يالغۇز ئۇچۇپ يەرشارىنى تۇنجى قېتىم ئايلىنىپ چىققان ئادەم
يوللانغان ۋاقتى : 2008-10-18 10:55:36 كۆرۈلۈش سانى : 68
1924 - يىلى ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ ئاۋىئاتسىيە ئەترىتى يەرشارىنى ئايلىنىپ چىققاندىن كېيىن، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بىر ئايرۇپىلان بىلەن يالغۇز ئۆزى ئۇچۇپ يەر شارىنى ئايلىنىپ چىقماقچى بولۇشىدۇ. بۇ ئىشنى ئامېرىكا نېفىت ئىشچىسى ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان «يەكچەشمە» ئۇچقۇچى بېست (1935 - 1898) تۇنجى قېتىم ئورۇنلىدى.
بېست 1931 - يىلى باشقا بىر ئۇچقۇچى بىلەن بىللە ئامېرىكا روكىھىد ئايرۇپىلان شىركىتى ياسىغان «توقۇمىچى قىز - 5C» تىپىدىكى «سىڭىل ۋېنىنى » ناملىق ئايروپىلاننى ھەيدەپ، 23 - ئىيۇندىن 1 - ئىيۇلغىچە 8 كۈن 15 سائەت 15 مىنۇت ئىچىدە يەرشارىنى يالغۇز ئايروپىلان بلەن ئۇچۇپ دۇنيا بويچە تۇنجى قېتىم ئايلىنىپ چىقتى.
ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتكەندىن كېيىن، بېست يالغۇز ئۆزى ئۇچۇپ يەر شارىنى ئايلىنىپ چىقىش قارارىغا كېلىدۇ. ئۇ 1933 - يىلى 15 ئىيۇلدا «سىڭىل ۋېنىنى » ناملىق ئايروپىلان بىلەن نيۇ - يورك شەھىرىدىكى بانناي ئايرۇدرومىدىن ئۇچۇپ 22 - ئىيۇلدا شۇ ئايرۇدرومغا قايتىپ كېلىپ، يەرشارىنى يالغۇز ئۆزى ئۇچۇپ ئايلىنىپ چىقىشتەك يېڭىلىقنى ياراتتى. بۇ قېتىمقى ئۇچۇشقا 7 كۈن 18 - سائەت 49 - مىنۇت كەتتى. ئۇ شەرققە قاراپ 25090 كىلومېتىر ئۇچتى. بۇ جەرياندا يەرگە ئون قېتىم قوندى، ئۇچۇش ۋاقتى 115 سائەت 36 مىنۇت داۋام قىلدى.
بېست ھەيدىگەن «سىڭىل ۋېنىنى» ناملىق ئايرۇپىلان ياراتقان نۇرغۇن رېكوردلار ئايرۇپىلاننىڭ گەۋدىسىگە يېزىپ قويۇلغان. بېست روكىھد شىركىتى ياسىغان ئايروپىلاندا كېتىۋېتىپ 1935 - 15 ئاۋغۇستتا ئالياسكىدا ھادىسىگە ئۇچراپ قازا تاپتى. |
|