بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئەدەبىيات >> مەشھۇر ئەسەر مەزمۇنى >> ﭼﻪﻛﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻣﯧﯟﯨﮕﻪ ﭼﯧﻘﯘﻟﻐﯘﭼﻰ

ﭼﻪﻛﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻣﯧﯟﯨﮕﻪ ﭼﯧﻘﯘﻟﻐﯘﭼﻰ

يوللانغان ۋاقتى : 2008-12-18 04:42:20    كۆرۈلۈش سانى : 84  
كصچصك | نورمال | چوڭ             

چەكلەنگەن مېۋىگە چېقۇلغۇچى

 

نۇرمۇھەممەد تۇرسۇن ئالىپ ئوغۇز

   چەكلەنگەن مېۋىگە چېقۇلغۇچى ئەڭ قەدىمقى ئىنساننىڭ  ئەجدادى  ئادەم ئاتا بىلەن ھەۋا ئانا بولغان بولسا ،ئالدىنقى ئەسىردى يەنە بىر گىگانىت ئادەم بۇ مېۋىگە چېقىلدى . ئۇ دەل غەرپتە <<شېئىريەت ئاتسى>>(رىمبو) دەپ ئاتالغان بودىلېردۇر .

بودىلېر ئىديەسىنى چۈشۈنۈش ئۈچۈن ئاۋال بىز ئۇنىڭ سەنئەت ئېستېتكسىنى چۈشۈنۈشمىزگە توغرا كېلىدۇ .شۇنداق قىلغاندىلا ئۇنىڭ شېئىرللىرغا   ئارتىۋالغان سىرلىق تومان تاراپ ،ئاخىرى بىزنىڭ قوبۇل قىلىشىمىزغا ئەپچىل يول ھازىر بولىدۇ .

    بىز بودىلېرنىڭ قايسى شېئىرسىغا قارساق ئۇنىڭ ماۋزۇسىنىڭ پۈتۈنلەي دىگۈدەك قارمۇ _ قارشى ئۇقۇم ياكى ناملار بىلەن ئاتالغانلىقىنى بايقايمىز مەسىلەن ،<<رەزىللكى گۈلى >>(توپلىمى >>،<<خوشال ئۆلگۈچى  >>،<<چوڭ دۈشمەن >>،<<قان بۇلىقى >>،<<مۇھەبەت ئىلاھىي ۋە باش سۆڭكى >>،<< كونا سائەت >>، <<كېسەل بولغان شېئىريەت ئىلاھىي >>... بىز بەلكىم ئۇ ،دۇنيانىڭ زىدىيەتكە تولغانلىقىدىن ئىبارەت كونا پەلسەپىۋى  چۈشەنچىنىڭ تەسىرگە ئۇچرغان بولىشى مۆمكۈن دەپ قارشىمىز  مۆمكۈن .بۇنداق دەپ قارساق ئۇنىڭ دۇنيا قارشى تولىمۇ يۈزەكى  بولۇپ قالىدۇ . رومانتىزمچىلار  شېئىرللىرىنى چەكسىز غايىۋى مەنزىلنى ئۆز ھېسياتىنى بىۋاستە ئىپادىلەش ئارقىلىق يازغان بولسا ،بودىلېر ئۇلارغا ئوخشىمايدىغان يوللنى تاللىدى .بۇ تاللاش ھەرگىزمۇ ئەقىل ئارقىلىق دۇنيانى بوي سۇندۇرغىلى بولىدۇ دىگۈچىلەرگە ئوخشىمايتى شۇنداقلا رومانتىزملار تەلمۈرۈپ كۈتۋاتقان غايىۋى مەنزىلگە ئوخشىمايتى .ئۇ بولسىمۇ دەل ئالۋاستىغا(شەيتانغا ) دەلمۇ دەل قاراپ مېڭىش ئىدى ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئەلبەتتە جاسارەت كېرەك . ئۇنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇرلىقىدا بىر ئالۋاستا ھەسىرەتلىك يىغلايتى ،گۇنايى ئۈچۈن ،ئۆزىنىڭ مەھپۇسلىقى ئۈچۈن ئاھ ئۇراتتى .بۇ ھاھ ئۇرۇشنىڭ ئاستىدا ئىنسان گۇناسىز ،پاك دىگەن چۈشەنچە ئەمەس بەلكى <<ئەسلى گۇنا >>ئېڭى ياتاتتى . بۇ  قاراش ئۇنىڭ پۈتكۈل شېئىرللىرغا سېڭغان. شۇڭا ئۇ رەزىللىكنى ئىپادىلەشنى مۇھىم نىشان قىلغان ،چۈنكى ئۇنىڭ نەزىردە ئىنسان گومراھ ، ئاسىي ، جىنايەتكار ئىدى . ئىنساننىڭ جەننەتتىن قوغلىنىشىنى ئىنسان كەلتۈرۈپ چىقاردى ،دىمەك ئۇنىڭدا رەزىللك ئەزىلى بار ھەم شۇنداق ئىدىيە بىلەن قۇراللانغان. بودىلېر :<<ئىنسان قەلبى شەيتان بىلەن ئىلاھنىڭ جەڭ مەيدانى >>دەيدۇ . دىمەك ئۇنىڭ نەزىردە ئىنساندا ھەم ئىلاھىلىق ۋە شەيتانلىق ،پاكلىق ۋە بۇلغۇنۇش ، ياخشىلىق ۋە يامانلىق ھەر ۋاقىت مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ . شۇڭا بودلېر :<<قارمۇ _ قارشى نەرسىلەر ئوتتۇرسىدا مۇناسىۋەت قۇرش .>>دىگەن ئىديەنى كوتۇرۇپ چىقىپ ئۇنى شېئىريىتنىڭ ئاساسى قىلغان .ئۇنىڭ بۇ دېگىنى ھەرگىزمۇ تاشقى دۇنايدىكى ماددىغا خاس ئاتالمىش زىديەت ئەمەس بەلكى ئىنسان ئېڭىدىكى زىدىيەت ،كۆرەش ،سۈركۈلىش ...،مۇنداقچە  ئېيىتقاندا ئىنسان ئېڭىدا بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ئىككى ياخشىىلق { تىرگىدىي بىر تەرپلىمىلككە ئىگە بولغان ئىككى ياخشلىق ئوتتۇرسىدىكى توقۇنۇش .(گېگىل )}ئوتتۇرسىدىكى مۇناسۋەت .  

   بۇنىڭىندىن باشقا ئۆلۈم  ئېڭى بوتلېرنىڭ شېئىرللىرىدا  ئالاھىدە سالماقنى ئىگەللەيدۇ مەسىلەن،  <<ئۆلتۈرۈلگەن ئايال >>،<<ئاشقلارنىڭ ئۆلۈمى >>،<<سېسىغان جەسەت >>... ئۇنىڭ بۇخىل ئۆلۈم ئىپادىلەنگەن شېئىرىللىردىن ھەرگىزمۇ ئۆلۈمگە بولغان نەپىرەت ياكى سەسكىنىش تويغۇسىنى تاپالمايمىز ئەكسىچە بودىلېرنىڭ ئۆلۈمگە بولغان تەشنالىقى ۋە ئۇنىڭغا بولغان مەدىھيەناخشىسىنى ئاڭلايمىز . بۇ نىمە ئۈچۈن ؟ بودىلېر نەزىردە ئۆلۈم پاكلىنىش ،گۇناھكار روھىينى قۇتۇلدۇرۇپ يەنە بىر يۈكسەكلىك ئالىمگە يېتىشتىن ئىبارەت .چۈنكى ئىنسان گۇناھكار شۇڭا ئۇ ئۆلۈم ئارقىلىقلا  رەزىللىكتىن قۇتىلالايدۇ  .يەنە كېلىپ ئىنسانىيەتنىڭ گۇناھ ئېڭنى ئۇنىڭ ئەجدادى ئۇنىڭغا مىراس قالدۇرغان .ئۇ بۇنىڭدىن قۇتلۇشقا ئامالسىز ،ئۇ پانلىقنىڭ قارڭغۇلىقىغا گۇناھىي ئۈچۈن تاشلاندى .بۇ تاشلىنىش يەنە بىر جەھەتتىن ئۇنى تېخمۇ گۇناھقا ئىشتىردى .شۇڭا بوتلېر نەزىردە رەزىللك بىلەن ياخشلىق ئوخشاش نەرسە .


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  جىمجىتلىقنى سىغىنى...
●  <ﭼﯩﺪﯨﺴﺎﯓ ﻳﺎﺷﺎ> ﻧﻪﺷﺮﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﺘﻰ...
●  ﯪﺷﯩﻖ ﯞﻩﻳﺴﻪﻝ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ...
●  ﯪﺷﯩﻖ ﯞﻩﻳﺴﻪﻝ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ...
●  مۇھەممەد سادىق قەش...
●  "ﻛﯚﻣﯜﺭﭼﻰ ﺑﺎﻻ" ﺭﻭﻣﺎﻧﻰ ﺗﻮﻏﯩﺮﺳﯩﺪﺍ...
●  ﯪﻣﯩﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺯﺍﺭﻟﯩﻖ ﻓﺎﻧﺘﺎﺯﯨﻴﻠﯩﻚ ﻛﯩﻨﻮﺳﻰ -ﻳﺎﺷﯩﺮﯨﺶ...
●  يانا بىر فانتازىيل...
●  ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻼﺭ ﺩﯨﯟﺍﻧﻰ... - ﻣﻪﻫﻤﯘﺩ ﻛﺎﺷﯩﻐﻪﺭﯨﻲ...
●  ﭼﻪﻛﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻣﯧﯟﯨﮕﻪ ﭼﯧﻘﯘﻟﻐﯘﭼﻰ...
●  ﻛﺎﻓﻜﺎ ﯞﻩ ﯰﻧﯩﯔ ﯪﺗﺴﻰ...
●  <<ﺑﺎﻳﺎﯞﺍﻧﺪﯨﻜﻰ ﮔﯜﻟﺨﺎﻥ>>ھەققىدە...
●  << ﻗﯘﺭﻩﻳﯩﺶ ﻗﯩﺰﻯ >> ﺭﻭﻣﺎﻧﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﻪﻟﯩﻤﻪ ( ﻣﯘﻧﯩﺮﻩ ﯪﻟﯩﻢ )...
●  << ﻗﺎﻳﺘﺎ ﻧﯩﻜﺎﻫ >> ﺭﻭﻣﺎﻧﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ...
●  ﻣﯜﺷﯜﻙ ﺗﯧﺮﯨﺴﻰ ﺗﯘﻣﯩﻘﻰ...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  جىمجىتلىقنى سىغىنىپ ئۈت...
●  <ﭼﯩﺪﯨﺴﺎﯓ ﻳﺎﺷﺎ> ﻧﻪﺷﺮﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﺘﻰ...
●  ﯪﺷﯩﻖ ﯞﻩﻳﺴﻪﻝ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ...
●  ﯪﺷﯩﻖ ﯞﻩﻳﺴﻪﻝ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ...
●  مۇھەممەد سادىق قەشقەرى ...
●  "ﻛﯚﻣﯜﺭﭼﻰ ﺑﺎﻻ" ﺭﻭﻣﺎﻧﻰ ﺗﻮﻏﯩﺮﺳﯩﺪﺍ...
●  ﯪﻣﯩﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺯﺍﺭﻟﯩﻖ ﻓﺎﻧﺘﺎﺯﯨﻴﻠﯩﻚ ﻛﯩﻨﻮﺳﻰ -ﻳﺎﺷﯩﺮﯨﺶ...
●  يانا بىر فانتازىيلىك فى...
●  ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻼﺭ ﺩﯨﯟﺍﻧﻰ... - ﻣﻪﻫﻤﯘﺩ ﻛﺎﺷﯩﻐﻪﺭﯨﻲ...
●  ﭼﻪﻛﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻣﯧﯟﯨﮕﻪ ﭼﯧﻘﯘﻟﻐﯘﭼﻰ...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى