بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : كۇتۇپخانا >> دۇنيادا ئەڭ >> ئەڭ زور مەخسۇس ماتېماتىكا ئەسىرى

ئەڭ زور مەخسۇس ماتېماتىكا ئەسىرى

يوللانغان ۋاقتى : 2008-11-16 09:38:08    كۆرۈلۈش سانى : 239  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
مىلادىدىن ئىلگىرى  تۆتىنچى ئەسىردە قەدىمقى يۇنان ماتېماتىكا ئالىمى ئېۋكلىد يازغان « گېئومېتىرىيە ئاساسلىرى » جەمئىي ئون ئۈچ توم بولۇپ، ھازىرغا قەدەر  تارقىلىپ كەلگەن ئۆچمەس كىلاسسىك  ئەسەر ھېسابلىنىدۇ. 1939 - يىلى كىتاب  جازىلىرىدا  تۇيۇقسىزلا «ماتېماتىكا ئاساسلىرى » پەيدا بولۇپ قالغان. بۇ نېمە دېگەن جاسارەت  - ھە! ئۇنىڭ ئاپتورى كىم بولغاي؟ ئاپتورى زادىلا ئاڭلىنىپ باقمىغان  بۇر باگىن ئىكەن. بۇ كىتاب  شۇ چاغدىن باشلاپ 1973 - يىلىغىچە 35 توم چىققان. ھازىرغىچە تېخى يېزىپ بولمىغان. بۇ ھازىرقى ۋاقىتتا ئەڭ زور بولغان مەخسۇس ماتېماتىكا ئەسىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇرباگىن - كوللىكتىپنى تەخەللۇسى. مۇشۇ ئەسىرنىڭ 20 - يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا، فرانسىيدىكى  پارىژ داشۆسىنىڭ بىر نەچچە ئوقۇغۇچىسى  ھازىرغا قەدەر يېزىلغان بارلىق ماتېماتىكىنى  ئەڭ يېڭى نۇقتىئىنەزەر بىلەن يېڭىۋاشتىن  رەتلەپ چىقىشقا بەل باغلىغان. بۇ تەجرىبىسىز ياشلار  ئۈچ يىل ئىچىدە «ماتېماتىكا ئاساسلىرى»نى يېزىپ چىقىپ، ئۆز سېستىمىسىنى  تىكلىمەكچى بولغان. بۇ تولىمۇ يۇقىرى ئارزۇ ئىدى ئەلۋەتتە. نەتىجىدە ئۇلار قىرىق يىل يازغان بولسىمۇ، ھازىرغا قەدەر تېخى يېزىپ تۈگىتەلمىگەن. لېكىن مۇشۇ جەرياندا بۇر باگىن  ئېقىمى شەكىللگەنگەن. بۇ ئېقىمدىكىلەر ماتېماتىكا ساھەسىدە ئۆز ئالدىغا بايراق تىكلەپ، بارلىق ماتېماتىكىنى  ئوخشاش بولمىغان قۇرۇلما بويىچە جۈزئىيلەشتۈرۈلگەن سېستىما دەپ قارىغان؛  شۇڭا ئۇلار  تۈزۈلمىچىلىك  ئىدىيىسى بىلەن خەلقئاراغا داڭ چىقىرىپ، ماتېماتىكا ساھەسىدىكىلەرنىڭ  مەدھىيىلىشىگە  ئېرىشكەن. بۇر باگىن  ئېقىمى ھەتتا ئوتتۇرا مەكتەپ دەرسلىكلىرىگىچە  تەسىر كۆرسەتكەن. مەملىكتىمىزدە يېقىنقى يىللاردىن بېرى تەرجىمە قىلىنغان ئەنگىلىيە، ئامېرىكا ۋە ياپونىيىلەرنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ دەرسلىكىدە ئۇنىڭ تەسىرى بار. بۇر باگىن ئېقىمىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئەزالىرى دىدونې ۋە ۋېر قاتارلىق كىشىلەر بولۇپ، ئۇلار «ماتېماتىكا ئاساسلىرى » نى يېزىشقا كىرىشكەن چاغدا  20 نەچچە ياشلىق ياشلاردىن ئىدى. ھازىر ئۇلار يەتمىش ياشتىن ھالقىپ، خەلقئارادا ئاتاقلىق ماتېماتىكا پروفېسسورلىرى بولۇپ قالدى. «ماتېماتىكا ئاساسلىرى » ئۇ يەر - بۇ يەردىن قۇراشتۇرۇلغان ماتېماتىكا قامۇسى ئەمەس. بەلكى يېڭى سېستىمىدىكى مەخسۇس ماتىماتىكا ئەسىرىدۇر.  ئۇ ئەڭ يېڭى ماتېماتىكا نەتىجىلىرىنى  قوبۇل قىلىپ، ئىنچىكە تەھلىل قىلش ئاساسىدا يېزىلغانلىقى ئۈچۈن ئېتىبارغا سازاۋەر بولغان. يېقىنقى بىر نەچچە يىل ئىچىدە «ماتېماتىكا ئاساسلىرى » نىڭ ئالدىنقى بىر قانچە تومىغا قايتا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى.  ھەر بىرتومى ئۈچتىن بىرىگە يېقىن  يېڭى ماتىرياللار بىلەن تولۇقلاندۇرۇلدى. بۇ زور ئەسەر فرانسوز يېزىقى بىلەن يېزىلغان. ھازىر ئەنگىلىيە، روسىيە، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ  يېزىقىدا تەرجىمە قىلىنغان. «ماتېماتىكا ئاساسلىرى » نى تەرجىمە قىلىش ناھايىتى زور قۇرۇلۇش ھېسابلىنىدۇ. ياپون تىلىغا تەرجىمە قىلىشتا مەخسۇس بىر ھەيئەت قۇرۇلغان.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  دۇنيا بويىچە سالدا ...
●  دۇنيا بويىچە ئەڭ مە...
●  تۇنجى سېيسموگراف
●  ئەڭ ئىپتىدائىي ھاش...
●  ئەڭ ئۇزۇن قۇش قانىت...
●  ئەڭ دەسلەپكى كەڭ يە...
●  ئەڭ چوڭ مېتورېت
●  ئەڭ زور مەخسۇس ماتې...
●  قۇشلارنىڭ ئەڭ تېز ۋ...
●  يەر شارىنىڭ چوڭ كى...
●  ئەڭ چوڭقۇر دېڭىز چۆ...
●  ئەڭ قەدىمقى پىۋا زا...
●  ئەڭ تۆۋەن ئويمانلى...
●  ئەڭ قىممەتلىك باش ك...
●  بوينى ئەڭ ئۇزۇق ئاد...
●  گۈلدۈرمامىلىق يامغ...
●  مىللىي ئىشلەپچىقىر...
●  چېكەتكىلەرنىڭ ئەڭ ...
●  يۇلتۇزلار ئارا بوش...
●  يالغۇز ئۇچۇپ يەرشا...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  دۇنيا بويىچە سالدا ئەڭ ئ...
●  دۇنيا بويىچە ئەڭ مەبلىغ...
●  تۇنجى سېيسموگراف
●  ئەڭ ئىپتىدائىي ھاشارەتل...
●  ئەڭ ئۇزۇن قۇش قانىتى
●  ئەڭ دەسلەپكى كەڭ يەلكەن...
●  ئەڭ چوڭ مېتورېت
●  ئەڭ زور مەخسۇس ماتېماتى...
●  قۇشلارنىڭ ئەڭ تېز ۋە ئەڭ...
●  يەر شارىنىڭ چوڭ كىچىكلى...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى