ئەڭ دەسلەپكى كەڭ يەلكەنلىك ئەگمە كۆۋرۈك
يوللانغان ۋاقتى : 2008-11-24 11:14:26 كۆرۈلۈش سانى : 95
مەملىكتىمىزنىڭ خېبېي ئۆلكىسىدىكى جاۋشيەن ناھىيىسىنىڭ جەنۇبىدا بەش چاقىرىم نېرىدىكى جياۋخې دەرياسىغا قەدىمدن بېرى تەڭداشسىز بولۇپ كەلگەن چىرايلىق چوڭ تاش كۆۋرۈك سېلىنغان. جۇڭگۇدا ۋە چەتئەللەردە داڭقى چىققان جاۋ جۇچياۋ كۆۋرۈكى ئەنەشۇ. جاۋ جۇچياۋ كۆۋرۈكىنى سۈي سۇلالىسى دەۋرىدىكى لى چۈن، لى تۇڭ قاتارلىق ئۇستلار سالغان. بۇ كۆۋرۈك مەملىكىتىمىزدە ھازىرغا قەدەر ساقلىنىپ كەلگەن ئەڭ قەدىمقى تاش كۆۋرۈك بولۇپ، تەخمىنەن 1370 - يىلدىن كۆپرەك تارىخقا ئىگە. ئۇنىڭ شەكلى چىرايلىق، قۇرۇلمىسى غەيرىي بولۇپلا قالماستىن، بەلكى دۇنيا بويىچە داڭلىق كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى تارىخىدا تۇنجى قېتىم كەڭ يەلكىلىك كۆۋرۈك رىكوردىنى ياراتقان. جاۋجۇچياۋ كۆۋرۈكىدەك كەڭ يەلكىلىك ئەگمە كۆۋرۈك ياۋروپادا 19 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا بارلىققا كەلگەن. دېمەك، بۇنداق كۆۋرۈك ياۋرۇپادا مەملىكىتىمىزگە قارىغاندا 1200 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت كېيىن بارلىققا كەلگەن.
جاۋ چياۋ كۆۋرۈكىنىڭ يۈزىنىڭ كەڭلىكى ئون مېتىر بولۇپ، ئىككى تەرىپىدە ئادەم، ئوتتۇرىسىدا ھارۋا ماڭىدۇ. كۆۋرۈكنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 50.82 مېتىر، ساپ ئارتىلىشى 37.02 مېتىر كېلىدۇ. لېكىن ئەگمىنىڭ (يەنى كۆۋرۈك سۈڭگۈچنىڭ ) ئېگىزلىكى 7.23 مېتىرلا كېلىدۇ. دېمەك، بىر تەرەپتىن كۆۋرۈك گەۋدىسى پەس، يانتۇلۇقى كىچىك بولۇپ، ئادەم ۋە ھارۋىلارنىڭ قاتنىشى ئۈچۈن ئەپلىك، يەنە بىر تەرەپتىن، كۆۋرۈك سۈڭگۈچىنىڭ ئارتىلىشى زور بولغانلىقتىن، كېمىلەر ئەركىن ئۆتەلەيدۇ. چوڭ ئەگمىنىڭ ئىككى يەلكىسىگە سىممىرېك ھالدا تۆت كىچىك ئەگمە قوندۇرۇلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ ئارتىلىشى تۆت مېتىر ۋە 2.72 مېتىر كېلىدۇ. بۇ ئاجايىپ ئىجادىيەت كۆۋرۈك گەۋدىسىنىڭ ئېغىرلىقىنى چۈشۈرۈش، كۆۋرۈك ئۇلىنىڭ يۈك كۆتۈرۈش مىقدارىنى يېنىكلىتىش، ماتىرىياللارنى تېجەش، ياسىلىش قىممىتىنى تۆۋەنلىتىش بىلەن بىللە، جياۋخې دەرياسى تاشقاندا تاشقىنىنى بۆلۈپ تاشلاپ، كۆۋرۈك گەۋدىسىنىڭ مەھكەم تۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ. كۆۋرۈكنىڭ يان تەرىپىدىكى 42 پارچە سالاسۈن تاختىيىغا ئەجدىھا ۋە ھايۋانلارنىڭ شەكلىدە قاپارتما نەقىشلەر ئويۇلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى چېپىۋاتقاندەك، بەزىلىرى يۆگىلىپ ياتقاندەك ۋە بەزىلىرى ئېلىشىۋاتقاندەك كۆرۈنىدۇ. بەزىلىرى بولسا سالاسۈن تاختىيىدىن ئېتىلىپ چىقىۋاتقان تىرىك ئەجدىھاغا ئوخشاپ كېتىدۇ. سالاسۈن تاختايلىرى ئارىلىقىدىكى 44 تۈۋرۈكلىرىنىڭ كۆپىنىڭ شەكلى بامبۇك بوغۇملىرىغا ئوخشايدۇ. ئارىلىقتىكى بىر نەچچىسىنڭ ئۈستىگە شىرنىڭ بېشى چۈشۈرۈلگەن تاش ھەيكەل ئورنىتىلغان. ئىككى چوڭ تاشنىڭ ئۈستىگە زىننەت ئۈچۈن نىلۇپەر ۋە ئەجدىھا بېشى ناھايىتى قاملاشتۇرۇلۇپ قوندۇرۇلغان بولۇپ، بۇلار خۇددى نىلۇپەر بىلەن ئەجدىھانىڭ ئۆز ئەينىدەك كۆرۈنىدۇ. پۈتۈن كۆۋرۈك ھەم ۋەزمىنلىك، نازۇك، ھەيۋەتلىك، چىرايلىق ياسالغان بولۇپ، يىراقتىن قارىغاندا خۇددى سۇ يۈزىدىن يېڭى چىققان ئاي كۆتۈرۈلىۋاتقاندەك كۆرۈنىدۇ. ھەقىقەتەنمۇ «پۇختلىقىدا تەڭدىشى يوقتۇر جاھاندا ئۇنىڭ» ئۇ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىپ تۇرىدۇ. ساياھەتچىلەر ئارىلىقنى يىراق كۆرمەي بۇ يەرگە كېلىپ كۆۋرۈكنى تاماشا قىلىدۇ ۋە تەتقىق قىلىدۇ. |
|