يەر شارىنىڭ چوڭ كىچىكلىكىنى تۇنجى قېتىم ئۆلچىگەن ئادەم
يوللانغان ۋاقتى : 2008-11-12 09:47:13 كۆرۈلۈش سانى : 85
يەر شارىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىنى ئەڭ بۇرۇن كىم ئۆلچىگەن؟ تارىخىي ماتىرياللاردا يېزىلىشىغا قارىغاندا، قەدىمقى يۇنانلىق ئېرا توسفېن ئۆلچىگەن.
مىلادىدىن ئىلگىرى 240 - يىلى 21 - ئىيۇن چۈشتە، شىمالىي تروپىك سىزىقىغا جايلاشقان قەدىمقى سېن دېگەن مىسىر شەھىرىدە كۈن دەل ئادەمنىڭ چوققىسىغا چۈشكەن، قۇدۇق توسىقىنىڭ كۆلەڭگىسى چۈشمىگەن، تىك سىزىق بىلەن سىناق قىلغاندا، قۇياش نۇرى بىلەن تىك سىزىق ئۈستمۇ - ئۈست چۈشكەن. لېكىن ئوخشاش بىر ۋاقىتتا سېن شەھىرىنىڭ شىمالىدا تەخمىنەن 800 كىلومېتىردىن ئارتۇقراق نېرىدىكى ئىسكەندەرىيە شەھىرىدە بولسا، شۇڭا ئۇنىڭدىن كۆلەڭگە چۈشكەن. نېمە ئۈچۈن بۇنداق ئەھۋال يۈز بېرىدۇ؟ ئېرا توسفېن بۇ ھەقتە ئەستايىدىل ئويلىنىدۇ، ئەينى زاماندا كىشلەر يەرشارىنى ئومۇميۈزلۈك چاسا دەپ قارايتتى. ئېرا توسفېن: ئەگەر يەر شارى ھەقىقەتەن چاسا بولسا، يۇقۇرىقى ئەھۋالنى قانداق چۈشەندۈرگىلى بولسۇن؟ چوقۇمكى، يەر شارى ئەگرى بولغانلىقتىن شۇنداق بولغان، دەپ ئويلايدۇ. ئېرا توسفېن ئاخىر سانلىق ئاساسنى، يەنى يەرشارىنىڭ پېرىمېتىرى 46240 كىلومېتىر ئىكەنلىكىنى تاپقان. مەلۇمكى، ھازىر يەرشارى ئېكۋاتورىنىڭ ئۆلچەپ چىقىلغان پېرېمېتىرى40075 كىلومېتىر كېلىدۇ. مۇشۇنداق ھېسابلىغاندا، ئېرا توسفېننىڭ سانلىق ئاساسى بۇنىڭدىن تەخمىنەن 15% چوڭ، لېكىن ئەينى زاماندىكى شەرت - شارائىتتىن ئالغاندا، بۇ سانلىق ئاساسنى تېپىش ئاسان ئىش ئەمەس ئىدى. |
|