ئەڭ چوڭ مېتورېت
يوللانغان ۋاقتى : 2008-11-18 10:24:36 كۆرۈلۈش سانى : 218
كصچصك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
يەر شارىنىڭ ئەتراپىدىكى سەييارىلەر ئارا بوشلۇق سانسىز كىچىك ۋە غۇۋا چاك ۋە ماددىلار بىلەن تولغان. ئۇلار يەرشارى ئاتموسفېراسىغا كىرگەندە ئاقار يۇلتۇز بولۇپ شەكىللىنىدۇ. بەزىدە كۆپلىگەن ئاقار يۇلتۇزلار يامغۇرى دەپ ئاتىلىدۇ. ئاقار يۇلتۇزلاردىن چوڭراقلىرى ئاتموسفېرا قاتلىمىدىن ئۆتكەندە تامامەن كۆيۈپ بولالماي يەر يۈزىگە چۈشىدۇ. بۇلار مېتورېت دەپ ئاتىلىدۇ. تولۇقسىز مەلۇماتلارغا قارىغاندا، مېتورېتلار يەر يۈزىگە ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 150 قېتىم چۈشۈپ تۇرىدىكەن.
مېتورېتلار ئادەتتە ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ: (1) تۆمۈر مېتورېتلار، بۇلارنىڭ تەركىبىدە ئادەتتە تۆمۈر 80%تىن يۇقىرى بولىدۇ. بۇ خىل مېتورېتلار تېپىلغان مېتورېتلار ئومۇمىي سانىنىڭ 6% نى تەشكىل قىلىدۇ. (2) تاش مېتورېتلار، بۇلار ئاساسلىقى كىرىمىنىي ئوكسىدى، ماگنىي ئوكسىدى ۋە تۆمۈر ئوكسىدى قاتارلىق مېنىرال ماددىلاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، تېپىلغان مېتورېتلار ئومۇمىي سانىنىڭ 92% نى تەشكىل قىلىدۇ. (3) تاش - تۆمۈر مېتورېتلار، بۇلاردا تۆمۈر، نىكېل ۋە سىلىكات قاتارلىق مېنىرال ماددىلار تەڭمۇ - تەڭ بولۇپ، تېپىلغان مېتورېتلار ئومۇمىي سانىنىڭ ئىككى پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ. ھازىر مەلۇم بولغان ئەڭ چوڭ تۆمۈر مېتورېت ئافرىقىدىكى نامبىيىنىڭ گروتفېنتەن دېگەن يېرىدىن تېپىلغان بولۇپ، ئېغىرلىقى تەخمىنەن 60 توننا كېلىدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا گىرنېلاندىيىدە تېپىلغان مېتورېت بولۇپ، ئېغىرلىقى 33 توننا كېلىدۇ. مەملىكتىمىز بويىچە ئەڭ چوڭ تۆمۈر مېتورېت شىنجايدا تېپىلغان بولۇپ، ئېغىرلىقى 30 توننا كېلىدۇ. ئۇ دۇنيا بويىچە ئۈچىنچى ئۇرۇندا تۇرىدۇ. بۇ مېتورېت 1965 - يىلى ئۈرۈمچىگە كەلتۈرۈلۈپ كۆرگەزمە قىلىنغان. ھازىرغا قەدەر مەلۇم بولغان ئەڭ چوڭ تاش مېتورېتىنىڭ ئېغىرلىقى 1770 كىلوگرام بولۇپ، 1976 - يىلى 8 - مارتتا مەملىكىتىمىزنىڭ جىلىڭ رايونىغا چۈشكەن.
مېتورېتنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى رادىئاكتىپ ماددىلارنى ۋە ئۇنىڭ ئۆزگەرگەن قىسمىنىڭ نىسپىي تەركىبىنى ئۆلچەش ئارقىلىق مېتورېتنىڭ يېشىنى ھېسابلاپ چىققىلى، شۇنىڭ بىلەن ئانىلىق تېنىنىڭ شەكىللىنىش جەريانىنى بىلگىلى بولىدۇ. مېتورېتنىڭ دانسىمان گەۋدىسى قۇياش سېستىمىسىنىڭ شەكىللىنىش جەريانىدا پەيدا بولغان. شۇڭا مېتورېتلار قۇياش سېستىمىسنىڭ ئۆزگىرىپ بېرىش تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا، خۇددى يەر ئاستىدىن قېزىۋېلىنغان مەدىنى يادىكارلىقلار جەمئىيىتىنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ماتىريال بىلەن تەمىنلىگىنىدەك، مۇھىم ماتىرياللار بىلەن تەمىنلەيدۇ. |
|