بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئەدەبىيات >> مەشھۇر ئەسەر مەزمۇنى >> ﻛﺎﻓﻜﺎ ﯞﻩ ﯰﻧﯩﯔ ﯪﺗﺴﻰ

ﻛﺎﻓﻜﺎ ﯞﻩ ﯰﻧﯩﯔ ﯪﺗﺴﻰ

يوللانغان ۋاقتى : 2008-12-16 01:39:59    كۆرۈلۈش سانى : 41  
كصچصك | نورمال | چوڭ             

كافكا ۋە ئۇنىڭ ئاتسى

نۇرمۇھەممەد تۇرسۇن ئالىپ ئوغۇز

 

   كافكا نېمىس ئەدەبىياتىدىلا ئەمەس ئالدىنقى ئەسىردىكى بارلىق  غەرپ ئەدەبىيات ئېقىملىرغا ئۆز تەسىرنى كۆرسەتتى .ئۇنىڭ تەسىر ھېلىغىچە داۋام ئەتمكتە . ئۇنىڭ سىرلىق قەلەگە ئوخشاپ كېتىدىغان ئەسەرلىرىنى چۈشۈنۈش ۋە ئۇنىڭ تېگىگە يېتىش ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان ئەسەرلەر  باشقىلار تەرپىدىن يېزىلدى .

   كافكا ئۆز غاتىرسىگە :<<مەن ئائىلەمدە ئوشۇق ئادەم >>دەپ يازغان . ئۇ بىر ئۆمۇر غېرىپلىق ئىچىدە ھاياتنى داۋام قىلغان . ئۇنىڭ دەۋىرداشلىرى كافكانىڭ تولىمۇ چىقىشقاق ئادەم ئىكەنلىكىنى قەيىت قىلىشقان بولسىمۇ لېكىن ئۇنىڭ ئىچكى دۇنياسى ھەل قىلغىلى بولمايدىغان زىدىيەت ، ۋەھىمە ، غېرىپلىق ئىچىدە ئۆتكەن  .  بۇنداق روھىي ئازاپ  يەھۇدىلارنىڭ ئەجدادىدىن قالغان ماكانسىزلىق ،سەرگاردانلىق تۇيغۇسى بىلەن يىلتىزداش بولسىمۇ لېكىن بىز بۇ روھيى ھالەتنى ئۇنىڭ ئائىيلىسدىكى كۆڭۈلسىزلىكلەردىن ئىزلەشكىمۇ سەل قارماسلىقىمىز كېرەك .چۈنكى ئۇ ئائىلىسدە   <<ئوشۇق ئادەم >>ئىدى . بۇ <<ئوشۇق ئادەم >> بولۇشتىن ئىبارەت غېرپلىقنى  دەل ئۇنىڭ ئاتسى بىلەن ئۆزى ئوتتۇرسىدىكى توقۇنۇش پەيدا قىلغان . ئۇنىڭ ئاتسى ئوتتۇرا بورژازىيە قاتلىمىغا تەۋە سودىگەر  ئىدى . ئۇنىڭ مەخسىدى  بارلىق ئائىلە ئەزالىرنى سەپەرۋەر قىلىپ،  مىڭ تەستە تىكلىگەن ئىگىلىكىنى قوغداش ۋە ئۇنى تەرققىي قىلدۇرۇش ئىدى . شۇڭا ئۇ دائىم ئائىلە ئەزالىرغا بولۇپمۇ كافكانى قاتتىق باشقۇراتتى ،كافكا پەقەت ئۇنىڭ ئارزۇسى بويچە ياشىسا ۋە ئۇنىغا مۇتلەق بوي سونسا بولاتتى .بۇنداق بولغاندا ئۇ ئاتسىنىڭ كۈتكەن يېردىن چىققاتتى . كافكانىڭ ئاتسى ئۇنى بىر سودىگەر  قىلىشقا بەل باغلاپ بارلىق ئۆمىدىنى ئۇنىڭغا قاراتقان ئىدى . لېكىن ئىش ئويلىمىغان يەردىن چىقتى .كافكا دەل ئاتسنىڭ ئارزۇسىغا قارشى يولنى تۇتى . بۇ دەل ئۇنىڭ يېزىقچىلىق يولىنى تاللىغانلىقى ئىدى .

بىز كافكانىڭ <<شەكىل ئۆزگۈرۈش خاتىرسى >>دىگەن ئەسىرىنى ئوقىغان ۋاقتىمىزدا كافكا بىلەن ئاتسى ئوتتۇرسىدىكى زېدىيەتنىڭ  كەسكىنلىكىنى ھېس قىلىپ يېتىمىز . بۇ ئەسەردە  كافكا  ئۆزىنىڭ ئائىلىسىدىكى غېرىپلىقنى جانلىق ئىپادىلەپ بەرگەن . ئەسەردىكى باش قەھىرمان توساتتىن قوڭغۇزغا ئايلىنىپ قالىدۇ يەنى <<ئوشۇق ئادەمگە >>ئايلىنىپ قالىدۇ . لېكىن قوڭغۇز ئادىملىكىنى يوقاتمايدۇ . ئاخىردا باش قەھىرماننىڭ ئاتسى ( پۇل ئۈچۈن ياشايدىغان قاتتىق قول ئادەم ) قوڭغۇزنى پەرۋاسىز چۆپلۈككە تاشلىۋىتىدۇ . ئادىملىكنى يوقاتمىغان قوڭغۇز چەكسىز ئازاپ ئىچىدە  غېرىپلىق چۆلىدە قالىدۇ  . بۇ يەردە قوڭغۇز دەل كافكانىڭ ئىتبارسىز قېلىۋاتقان ئېڭىدۇر . بۇ ئاڭ بارلىق كونىلىقنىڭ ،مۈتەسىپ تۈزۈلمىنىڭ ، ئاتا ھۆكۈمرانلىقىنىڭ تاپىنى ئاستىدا ئىزلىپ كەلگەن .

كافكانىڭ ئاتسىنىڭ ئارزۇسى بۇيچە ياشمىغانلىقى ئۇنىڭ تۇرمىشنى بەغتسىزلىك پاتقىقىغا ئىشتىردى . ئۇ ئىككى قىز بىلەن توي قىلىشقا پۈتۈشكەن بولسىمۇ لېكىن ئاتىسى ئۇلار بىلەن توي قىلىشقا بارلىق كۈچى بىلەن قارشى چىققان ، چۈنكى ئۇلار نامرات ئائىلىدىن كېلىپ چىققان ئىدى . بۇنىڭ بىلەن كافاكانىڭ ئىككى قېتملىق ئائىلە قۇرۇش چۈشى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان . بىر قېتىم ئۇنىڭ ئاتسى ئۇنى ئىزلەپ كېلىپ :<< كوچىدىكى بىرەرسى بولسىمۇ مەيلى دەرھال تويۇڭنى قىل. >>دەپ ئۇنى مەسخىر قىلغان . ئاتسىنىڭ بۇ مەسغىرسى ئۇنىڭ قەلبىگە ئۆمۈرلۈك جاراھەت قالدۇرغان .كافكا بۇ سەۋەپلىك ئۆمۈرلۈك توي قىلماسلىقنى قارار قىلغان .بۇ ئۇنىڭ ئاتسىدىن ئۆچ ئېلىشى ئىدى . كېيىن ئۇ ئۆيدىن كۆچۈپ چىقىپ كېتىپ، بىر قىز بىلەن توي قىلماي بىللە تۇرمۇش كەچۈرگەن . بۇ قىز ئۇنىڭ ئاخىرقى تىنقى قالغىچە ئۇنىغا ھەمرا بولغان . ئۇ ئۆلگەن كۈنى شۇ قىز دەل قەۋرە بېشىدا  كافكا ئۈچۈن ياش تۆككەن. ئۆلۈم كۈنى كافكانىڭ ئاتىسى كافكانىڭ مەنىۋى ھەمرايى بۇ قىزغا بىرەر ئېغىز تەسەلى سۆزى  قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن ھەتتا ئۇنىڭغا سالاممۇ قىلىپ قويمىغان .

بىز كافكانىڭ <<قەلە >>دىگەن ئەسىرىنى ئوقىغان ۋاقىتتىمۇ .ئۇنىڭ ئاتسى بىلەن ئۆزى ئوتتۇرسىدىكى زېدىيەتنىڭ كۆلەڭگىسىنى بايقايمىز .ئەسەردىكى  <<ك >> قەلە يېنىدىكى بىر كەنىتتە ئولتۇراقلىشىش  ھوقوغىغا ئېرشىش ئۈچۈن قەلەگە كىرشكە تىرشقان بولسىمۇ لېكىن بۇ سىرلىق  قەلەگە زادى يېتىپ بارالمايدۇ .بۇ يەردىكى قەلە ،ھەممە كۆنۈپ كەتكەن ئەمما كارشى تۇرغىلى بولمايدىغان ئاتىنىڭ ئائىلىدىكى مۈستەبىت ھۆكۈمىرانلىقى شۇنداقلا قان شورغۇچى  ھاكىمىيەت ئاتسى بولمۈش پادىشاھنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ سېموۋۋۇلى  ...

 

قىسقىچە ئەسكەرتىش :

روھىيى ئانالىز ئىلمنىڭ ئاساسچىسى فىرويىت <<ئودپىپىس تۈگىنى >>دىگەن بىر پەننى ئاتالغۇنى كەشىپ قىلغان .بۇنىڭ مەنىسى بالىنىڭ ئاتىغا بولغان دۈشمەنلىكى ياكى ئۇنىڭ ھۆكۈمىرانلىقىدىن قۇتۇلىشغا ئۇرۇنۇش ھېسياتى ...

...

فىرويىتنىڭ بۇ نەزىريەسى غەرپ يېقىنقى زامان  <<پىسخىكا تەنقىتچىلىكىدە >>مۇھىم رول ئوينىغان  .

 



[ ﺑﯘ ﻳﺎﺯﻣﺎ abduraxit ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ 2008-12-16 11:01:08 ﺗﯜﺯﯛﺗﯜﭖ ﺗﻪﻫﺮﯨﺮﻟﻪﻧﺪﻯ . ]


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  جىمجىتلىقنى سىغىنى...
●  <ﭼﯩﺪﯨﺴﺎﯓ ﻳﺎﺷﺎ> ﻧﻪﺷﺮﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﺘﻰ...
●  ﯪﺷﯩﻖ ﯞﻩﻳﺴﻪﻝ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ...
●  ﯪﺷﯩﻖ ﯞﻩﻳﺴﻪﻝ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ...
●  مۇھەممەد سادىق قەش...
●  "ﻛﯚﻣﯜﺭﭼﻰ ﺑﺎﻻ" ﺭﻭﻣﺎﻧﻰ ﺗﻮﻏﯩﺮﺳﯩﺪﺍ...
●  ﯪﻣﯩﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺯﺍﺭﻟﯩﻖ ﻓﺎﻧﺘﺎﺯﯨﻴﻠﯩﻚ ﻛﯩﻨﻮﺳﻰ -ﻳﺎﺷﯩﺮﯨﺶ...
●  يانا بىر فانتازىيل...
●  ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻼﺭ ﺩﯨﯟﺍﻧﻰ... - ﻣﻪﻫﻤﯘﺩ ﻛﺎﺷﯩﻐﻪﺭﯨﻲ...
●  ﭼﻪﻛﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻣﯧﯟﯨﮕﻪ ﭼﯧﻘﯘﻟﻐﯘﭼﻰ...
●  ﻛﺎﻓﻜﺎ ﯞﻩ ﯰﻧﯩﯔ ﯪﺗﺴﻰ...
●  <<ﺑﺎﻳﺎﯞﺍﻧﺪﯨﻜﻰ ﮔﯜﻟﺨﺎﻥ>>ھەققىدە...
●  << ﻗﯘﺭﻩﻳﯩﺶ ﻗﯩﺰﻯ >> ﺭﻭﻣﺎﻧﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﻪﻟﯩﻤﻪ ( ﻣﯘﻧﯩﺮﻩ ﯪﻟﯩﻢ )...
●  << ﻗﺎﻳﺘﺎ ﻧﯩﻜﺎﻫ >> ﺭﻭﻣﺎﻧﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ...
●  ﻣﯜﺷﯜﻙ ﺗﯧﺮﯨﺴﻰ ﺗﯘﻣﯩﻘﻰ...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  جىمجىتلىقنى سىغىنىپ ئۈت...
●  <ﭼﯩﺪﯨﺴﺎﯓ ﻳﺎﺷﺎ> ﻧﻪﺷﺮﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﺘﻰ...
●  ﯪﺷﯩﻖ ﯞﻩﻳﺴﻪﻝ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ...
●  ﯪﺷﯩﻖ ﯞﻩﻳﺴﻪﻝ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ...
●  مۇھەممەد سادىق قەشقەرى ...
●  "ﻛﯚﻣﯜﺭﭼﻰ ﺑﺎﻻ" ﺭﻭﻣﺎﻧﻰ ﺗﻮﻏﯩﺮﺳﯩﺪﺍ...
●  ﯪﻣﯩﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺯﺍﺭﻟﯩﻖ ﻓﺎﻧﺘﺎﺯﯨﻴﻠﯩﻚ ﻛﯩﻨﻮﺳﻰ -ﻳﺎﺷﯩﺮﯨﺶ...
●  يانا بىر فانتازىيلىك فى...
●  ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻼﺭ ﺩﯨﯟﺍﻧﻰ... - ﻣﻪﻫﻤﯘﺩ ﻛﺎﺷﯩﻐﻪﺭﯨﻲ...
●  ﭼﻪﻛﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻣﯧﯟﯨﮕﻪ ﭼﯧﻘﯘﻟﻐﯘﭼﻰ...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى