بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : مەدەنىيىتىمىز >> يوسۇنلىرىمىز >> «ئوردام» ۋە ئۇنى تاۋاپ قىلىش

«ئوردام» ۋە ئۇنى تاۋاپ قىلىش

يوللانغان ۋاقتى : 2009-03-15 10:06:44    كۆرۈلۈش سانى : 155  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
ئۇيغۇرلار مىلادىيە 998 _ يىلدىن ھازىرغىچە ھەر يىلى مۇھەررەم ئېيىدا، قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسىگە جايلاشقان «ئوردام» نى تاۋاپ قىلىدۇ. تاۋاپچىلارنىڭ سانى ھەر يىلى نەچچە تۈمەن، بەزىدە ھەتتا نەچچە يۈز مىڭدىن ئېشىپ كېتىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە يۈز ياشلىقتىن ئون ياشقىچە بولغان ئەر _ ئايال، قېرى _ ياشلار بار. ئۇيغۇرلارنىڭ «ئوردام» نى شۇنچە ئۇزاق يىللاردىن بېرى تاۋاپ قىلىشىدا مۇنداق سەۋەبلەر بار: ئەجدادلىرىمىز ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىشتىن ئىلگىرى شامان (كۆك تەڭرىچىلىك)، ئاتەشپەرەسلىك، بۇددا، مانىي قاتارلىق دىنلارغا ئېتىقاد قىلغان، قاراخانىلار شاھزادىلىرىدىن بولغان سۇتۇق بۇغراخان، ئەبۇ نەسىر سامانىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن بۇددا دىندىدىن يېنىپ، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغاندىن باشلاپ، بۇددىستە ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئىسلام دىنى ئومۇملىشىشقا باشلىغان. لېكىن خوتەندىكى بۇددىست ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشقا ئۇنىماي، تىبەت بۇددىسىتلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن قاراخانىلار تەۋەلىكىدىكى مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار بىلەن مىلادى 974 _ يىلدىن 998 _ يىلىغىچە ئۇرۇشقان. ئۇلار ئارىسىدىكى ھالقىلىق قاتتىق جەڭلەرنىڭ بىرى ئەنە شۇ «ئوردام» چۆلىدە بولغان. بۇ جەڭدە قاراخانىلارنىڭ خاقانى ئەلى ئارسىلانخان شېھىت بولغان. ئۇيغۇر خەلقى ئەلى ئارسلانخان شېھىت بولغان ۋە ئۇيغۇر سەركەردىلىرىنىڭ جەسىتى دەپنە قىلىنغان، كوللېكتىپ قەبرىستانلىق «ئوردام» نى مىڭ يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان، ئۈزلمەي تاۋاپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ پاك روھىغا سېغىنىپ كەلدى. بۇ يەرگە ھەر يىلى كەلگەن تاۋاپچىلار، ناغرا _ سۇناي، ساتار _ تەمبۇر، راۋابلىرى بىلەن يىل بويى ئون ئىككى مۇقامغا نەغمە قىلىپ، شادلىق ئىچىگە يوشۇرۇنغان مۇسىبىتىنى ئىزھار قىلىشىدۇ. جاي _ جايلارنىڭ مۇقامچىلىرى، سازەندىلىرى، ناغرا _ سۇنايچىلىرى ماھارەت كۆرسىتىدۇ. دېمەك، مۇشۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق مۇقامچىلىقنى ئەۋلادتىن _ ئەۋلادقا قالدۇرىدۇ. «ئوردام» دىكى پائالىيەتلەر ئەجدادلار روھىغا ئاتاپ ئەكېلىنگەن نەزىر _ سادىغىلىرىنى يوقسۇللارغا بېرىدۇ ياكى كۆپچىلىك ئوزۇقى ئۈچۈن داش قازانغا سالىدۇ. ھەر بىر كىشى تۇغ (شەددە) باغلايدۇ. قەدىمكى يادىكارلىقلارنى تاۋاپ قىلىپ ئەجدادلار روھىغا ئاتاپ قۇرئان _ تىلاۋەت قىلىدۇ. «ئوردام» نى تاۋاپ قىلىش پائالىيىتى ئۈچ كۈن داۋاملىشىدۇ. ئاندىن توپ _ توپ بولۇپ قەشقەرگە كېلىپ تاربوغۇزدىكى ئەلى ئارسلانخان قەبرىسىنى (ئارسلانخان جەسىتى بۇ يەرگە دەپنە قىلىنغان) تاۋاپ قىلىدۇ. ئاندىن ئاتۇش مەشئەتكە بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قەھرىمان، ئەقىللىك خاقانى، ئەلى ئارسلانخاننىڭ بوۋىسى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان  «ھەزرىتى سۇلتانىم» مازىرىنى تاۋاپ قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان «ئوردام» سەيلىسى ئاخىرلىشىدۇ. «ئوردام سەيلىسى» گەرچە بىر خىل دىنىي ئادەت بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئاممىۋىلىقى ناھايىتى كەڭ، تاۋاپ جەريانىدا ھەر بىر يۇرت _ مەھەللە، ھەر بىر كىشى ئۆزلىرىنىڭ پۈتكۈل ماھارىتىنى جارى قىلدۇرىدۇ. بىر تەرەپتە مەدداھلار قەدىمكى جەڭنامە، قىسسەلەر ۋە خەلق داستانلىرىنى راۋابقا تەڭكەش قىلىپ زىكرى _ سۆھبەت قۇرسا، يەنە بىر ناغرا _ سۇناينىڭ ياڭراق ساداسىغا تەڭكەش قىلىپ مىڭلىغان كىشى «ساما» ئوينايدۇ. بىر تەرەپتە ئاياللار ساپايى بىلەن تەلقىن ياساپ ئەجدادلار روھىغا سېغىنىپ زىكرى قىلسا، يەنە بىر تەرەپتە ياشلار ۋە بالىلار ئۆزلىرى خالىغان ھەر خىل ئەنئەنىۋى ئويۇنلارنى ئوينىشىدۇ. بەزىدە دارۋازلار دار باغلاپ ئاجايىپ ماھارىتى بىلەن ئون مىڭلىغان كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ. گەرچە «ئوردام»دە تاۋاپچىلارنىڭ سانى شۇنچە كۆپ بولسىمۇ، ناشايان ئىشلار يۈز بەرمەيدۇ. ھەر بىر كىشى ئەجدادلار روھىغا بولغان يۈكسەك ھۆرمىتى بىلەن ئۆزىنى يامان ئىشلاردىن چەكلەيدۇ. (ش)"


