بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئەدەبىيات >> مەشھۇر ئەسەر مەزمۇنى >> ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻼﺭ ﺩﯨﯟﺍﻧﻰ... - ﻣﻪﻫﻤﯘﺩ ﻛﺎﺷﯩﻐﻪﺭﯨﻲ

ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻼﺭ ﺩﯨﯟﺍﻧﻰ... - ﻣﻪﻫﻤﯘﺩ ﻛﺎﺷﯩﻐﻪﺭﯨﻲ

يوللانغان ۋاقتى : 2008-12-29 00:24:00    كۆرۈلۈش سانى : 70  
كصچصك | نورمال | چوڭ             

 

تۈركىي تىللار دىۋانى

 

مەھمۇد كاشغەرىي

 

 

ئىلغار باسما تېخنىكىسى بىلەن دۇنياۋى سەۋىيىدە ئەڭ سۈپەتلىك قىلىپ نەشر قىلىنغان ھەمدە پەقەتلا 1000 يۈرۈشلا بېسىپ تارقىتىلغان < تۈركىي تىللار دىۋانى >

 

(دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك) – ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 11 – ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن بۈيۈك ئالىمى مەھمۇد كاشغەرىي تەرىپىدىن مىلادىيە 1072 – 1077 – يىللىرى يېزىپ تاماملانغان. < دىۋان  > دا ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ تىل بايلىقى، تارىخ، جۇغراپىيە، ئەدەبىيات – سەنئەت، ئىقتىساد، ئاسترونومىيە، كالىندارچىلىق جەھەتتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە ئىلمىي چۈشەنچىلىرى خاتىرىلەنگەن. بۇلار ئەينى دەۋردىكى جەمئىيەت تارىخىنى، ئېلىمىزدىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا قىمممەتلىك مەنبەدۇر. < تۈركىي تىللار دىۋانى >  دۆلىتىمىز مەدەنىيەت تارىخىدا بارلىققا كەلگەن داڭلىق ئەسەرلەردىن بىرى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئىنسانىيەت مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى مۇھىم مىراسلاردىن بىرىدۇر.

< دىۋان  > نىڭ تۇنجى نەشرى 1980 - 1984 - يىللىرى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن ئۈچ توم قىلىپ نەشر قىلىنغانىدى. بۇ قېتىم ئاشۇ نۇسخا ئاساسىدا قايتىدىن ئىشلەپ، زۆرۈر تۈزىتىشلەر كىرگۈزۈلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە < دىۋان  > نىڭ ئىندېكسىنى ئىشلەپ چىقىپ، ئۇنىڭغا < دىۋان  > نىڭ ئەسلىي قول يازمىسىنى قوشۇپ، جەمئىي ئىككى كىتاب قىلىندى. < دىۋان  > نىڭ بۇ قېتىمقى نەشرى ئۇنىڭ دۇنيادىكى باشقا نەشر نۇسخىلىرى ئىچىدە سۈپەتلىك ۋە مۇكەممەل نۇسخىسى بولۇپ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى مەھمۇد كاشغەرىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقىغا بېغىشلاپ ئالاھىدە نەشر قىلدى، ھەمدە ئىلغار باسما تېخنىكىسى بىلەن دۇنياۋى سەۋىيىدە ئەڭ سۈپەتلىك قىلىپ نەشر قىلدى ۋە مىراس سۈپىتىدە پەقەت 1000 يۈرۈشلا بېسىپ تارقاتتى.

 

 

مەھمۇد كاشغەرىي

 

شەرق خەلقلىرىنىڭ، ئوتتۇرا ئەسىردىكى مەدەنىيەت تارىخىدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سۆيۈملۈك پەرزەنتى، تۈركىي خەلقلەردە سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىقنىڭ ئاساسچىسى، لۇغەت شەكلىدىكى قامۇسى ئەسەر < تۈركىي تىللار دىۋانى > نىڭ ئۇئەللىپى مەھمۇت ئىبنۇل ھۈسەيىن ئىبىن مۇھەممەدىل قەشقەرى شۆھرەتلىك ئورۇن تۇتقان.

    مەھمۇد كاشغەرى قاراخانلارنىڭ سۇلتان ساتۇق بۇغراخاندىن ھېسابلىغاندا 7- ئەۋلاد خاقانى يۈسۈپ قىدىرخاننىڭ چەۋرىسى ھۈسەيىن ئىبىن مۇھەممەد، ئىبن سۇلايمان يۈسۈپنىڭ ئوغلى بولۇپ، سۇلتان ساتۇق بۇغراخاننىڭ 11- ئەۋلادىغا توغرا كېلىدۇ. ئۇ قەشقەردىكى قەدىمكى شەھەر – قەلئە ئوپالدا دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ دادىسى بىر مەزگىل يىپەك يولىنىڭ بوستان يايلاق – ئالاقىلىرى ئىشىكى ھېسابلانغان ئىسسىقكۆل ئوتتۇرا جەنۇبىدىكى بارسخان شەھىرىنىڭ ھاكىمى بولغان .

 

مەھمۇدقەشقەرى ۋە ئوتتورا ئاسىيادا ئۆز مەلۇماتىنى يۇقىرى قاتلامغا كۆتۈرگەندىن كېيىن كەڭ ئۇيغۇر ، ئوغۇز ، قىپچاق دالالىرىنى كېزىپ ، خاقانىيە تىلى بىلەن ھەرقايسى تۈركىي تىللارنىڭ سېلىشتۇرما تەتقىقاتىنى ئېلىپ بارغان . ئۇ ھىجىرىيىنىڭ 464 (1072) – يىلىدىن 466 ( 1074) – يىلىغىچە ئەرەب تىلىدا < دىۋانۇ لۇغەتت تۈرك > ( تۈرك تىلىنىڭ دىۋانى ) ناملىق مەشھۇر ئەسىرىنى يېزىپ، تابغاچ قارا بۇغراخاننىڭ قىزى، سالجۇق شاھى مەلىكىشاھ رەپىقىسى تۇركان خاتۇن كونتروللۇقى ۋە ھامىيلىقىدىكى باغداد خەلىپىسى ئوبۇلقاسىم ئابدۇللا مۇقتەدى بىئەمرۇللاغا ئۆز كىتابىنى تەقدىم قىلغان. ئۇ كېيىنكى ھاياتىنى قەشقەردە ئۆتكۈزۈپ، ئۆز يۇرتى ئوپالدا ئالەمدىن ئۆتكەن .

 

    تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرغا ئىگە بولماقچى بولسىڭىز، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلىپ تارقاتقان پەرھات جىلان ئەسەرلىرىدىن < مەھمۇد كاشغەرىي > ناملىق روماننى ئوقۇڭ.

 

 

< سەزگۈ تورى > دىن ئېلىندى.

 

يوللىغۇچى: قاراقاش ناھىيە كۇيا يېزا پاۋان كەنتە 4 - مەھەللە 9 - قورودا!


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  جىمجىتلىقنى سىغىنى...
●  <ﭼﯩﺪﯨﺴﺎﯓ ﻳﺎﺷﺎ> ﻧﻪﺷﺮﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﺘﻰ...
●  ﯪﺷﯩﻖ ﯞﻩﻳﺴﻪﻝ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ...
●  ﯪﺷﯩﻖ ﯞﻩﻳﺴﻪﻝ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ...
●  مۇھەممەد سادىق قەش...
●  "ﻛﯚﻣﯜﺭﭼﻰ ﺑﺎﻻ" ﺭﻭﻣﺎﻧﻰ ﺗﻮﻏﯩﺮﺳﯩﺪﺍ...
●  ﯪﻣﯩﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺯﺍﺭﻟﯩﻖ ﻓﺎﻧﺘﺎﺯﯨﻴﻠﯩﻚ ﻛﯩﻨﻮﺳﻰ -ﻳﺎﺷﯩﺮﯨﺶ...
●  يانا بىر فانتازىيل...
●  ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻼﺭ ﺩﯨﯟﺍﻧﻰ... - ﻣﻪﻫﻤﯘﺩ ﻛﺎﺷﯩﻐﻪﺭﯨﻲ...
●  ﭼﻪﻛﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻣﯧﯟﯨﮕﻪ ﭼﯧﻘﯘﻟﻐﯘﭼﻰ...
●  ﻛﺎﻓﻜﺎ ﯞﻩ ﯰﻧﯩﯔ ﯪﺗﺴﻰ...
●  <<ﺑﺎﻳﺎﯞﺍﻧﺪﯨﻜﻰ ﮔﯜﻟﺨﺎﻥ>>ھەققىدە...
●  << ﻗﯘﺭﻩﻳﯩﺶ ﻗﯩﺰﻯ >> ﺭﻭﻣﺎﻧﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﻪﻟﯩﻤﻪ ( ﻣﯘﻧﯩﺮﻩ ﯪﻟﯩﻢ )...
●  << ﻗﺎﻳﺘﺎ ﻧﯩﻜﺎﻫ >> ﺭﻭﻣﺎﻧﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ...
●  ﻣﯜﺷﯜﻙ ﺗﯧﺮﯨﺴﻰ ﺗﯘﻣﯩﻘﻰ...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  جىمجىتلىقنى سىغىنىپ ئۈت...
●  <ﭼﯩﺪﯨﺴﺎﯓ ﻳﺎﺷﺎ> ﻧﻪﺷﺮﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﺘﻰ...
●  ﯪﺷﯩﻖ ﯞﻩﻳﺴﻪﻝ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ...
●  ﯪﺷﯩﻖ ﯞﻩﻳﺴﻪﻝ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ...
●  مۇھەممەد سادىق قەشقەرى ...
●  "ﻛﯚﻣﯜﺭﭼﻰ ﺑﺎﻻ" ﺭﻭﻣﺎﻧﻰ ﺗﻮﻏﯩﺮﺳﯩﺪﺍ...
●  ﯪﻣﯩﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺯﺍﺭﻟﯩﻖ ﻓﺎﻧﺘﺎﺯﯨﻴﻠﯩﻚ ﻛﯩﻨﻮﺳﻰ -ﻳﺎﺷﯩﺮﯨﺶ...
●  يانا بىر فانتازىيلىك فى...
●  ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻼﺭ ﺩﯨﯟﺍﻧﻰ... - ﻣﻪﻫﻤﯘﺩ ﻛﺎﺷﯩﻐﻪﺭﯨﻲ...
●  ﭼﻪﻛﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻣﯧﯟﯨﮕﻪ ﭼﯧﻘﯘﻟﻐﯘﭼﻰ...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى