جىمجىتلىقنى سىغىنىپ ئۈتۈش...(كۆكلەم)
يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-01 22:10:40 كۆرۈلۈش سانى : 103
1
قار باسماقتا يوللارنى ئاستا،
كىچىپ- كىچىپ ئۆتمەكتە چۈشۈم.
ھەتتا روھمنىمۇ باسقىنى تۇزان،
شاۋقۇن بۇيىدا قالغانچە ئۈزۈم..
شۇنچە تاتلىق ئۇخلىغان مۈشۈك،
ئىتلار نىرىگە كەتكەن يۈگۈرشۈپ...
تۇساتتىنلا چۈشۈم بۇزۇلۇپ،
گۈل -گىياھلار ئىچىلغان بۆخسۈپ.
2
مۇڭسىراشقا باشلىغان دەرەخ،
ئاق تونىنى تاشلاي دىسىمۇ-
نە .ئۇنۇڭدا ئۇنچىلىك ماغدۇر،
ھەتتا قارلار ئىرىپ كەتسىمۇ!...
بىر جۇتچىلىق كىلىپ تۇساتتىن،
چۈشلىرىمنى بۇزۇپ ئۆتمەكتە!
جىمجىتلىقنى سىغىنىپ ئۈتۈپ،
ھەتتا باھار، ئاياز كەتمەكتە!...
2009-يىلى5-ئاينىڭ 30-كۈنى . قورغاس |
|