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ئىددەت
●  تۈنەك كېچىسى
●  بالامغا ئىسىم
●  غوسۇل
●  بارات كېچىسى
●  «ئوردام» ۋە ئۇنى تا...
●  <<كاڭ>> نى بىلىدىغان...
●  ئۇيغۇرلاردا مايسا ...
●  ناننى ئۇلۇغلاش
●  ئۇيغۇرلاردا مەشرەپ...
●  ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئە...
●  ئۇيغۇرلاردا چالغۇ
●  ئۇيغۇرلاردا پەرھىز...
●  ھەر قايسى دىن ۋە ئۇ...
●  نورۇز كەلگۈچە بۇنى ...
●  ئۇيغۇرلاردا چۈش ۋە ...
●  تامغا
●  تۇغۇتنىڭ ئالدى _ كە...
●  سېھرىي ئادەتلەر
●  ئۇيغۇرلاردا مۇزىكا...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ئىددەت
●  تۈنەك كېچىسى
●  بالامغا ئىسىم
●  غوسۇل
●  بارات كېچىسى
●  «ئوردام» ۋە ئۇنى تاۋاپ ق...
●  <<كاڭ>> نى بىلىدىغانلار ب...
●  ئۇيغۇرلاردا مايسا بايرى...
●  ناننى ئۇلۇغلاش
●  ئۇيغۇرلاردا مەشرەپ ئويۇ...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى