بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : كۇتۇپخانا >> دۇنيادا ئەڭ >> ئەڭ ئۇزۇن قۇش قانىتى

ئەڭ ئۇزۇن قۇش قانىتى

يوللانغان ۋاقتى : 2008-12-12 11:29:39    كۆرۈلۈش سانى : 175  
كصچصك | نورمال | چوڭ             
ئالباتروس  دېڭىز - ئوكيانلارغا كەڭ تارقالغان لەيلىگۈچى زور دېڭىز قۇشى بولۇپ، چوڭلىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىر مېتىردىن ئاشىدۇ. كۆپىيىش مەزگىلىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئۇلار كۈن بويى دېگۈدەك دېڭىز ئۈستىدە لەيلەپ ئۇچۇپ يۈرىدۇ. دېڭىزدا كېتىۋاتقان يولۇچىلار ئۇلارنىڭ پاراخۇتقا ئەگىشىپ ئۇچۇپ يۈرگەنلىكىنى دائىم  كۆرۈپ تۇرىدۇ. ئۇلار بەكمۇ چىرايلىق بولۇپ، ئىنتايىن چوڭ ئاپئاق قانىتىنى كېرىگەندە گويا  خۇددى ئاسماندا  بىكار يۈرگەندەك بىلىنىدۇ. بوران پەسلىدە بولسا، ئۇلار پورت ياكى قولتۇقلارنىڭ ئۈستىدە لەيلەپ ئۇچىدۇ. ئالباتروس سىيا بېلىق ۋە باشقا سۇ جانۋارلىرى بىلەن ئۇزۇقلىنىدۇ. شۇنىڭدەك پاراخۇتلاردىن تاشلىۋېتىلگەن يېمەكلىكلەرنىمۇ يەيدۇ. يېتىلگەن بىر ئالباتروسنىڭ قانىتىنى كېرىگەندە، قانىتىنىڭ بىر ئۇچىدىن  يەنە بىر ئۇچىغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى (قىسقارتىپ قاناتنىڭ يېيىلىشى دېيىلىدۇ) ئادەتتە 3.17 مېتىر كېلىدۇ. تەخمىنەن 1957 - يىلى ئاۋسترالىيىنىڭ غەربىدىن بىر ئەركەك ئالباتروس تور بىلەن تۇتۇۋېلىنغان. ئۇنىڭ قانىتىنى كېرىگەندە ئۇزۇنلۇقى 3.38 مېتىر كەلگەن. ئۇ خاتىرلەنگەن قۇش قاناتلىرى  بويىچە يېڭى رىكورد ياراتقان. تېيىز سۇلاردا ياشايدىغان زور قۇشلارغا كەلسەك، ئافرىقا ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادا ياشايدىغان لەيلەكلەرنىڭ كۆرۈنۈشى تۇرنىغىمۇ، قوتانغىمۇ ئوخشايدۇ. قانىتى ئۇزۇن، چوڭ، قۇيرۇقى قىسقا، يۇمۇلاق بولۇپ، قانىتىنى يايغاندا ئۇزۇنلۇقى ئۈچ مېتىردىن ئاشىدۇ. ناھايىتى يېنىك لەيلەپ ئۇچىدۇ. ئۇلار دائىم جىلغا سۈيى ياقىلىرىدا ئۇچۇپ بېلىق، پاقا،  يىلان ۋە قاسراقلىق كىچىك جانۋارلارنى تۇتۇپ يەيدۇ. كېچىسى ئېگىز دەرەخلەرنىڭ ئۈستىدە ياتىدۇ. مۇشۇ ئەسىرنىڭ  30 - يىللىرىدا ئافرىقىدا بىر لەيلەك ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇ قانىتىنى يايغاندا ئۇزۇنلۇقى 4.08  مېتىر كەلگەن. ئۇ لەيلەكلەر ئائىلىسىدە ئەڭ چىرايلىق بىر تۈر بولۇپ، گەۋدىسىدە ئارقىمۇ - ئارقا كەلگەن ئاق - قارا سىزىقلار بار.  شۇڭا لەيلەكلەرنى ناھايىتى ئاسان پەرق ئەتكىلى بولىدۇ، ئۇلارنىڭ تىك تۇرغاندا ئېگىزلىكى 1.3 مېتىر كېلىدۇ. مەملىكىتىمىزدىكى چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكىدە ياشايدىغان تاز بۈركۈت گەرچە ئەڭ ئۇزۇن قاناتلىق  قۇشلار قاتارىغا  كىرمىسىمۇ، لېكىن يەنىلا بىر خىل زور قۇش بولۇپ، قانىتىنى يايغاندا ئۇزۇنلۇقى ئىككى مېتىردىن كەم كەلمەيدۇ. بۇ قۇش ھايۋان جەسەتلىرىنى يەپ، «كوچا تازلاش خىزمى» نى ئىشلەيدىغان پايدىلىق قۇش سانىلىدۇ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  دۇنيا بويىچە سالدا ...
●  دۇنيا بويىچە ئەڭ مە...
●  تۇنجى سېيسموگراف
●  ئەڭ ئىپتىدائىي ھاش...
●  ئەڭ ئۇزۇن قۇش قانىت...
●  ئەڭ دەسلەپكى كەڭ يە...
●  ئەڭ چوڭ مېتورېت
●  ئەڭ زور مەخسۇس ماتې...
●  قۇشلارنىڭ ئەڭ تېز ۋ...
●  يەر شارىنىڭ چوڭ كى...
●  ئەڭ چوڭقۇر دېڭىز چۆ...
●  ئەڭ قەدىمقى پىۋا زا...
●  ئەڭ تۆۋەن ئويمانلى...
●  ئەڭ قىممەتلىك باش ك...
●  بوينى ئەڭ ئۇزۇق ئاد...
●  گۈلدۈرمامىلىق يامغ...
●  مىللىي ئىشلەپچىقىر...
●  چېكەتكىلەرنىڭ ئەڭ ...
●  يۇلتۇزلار ئارا بوش...
●  يالغۇز ئۇچۇپ يەرشا...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  دۇنيا بويىچە سالدا ئەڭ ئ...
●  دۇنيا بويىچە ئەڭ مەبلىغ...
●  تۇنجى سېيسموگراف
●  ئەڭ ئىپتىدائىي ھاشارەتل...
●  ئەڭ ئۇزۇن قۇش قانىتى
●  ئەڭ دەسلەپكى كەڭ يەلكەن...
●  ئەڭ چوڭ مېتورېت
●  ئەڭ زور مەخسۇس ماتېماتى...
●  قۇشلارنىڭ ئەڭ تېز ۋە ئەڭ...
●  يەر شارىنىڭ چوڭ كىچىكلى...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى