گۈلدۈرمامىلىق يامغۇر ئەڭ كۆپ ياغىدىغان جاي
يوللانغان ۋاقتى : 2008-10-26 11:09:40 كۆرۈلۈش سانى : 32
چاقماق چېقىپ ھاۋا گۈلدۈرلەش بىلەن تەڭ قارا يامغۇر شارقىراپ چۈشىدۇ. بۇنداق تەبىئەت ھادىسىسى يامغۇرلۇق بۇلۇتلار تازا يىغىلغاندا ئاتموسفېرانىڭ تىك قارمۇ - قارشى ئېقىمى ئارقىلىق شەكىللىنىدۇ. تۆۋەن كەڭلىكىدىكى رايونلار مەسىلەن: ھىندىنوزىيە، ئافرىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمى، مېكسىكىنىڭ جەنۇبىي قىسمى، پاناما، برازىلىينىڭ ئوتتۇرا قىسمى قاتارلىق جايلار دۇنياۋى خاراكتىرلىك گۈلدۈرمامىلىق يامغۇرنىڭ مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ. بولۇپمۇ ھىندۇنىېزىيىدىكى ياۋا ئارىلى دۇنياۋى گۈلدۈرمامىلىق يامغۇر بويىچە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ، بۇ جايدا گۈلدۈرمامىلىق يامغۇر بىر يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 220 كۈن ياغىدۇ. بۇ ئارالنىڭ غەربىدىكى بېيتېنزورگ شەھىرىدە يىللىق گۈلدۈرمامىلىق يامغۇر ياغىدىغان كۈنلەر بۇنىڭدىنمۇ كۆپ، بۇ يەردە 1916 - يىلدىن 1919 - يىلغىچە بولغان تۆت يىل ئىچىدە يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 332 كۈن گۈلدۈرمامىلىق يامغۇر يېغىشتەك يۇقۇرى رىكورد يارىتىلغان. بۇ شەھەردە گۈلدۈرمامىنىڭ گۈلدۈرلىشى كۈنىگە نەچچە مىڭ قېتىمدىن ئېشىپ كېتىدۇ. شۇڭا بۇ شەھەر دۇنيانىڭ «گۈلدۈماما مەركىزى» ياكى «گۈلدۈرماما ۋە چاقماق پادىشاھلىقى» بولۇشقا مۇناسىپ.
بېيتېنزورگ ئېكۋاتورغا يېقىن جايلاشقان بولۇپ، جەنۇب تەرىپى ۋولقان لاۋلىرىدىن ھاسىل بولغان ئېگىزلىككە ۋە ئېگىزلىكى 2 - 3 مىڭ مېتىرغا يېتىدىغان يانار تاغلارغا يېقىن ياندىشىپ تۇرىدۇ. ئاتموسفېرادىكى ئىسسىقلىقنىڭ ئۆتۈشۈشى ناھايىتى كۈچلۈك بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ياۋا دېڭىزدىن كەلگەن نەم ئىسسىق تۇمان يەر شەكلىنىڭ توسىشى بىلەن يۇقۇرىغا تېز ئۆرلەپ، يامغۇرلۇق بولۇتلارنى ناھايىتى ئاسان ھاسىل قىلىدۇ. بېيتىنزورنىڭ كۈندىلىك ھاۋا ئۆزگىرىشى قانۇنىيەتلىك بولۇپ، چۈشتىن ئاۋۋال ئومۇمەن ھاۋا ئوچۇق بولىدۇ. چۈشكە يېقىنلاشقاندا ئاسماندىكى بولۇتلار بارغانسېرى توپلىشىپ قېلىنلىشىدۇ. چۈشتىن كېيىن توپلاشقان يامغۇرلۇق بۇلۇتلار تاغنى تالقان قىلغۇدەك ھەيۋەت بىلەن گۈلدۈرلەپ چاقماق چاقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تەڭ قارا يامغۇر چىلەكلەپ قۇيغاندەك شارقىراپ چۈشىدۇ. يامغۇردىن كېيىن ھاۋا تازا ئېچىلىپ كېتىدۇ. ئۇزاق ئۆتمەي پۈتۈن شەھەر ئېكۋاتورنىڭ ئۆتكۈر قۇياش نۇرىغا چۆمىدۇ. يولۇچىلارنىڭ سۇغا چىلاشقان نېپىز كىيىملىرى ناھايىتى تېز قۇرۇيدۇ. |
|