ئەڭ قىممەتلىك باش كىيىم
يوللانغان ۋاقتى : 2008-10-31 10:26:03 كۆرۈلۈش سانى : 66
باش كىيىم كۈندىلىك كىيىلىدىغان نەرسە، ناپالىئوننىڭ سۈرەتلىرىدىن ئۇنىڭ ئۆز ھاياتىدا نۇرغۇن باش كىيىملىرىنى كىيگەنلىكىنى، بۇلارنىڭ كۆپىنچە ئىككى ئۇچلۇق كەلگەن ياپىلاق قالپاق بولۇپ، ئىنتايىن نەپىس ئىشلەنگەنلىكىنى كۆرىمىز.لېكىن ئۇنىڭ تەرجىمىھالىدا ھەقىقەتەنمۇ ئۇنىڭ ناھايىتى ئاددىي باش كىيىم كىيىدىغانلىقى يېزىلغان. 1814 - يىلى ياۋروپانىڭ فرانسىيىگە قارشى بىرلەشمە قوشۇنى پارىژنى ئىشغال قىلغاندا، ناپالىئون بىرىنچى قېتىم ئېلبا ئارىلىغا سۈرگۈن قىلىنغان. ناپالىئون 28 - ئاپرېلدا يولغا چىققاندا، ھەربىر كەنت ياكى شەھەر - بازارلارغا كەلگەندە ئاھالىنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ قويۇشىتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، باشقىچە ياسىنىپ، ئۈستىگە ئاددىي پەلتو كىيىۋالغان. يامغۇرلۇق يېپىنىۋالغان. بېشىغا ئاق گۈللۈك ئاددىي قالپاق كىيىۋالغان . ناپالىئون بىر مەزگىل دەۋران سۈرگەنلىكتىن ، ئۇ كىيگەن كىيىملەر ئاددىي بولسىمۇ، لېكىن ئۇ كىيگەنلىكى ئۈچۈنلا باھاسى بىردىن يۈز ھەسسىلەپ«كۆتۈرۈلگەن» 1970 - يىلى 4 - ئاينىڭ 23 - كۈنى فرانسىيىنىڭ رېموسلاۋلىن دېگەن يېرىدىكى مېترىروي ناپالىئوننىڭ ئاق گۈللۈك قالپىقىنى كىم ئاشتى قىلىپ ساتقاندا، ي قالپاق مەيلى شەكىل ۋە سۈپەت جەھەتتىن ئادەتتىكىچە بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ باھاسى 29471 ئامېرىكا دوللىرىغا چىققان، شۇنداقتىمۇ بىرسى ئۇنى قىممەت كۆرمەي سېتىۋالغان، سېتىۋالغۇچى شامپان ھارىقى شىركىتىدىكى مۇئەيجاڭدىن ئىدى. |
|