ئەڭ قەدىمقى پىۋا زاۋۇتى
يوللانغان ۋاقتى : 2008-11-05 09:42:04 كۆرۈلۈش سانى : 42
پىۋا گېرمانىيىدە ئەڭ ئومۇملاشقان ئىچىملىك بولۇپ، گېرمانىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتىدىكى ميۇنخېن شەھىرى بۇرۇندىن «پىۋىنىڭ مۇقەددەس ماكانى» دەپ ئاتىلىپ كەلگەن. بۇ شەھەردە «پىۋا ئىشلەش مۇزىيى»دا پىۋا ئىشلەشنىڭ قەدىمقى ھەرخىل ئۈسكۈنىلىرى ۋە سايمانلىرى كۆرگەزمە قىلىنغان. بۇ شەھەردە ھەريىلى سېنتەبىرنىڭ ئاخىرىدىن ئۆكتەبىرگىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان «پىۋا بايرىمى » پۈتۈن دۇنيا بويىچە داڭلىق بولۇپ، بايرام پائالىيىتىگە مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تەخمىنەن 5 مىليون ئادەم قاتنىشىدۇ. بايرامدا ئىچىلىدىغان پىۋا تۆت مىليون لېتىرغا يېتىدۇ.
ميۇنخېن ئەتراپىدىكى فىرېيزڭ شەھىرىدە دۇنيا بويىچە ئەڭ قەدىمقى پىۋا زاۋۇتى بولغان «ۋىھىينىسىد پىۋا زاۋۇتى » بار. بۇ يەرگە كەلگەنلىكى كىشى مۇشۇ زاۋۇتنىڭ پىۋىسىدىن ئىچمەي قالمايدۇ.
مىلادى 1040 - يىلى پادىشاھ فىرىيزىڭ دەرۋىشخانىسىغا پىۋا ئىشلەش ۋە سېتىش ئىمتىيازىنى بەرگەن. شۇنىڭدىن باشلاپ پىۋا زاۋۇتىنىڭ ئورنى، ئۈسكۈنىلىرى ۋە تېخنىكىسىدا ئۆزگىرىش بولغان بولىسمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى ئۈزۈلمەي كەلگەن.
مىلادى 1803 - يىلى، پىۋا زاۋۇدى دەرۋىشخانىدىن ئايرىلىپ بايېرىن دۆلەتلىك پىۋا زاۋۇتىغا ئايلاندى ھەمدە بۇ زاۋۇت پىۋا ئىشلەيدىغان ئىختىساسلىق كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈش مەكتىپىنى قۇرۇشقا باشلىدى. بۇ مەكتەپنىڭ نامى ھازىر ميۇنخېن بۆلۈمىگە ئۆزگەرتىلىپ، ئىككى يىللىق پىۋا ئىشلەش ۋە باشقۇرۇش خادىملىرى ھەمدە تۆت يىللىق پىۋا ۋە ئىچىملىك ئىشلەش تېخنىكىلىرىنى يېتىشتۈرمەكتە. بۇ مەكتەپ دۇنيا بويىچە داڭلىق مەكتەپلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.
بۇ زاۋۇتتىنىڭ قارمىقىدىكى پىۋا دۇكىنىنىڭ تىزىملىكىدە «1040 - يىلىدىن بۇيان ئىچىلىپ كەلگەن ۋىھىنىسد پىۋىسى، دۇنيا بويىچەئەڭ قەدىمقى پىۋا زاۋۇتىدىن چىققان مەھسۇلاتلار » ئۇنىڭدىن باشقا قەدىمدىن تارتىپ چىقىرىلىپ كەلگەن تۇققۇز خىل داڭلىق ھاراق كۆرسىتىلگەن. |
|