تۇنجى سېيسموگراف
يوللانغان ۋاقتى : 2008-12-20 11:49:31 كۆرۈلۈش سانى : 91
جۇڭگو تارىخىنى مۇزىينىڭ كۆرگەزمە زالىدا تۈركۈم - تۈركۈم ئېكىسكۇرسىيىچىلەر ماڭماي بىر يەرگە توپلىشىۋالىدۇ. بۇ يەر مەملىكىتىمىزنىڭ شەرقىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ياشىغان جاڭ خېڭ ئىجات قىلغان دۇنيا بويىچە تۇنجى سېيسموگراف - خۇفېڭ سېيسموگرافنىڭ مودېلى قويۇلغان يەر بولۇپ، ئېكىسكۇسىيچىلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىپ تۇرىدۇ.
بۇ ئەسۋابنىڭ تۈزۈلۈشى توغرىسىدا «كېيىنكى خەننامە» دە بىر ئاز خاتىرىلەر بار. بۇ ئەسۋاپ پۈتۈنلەي ئېسىل مىستىن قويۇلغان بولۇپ، سىرتقى كۆرۈنۈشى ھاراق كۆپۈكىگە ئوخشايدۇ. ئوتتۇرىسىنىڭ ئايلانمىسى سەككىز چى كېلىدۇ. ئىچىگە نازۇك قۇرۇلمىلار (ئېنېرتسىيىلىك ھەركەتتىكى ماياتنىك ۋە سەككىز گۇرۇپىلىق پىشاڭ مىخانىزىمىغا ئوخشاپ كېتىدۇ) ئورنىتىلغان. سىرتقى يۈزىدە سەككىز ئەجدىھا بولۇپ، ئۇلار سەككىز مۇتەرەپبى بېسىپ ياتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى مۇناسىپ ئورگان بىلەن باغلانغان ئەجدىھالارنىڭ ئاغىزىدە بىردىن مىس ساقا بولۇپ، بۇلارنىڭ ئۇدۇلىغا يۇقىرىغا قاراپ ئاغزىنى ئېچىپ تۇرغان پاقىلار قويۇلغان. قەيەردە كۈچلۈكرەك يەر تەۋرىسە، مۇناسىپ تەرەپتىكى ئەجدىھانىڭ ئاغزى ئېچىلىدۇ - دە، مىس ساقا ئۇدۇلدىكى پاقىنىڭ ئاغزىغا چۈشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن كۈزەتكۈچى قايسى ۋاقىتتا ۋە قايسى تەرەپتە يەر تەۋرىگەنلىكىنى بىلىدۇ.
سېيسموگراف ياسالغاندىن كېيىن لوياڭغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. مىلادى 138 - يىلى بىر كۈنى پايتەختتە ئەتراپ ئادەتتىدەكلا تىمتاس ئىدى، لېكىن ساقا بىردىنلا ئەجدىھانىڭ ئاغزىدىن چىقىپ پاقىنىڭ ئاغزىغا چۈشىدۇ. بۇنىڭدىن چىققان جاراڭلىق ئاۋاز ئەتراپنى زىلزىلگە كەلتۈرىدۇ. كىشىلەر يەر - جاھان تىمتاس تۇرسا، سېيموگراف نېمە ئۈچۈن زىلزىلىدىن خەۋەر بېرىدىغاندۇ؟بەلكىم ئۇ كارغا كەلمەي قالغان بولسا كېرەك! دەپ سۆز - چۆچەك قىلىشىدۇ. ئارىدىن بىرقانچە كۈن ئۆتمەيلا لۇڭشىدا (ھازىرقى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ غەربىي قىسمىدا) يەر تەۋرەپتۇ دېگەن خەۋەر كېلىدۇ. ئەملىيەت سېيموگرافنىڭ نەقەدەر سەزگۈرلۈكى ۋە نەقەدەر توغرىلىقىنى جانلىق ئىسپاتلايدۇ.
جاڭ خېڭ كەشپ قىلغان سېيسموگراف ئىنسانلارنىڭ يەر تەۋرەشنى ئىلمىي ئەسۋابلار ياردىمى بىلەن ئالدىن خەۋەر قىلىش تارىخىنى ئاچتى. بۇنىڭغا ئۇزاقتىن بۇيان جۇڭگو ۋە چەتئەللەردىكى ئالىملار ناھايىتى يۇقىرى باھا بېرىپ كەلمەكتە. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بۇ ئەسۋاپ ئېنېرتسىيە قائىدىسىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان. بۇنىڭ بىلەن يەر تەۋرەش دولقۇنىنىڭ ئاساسىي ئىمپۇلىسلىق يۇنۇلۇشىنى مۆلچەرلىگىلى بولىدۇ. پەن - تېخنىكا ئارقىدا قالغان ئىككىنچى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا مۇشۇنداق ئەسۋابنى ياساپ چىقىش ناھايىتى تەس ئىش بولۇپ، قەدىرلەشكە ئەرزىيدۇ. چەتئەللەرنىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشايدىغان سېيسموگرافلىرىغا سېلىشتۇرغاندا، بۇ سېيسموگراف ئۇلاردىن مىڭ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت بۇرۇن ياسالغان.
|
|