ئەڭ ئىپتىدائىي ھاشارەتلەر
يوللانغان ۋاقتى : 2008-12-14 12:12:31 كۆرۈلۈش سانى : 162
ئەڭ ئىپتىدائىي ھاشارەتلەر ئىپتىدائىي قۇيرۇقلۇق قۇرۇقلاردۇر. ئۇلار ئاق ياكى ساغۇچ كىچىك قۇرۇتلار بولۇپ، ئەڭ چوڭىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئاران ئىككى مىللىيمېتىرچە كېلىدۇ. ئۇلار زەيلىككە ئامراق بولۇپ، دائىم تاش، ساپال ۋە ئوت - چۆپ يىلتىزلىرى ئاستىدا ياشايدۇ.
ھاشارەتلا بولىدىكەن. ئۇلارنىڭ بېشىدا بىر جۈپ بۇرۇتى، كۆكرىكىدە ئۈچ جۈپ پۇتى، ئىككى جۈپ قانىتى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ بىر كۆزى ياكى مۇرەككەپ كۆزى بولىدۇ. ئىپتىدائي قۇيرۇقلۇق قۇرۇتنىڭ قانىتىمۇ، كۆزىمۇ بولمايدۇ. شۇنىڭدەك بۇرۇتىمۇ بولمايدۇ. ئۇلار دائىم ئالدىنقى بىر جۈپ پۇتى بۇرۇتىنىڭ خىزمىتىنى ئۆتەيدۇ. ئۇلارنىڭ لىچىنكىسى تۇخۇمدىن يېرىلىپ چىققاندا، قورسىقىدا توققۇز بۇغۇمى بولىدۇ. ئۆسۈش جەريانىدا يەنە ئۈچ بوغۇم قوشۇلىدۇ. ئۇلار مۇشۇ ئالاھىدىلىكى بىلەن باشقا ھاشارەتلەردىن پەرقلىنىپ، ئۆزلىنىڭ ئىپتىدائىي خۇسۇسىيىتىنى ئىپادىلەيدۇ. كىشىلەرنى ئىپتىدائىي قۇيرۇقلۇق ھاشارەتلەرنى تەتقىق قىلىشى ھاشارەتلەر سېستىماتىكىسىدا ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، ھاشارەتشۇناسلىقنىڭ ئاساسىي نەزەرىيىسىنى تەتقىق قىلىشنىڭ بىر قىسمىدۇر. لېكىن ئازاتلىقتىن ئىلگىرى بۇ خىزمەت مەملىكىتمىزدە پۈتۈنلەي ئىشلەنمىدى. شۇڭا كىشىلەر مەملىكتىمىزدە ئىپتىدائىي قۇيرۇقلۇق ھاشارەتلەر يوق دەپ قارايتتى. 1956 - يىلى بېيجىڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسىنىڭ پروفېسسورى ياڭ جىكۈن مەملىكىتىمىزدىكى ئىپتىدائىي قۇيرۇقلۇق ھاشارەتلەرنىڭ ئەۋرىشكىسىنى تۇنجى قېتىم توپلىدى. بۇ ئىش مەملىتىكىمىزدىكى ھاشارەتشۇناسلىق ساھەسىدە خۇش خەۋەر بولۇپ تارقالدى. كېيىن شاڭخەي ھاشارەت تەتقىقات ئورنىدىكى پروفېسسور يىن ۋېنيىڭ مەملىكىتىمىزدىكى ئىپتىدائىي ھاشارەتلەرنىڭ تۈرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ تارقىلىش قانۇنىيىتىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، نۇرغۇنلىغان مۇھىم يېڭىلىقلارنى يارىتىپ، ھەرقايسى ئەللەردىكى كەسىپداش مۇتەخەسىسلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولدى. |
|