دەپ ئاتالغان. كونا جەمئىيەتتە دىن ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرغان چاغلاردا قۇززات، قازى، ئەلەم، مۇپتىلاردىن تەركىب تاپقان قازىخانا (دىنىي سوت مەھكىمىسى) بولغان. مەھكىمە ئالاھىدە ھوقۇق - ئىمتىيازغا ئىگە بولۇپ، ئۇ قانۇنغا دائىر ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلغان. شۇڭا قۇززات، قازى، ئەلەم ۋە مۇپتىلارنىڭ كۈمۈشتىن ياسالغان مۆھۈرلىرى بولۇپ، ئۇ مەھكىمە شەرئى تەرىپىدىن چىقىرىلغان ھۆكۈم - پەتىۋالارغا بېسىلاتتى. بۇ قانۇن ئورۇنلىرى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىناتتى. پۇقرالار «مۆھۈر ھەققى» تۆلەيتتى. كونا جەمئىيەتتە ھاكىمىيەت ئورۇنلىرىداكىشىلەرنى جىسمانىي جەھەتتىن نابۇت قىلىدىغان جازا تۈرلىرى ۋە جازا قوراللىرى بار ئىدى. تامغا كۆپىنچە «تۈزەلمەس» ئوغرىلارنىڭ پېشانىسىگە بېسىلاتتى. باشقىلار ئۇنىڭ پېشانىسىدىكى تامغىغا قاراپ، ئۇنىڭدى ئېھتىيات قىلاتتى. بۇ خىل تامغىمۇ تۆمۈردىن ياسالغان بولۇپ، ئوتتا قىزىتىلىپ بېسىلاتتى. (ر)"


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ئىددەت
●  تۈنەك كېچىسى
●  بالامغا ئىسىم
●  غوسۇل
●  بارات كېچىسى
●  «ئوردام» ۋە ئۇنى تا...
●  <<كاڭ>> نى بىلىدىغان...
●  ئۇيغۇرلاردا مايسا ...
●  ناننى ئۇلۇغلاش
●  ئۇيغۇرلاردا مەشرەپ...
●  ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئە...
●  ئۇيغۇرلاردا چالغۇ
●  ئۇيغۇرلاردا پەرھىز...
●  ھەر قايسى دىن ۋە ئۇ...
●  نورۇز كەلگۈچە بۇنى ...
●  ئۇيغۇرلاردا چۈش ۋە ...
●  تامغا
●  تۇغۇتنىڭ ئالدى _ كە...
●  سېھرىي ئادەتلەر
●  ئۇيغۇرلاردا مۇزىكا...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ئىددەت
●  تۈنەك كېچىسى
●  بالامغا ئىسىم
●  غوسۇل
●  بارات كېچىسى
●  «ئوردام» ۋە ئۇنى تاۋاپ ق...
●  <<كاڭ>> نى بىلىدىغانلار ب...
●  ئۇيغۇرلاردا مايسا بايرى...
●  ناننى ئۇلۇغلاش
●  ئۇيغۇرلاردا مەشرەپ ئويۇ...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى