بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : مەدەنىيىتىمىز >> يوسۇنلىرىمىز >> ئۇيغۇرلاردا چالغۇ

ئۇيغۇرلاردا چالغۇ

يوللانغان ۋاقتى : 2009-03-06 11:40:42    كۆرۈلۈش سانى : 44  
كصچصك | نورمال | چوڭ             
ئۇيغۇر مۇزىكا سەنئىتىنىڭ موللۇقى، كۆپ خىللىقىغا مۇناسىپ ئۇنىڭغا تىل - جان كىرگۈزىدىغان چالغۇلىرىمۇ ھەر خىل، ئاساسلىقلىرى ئون نەچچە خىلغا بارىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدە بەزىلىرىنىڭ شەكلى تۆت - بەش خىلغابارىدۇ. مەسىلەن، راۋاب قەشقەر راۋابى، دولان راۋابى، قويچى راۋابى، تەكەممۇل راۋابى دەپ تۆت خىل كېلىدۇ.  ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئەنئەنىۋى چالغۇلىرى ئاساسلىقى داپ - دۇمباق، غېجەك، نەي (سىبىزغۇ)، قالۇن، ساتار، دۇتتار، تەمبۇر، راۋاب، چاڭ، قوبۇز، ساپايە، تاش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت ئىدى. تارىخىي يادىكارلىق ۋە ھۈججەتلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ چالغۇلار ئىچىدە داپ، دۇمباق، نەي، غېجەك دېگەن <غىرداپ چالىدىغان چالغۇ> دېگەنلىك بولىدۇ، غېجەك ئۇيغۇرچە سۆز بولۇپ خەنزۇچە <خۇچىڭ> يەنى <غۇر سازى> دەپ ئاتىلىدۇ. <غۇر> ئۇيغۇر دېگەن بۇ نامنىڭ قەدىم زاماندىكى ئاتىلىشى بولۇپ <خۇ> شۇ <غۇر> سۆزىنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسىدىن ئىبارەت. داپ، نەي <تۈركىي تىللار دىۋانى> دا مەخسۇس سۆزلەم ئورنىدا <تۈمۈك> (داپ - دۇمباق)، <سىبىزغۇ> (نەي) دەپ بېرىلگەن. بۇنىڭدىن غېجەك، داپ، نەينىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىن بۇرۇنقى دەۋرلەردىلا ئەجدادلىرىمىز ئومۇميۈزلۈك قوللانغان ئەنئەنىۋى چالغۇلىرىمىزدىن ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. كەڭ يېزىلاردا دېھقانلارنىڭ خالىغاندا چالغۇ ئەسۋابلىرى يوق شارائىتتىمۇ لېگەن، پەتنۇس قاتارلىق نەرسىلەرنى داپ ئورنىدا چېلىپ، كەلتە ئۇسسۇل مەشرىپى ئوينايدىغان ئادىتىمۇ شۇ نۇقتىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. غېجەڭنىڭ ھازىر قۇمۇل مەشرەپلىرىدە يەنىلا ئاساسلىق چالغۇ سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، باشقا رايونلاردا ئاساسىي جەھەتتىن ئىشلىتىلمەيدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئورنىدا غەرب غېجىكى يەنى ئىسكىرىپكا ئىشلىتىش ئومۇملاشتى. ھازىر ئىسكىرىپكىنىڭمۇ ئۆزلەشتۈرۈلگەن تۈرلىرى مەيدانغا كېلىپ ئومۇملاشماقتا. ئىسكىرىپكا جۈملىدىن قالۇن، ساتارنىمۇ غېجەكنىڭ قانۇنىيىتىگە تەقلىد قىلىپ ياسالغان چالغۇلار دەپ ئاتاشقا بولىدۇ. 60 - يىللاردىن كېيىن ئۇيغۇر چالغۇ سەنئىتىدە ئىجادىي تەرەققىياتلار بارلىققا كېلىشكە باشلىدى. مەسىلەن، خۇشتار ۋە يېڭىچە تەمبۇر قاتارلىقلار. خۇشتارنى غېجەكنىڭ ھازىرقى زاماندىكى ئىجادىي تەرەققىي قىلدۇرۇلغان شەكلى دېيىشكە بولىدۇ.  قوبۇزغىغا كەلسەك، ئۇ تىللىق ئېغىز قوۋۇزىدا تىل ھەرىكىتى ياردىمىدە پۈۋلەپ چېلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن <قوبۇز> دەپ ئاتالغان بولۇپ، ئۆيدە ۋە پادىچىلار ئىچىدە چېلىناتتى. ھازىر ئۇنتۇلدى.  ئۇيغۇر چالغۇلىرى ئىچىدە دۇتتار، تەمبۇر، راۋاپ ناھايىتى كەڭ ئومۇملاشقان. بولۇپمۇ دۇتتار كەڭ ئومۇملاشقان بولۇپ ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك بىردىن دۇتتار بولىدۇ. دۇتتار چېلىشنى بىلمەيدىغان ئادەممۇ ئاز ئۇچرايدۇ. دۇتتار ئائىلىلەردە ئاياللارنىڭ مەنىۋى دىلكەش ھەمراھى بولۇپ قالغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئون ئايال ئىچىدە بىر ئايال دۇتتارچى كېلىدۇ."


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ئىددەت
●  تۈنەك كېچىسى
●  بالامغا ئىسىم
●  غوسۇل
●  بارات كېچىسى
●  «ئوردام» ۋە ئۇنى تا...
●  <<كاڭ>> نى بىلىدىغان...
●  ئۇيغۇرلاردا مايسا ...
●  ناننى ئۇلۇغلاش
●  ئۇيغۇرلاردا مەشرەپ...
●  ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئە...
●  ئۇيغۇرلاردا چالغۇ
●  ئۇيغۇرلاردا پەرھىز...
●  ھەر قايسى دىن ۋە ئۇ...
●  نورۇز كەلگۈچە بۇنى ...
●  ئۇيغۇرلاردا چۈش ۋە ...
●  تامغا
●  تۇغۇتنىڭ ئالدى _ كە...
●  سېھرىي ئادەتلەر
●  ئۇيغۇرلاردا مۇزىكا...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ئىددەت
●  تۈنەك كېچىسى
●  بالامغا ئىسىم
●  غوسۇل
●  بارات كېچىسى
●  «ئوردام» ۋە ئۇنى تاۋاپ ق...
●  <<كاڭ>> نى بىلىدىغانلار ب...
●  ئۇيغۇرلاردا مايسا بايرى...
●  ناننى ئۇلۇغلاش
●  ئۇيغۇرلاردا مەشرەپ ئويۇ...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى