ﯪﻣﯩﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺯﺍﺭﻟﯩﻖ ﻓﺎﻧﺘﺎﺯﯨﻴﻠﯩﻚ ﻛﯩﻨﻮﺳﻰ -ﻳﺎﺷﯩﺮﯨﺶ
يوللانغان ۋاقتى : 2009-01-08 12:13:46 كۆرۈلۈش سانى : 115
ئامىرىكىنىڭ 2008يىلدىكى ئەڭ بازارلىق فانتازىيلىك كىنوسى -ياشىرىش قىسقىچە ۋەقەلىكى :1918يىلى بىرىنچى دۇنيا ئاياقلىشىش ھارپىسىدا بىر ئەما سائەتچى ئۇرۇشتا ئۇلۇپ كەتكەن ئوغلىغا سېغىنىپ ،ئۇرۇشتا ئۇلۇپ كەتكەن پەرزەنتلىرىنىڭ ساق سالامەت مۇكەممەل تۇرمۇشتىن بەھىرلىنىشى ئارزوسىداسائەت ئىستىرىلكىسىنى تەتۇر ئايلىنىدىغان قىلىپ بىر چوڭ سائەت ياسايدۇ .ئۇ سائەت پۇتۇپ پويىز ئىستانىسىغا ئورنىتىلغان كۇنى ئۇ ئەما سائەتچى ئىز دىرەكسىز غايىپ بولىدۇ . دەل شۇ دەقىلەردە ئۇرۇش ئاياقلاشقان كېچىسى بىر ئانا بىر ئوغۇل بوۋاق تۇغۇپ تۇغىتىدا ئۇلىپ كېتىدۇ ئەمما ئۇ بوۋاق قارىماققا بوۋاققا ئوخشىسىمۇ ئەمما چىرايى ۋە تېرىسى بەئەينى 80-90ياشلىق بوۋايلاردەك قېرى كۆرۇنەتتى ،بۇ غەلىتە بوۋاقنى كۆرۇپ دادىسى قورقۇپ كېتىپ ،شۇ ئاچىغىدا ئۇنى قېرىلار سانا تورىيىسىگە ئاپىرىپ تاشلىۋېتىدۇ ،شۇ يەردە ئىشلەيدىغان .ئاق كۆڭۇل نىگىر قىز كۇينى ئۇنى بېقىۋالىدۇ . شۇندىن باشلاپ ئۇ شۇ يەردە چىرايى قېرى بولسىمۇ (بالىلاردەك) يۇرۇپ ئاستا –ئاستا( چوڭ) بولىدۇ،ئەمما ئۇنىڭ ئۇسۇپ يېتىلىشى باشقىلارنىڭ ئۇسۇپ يېتىلىشىگە ئوخشىمايدۇ ،باشقىلار ياشىغانسىرى قېرىپ ماڭسا ،ئۇ ياشىغانسېرى ياشىرىپ ماڭىدۇ .ئۇ ئون نەچچە ياش ۋاقىتلىرىدا قارىماققا 70ياشلاردەك كۆرۇنسىمۇ ئەمما شۇ ساناتورىيەدىكى بىر موماينىڭ نەۋرىسى دەيس ئۇنى يەكلىمەي ياقتۇرۇپ قالىدۇ ،كېيىن بۇ بىن جىم 18ياشقا تولغان ۋاختىدا گەرچە قارىماققا 60ياشلاردەك كۆرۇنسىمۇ پاراخوتتا ماتروسچىلىق قىلىش ئۇچۇن ئۆيىدىن ئايرىلىدۇ .ئۇ 20نەچچە ياش مەزگىلىرىدە ئۇ ئۆيىگە قايتىدۇ ،شۇ چاغلاردىن باشلاپ ئۇنىڭ جىسمانىي ،سىرتقى قىياپەت يېشى بىلەن ئەمىلىي يېشى يىقىنلىشىپ قالىغاچقا ،شۇ چاغدا دەيىس بىلەن جىم قايتا ئۇچرۇشۇپ ئۆز- ئارا ياخشى كۆرۇشكەن بولسىمۇ ئەمما خىلمۇ خىل سەۋەپلەر،ۋە ئۇقۇشماسلىقلار سەۋەپتىن ئۆز –ئارا كۆڭۇل ئىزھار قىلىشالمايدۇ .كېيىن دەيىس داڭلىق بالىت ئارتىسى بۇلۇپ نەمۇ نە ئويۇن قويىدۇ ،ھەم داڭلىق چولپانغا ئايلىنىدۇ ،ئەمما بىر قېتىملىق تاسادىپى قاتناش ۋەقەسىدە پۇتى يارلىنىپ شۇندىن كېيىن بالىت سەھنە ھاياتى بىلەن خوشلىشىدۇ ،دەل شۇ بەخىتسىزلىك يۇز بەرگەن كۇنلەردە بىنجىم دەيىسكە كۆڭۇل ئىزھار قىلىپ بۇ ئىككى ئاشىق مەشۇق ئاخىر مۇرات مەخسىتىگە يېتىپ توي قىلىپ بىر بەخىتلىك ئائىلە قۇرۇدۇ،ھەم بىر قىز پەرزەنىتلىك بولىدۇ .ئەمما جىم قىزى كاتىرىننانىڭ چوڭ بۇلىشى،ۋە سۇيۇملىك مەشۇقى دەيىسنىڭ بارغانسېرى پىشىپ يېتىلىشىنىڭ ئەكسىچە ئۇ ياشرىىپ ماڭىدۇ ،جىم ئاخىر ( دەيىس سېنى سۇيىمەن،نىمىلا بولسا بالام بىلەن ئىككىمىزنى تەڭ بېقىپ يۇرسەڭ بولمايدۇ يانا كىلىپ كاتىرىننا بىللە ئوينايدىغان ھەمراغا ئەمەس بەلكى بىر ھەقىقى دادىغا مۇھتاج) دەپ ئۆز دادىسىدىن قالغان زاۋۇتنى سېتىپ ئانا بالا .ئىككىسىنىڭ تۇرمۇشقا ئىشلىتىشىگە قويۇپ (دادىسى بادۇن ئەپەندىم گەرچە جىمنى كېچىكىدە غەلىتىلىكىدىن تاشلىۋەتكەن بولسىمۇ ،ئەمما كېيىن دائىم ئىزدەپ كۆڭۇل بۇلۇپ تۇرۇدۇ ،قېرىپ.ئۇلۇش ۋاقتىدا تۇگمە زاۋۇتىنى جىمغا مىراس قويغانتى )ئازاپ ئېچىدە ئايرىلىدۇ ... ئارىدىن يەنە نۇرغۇن يىللار ئوتىدۇ ،دەيىسمۇ قايتىدىن توي قىلىدۇ ،كاتىرىننا 10نەچچە ياشلارغا كىرگىنىدە جىم يىگىرمە نەچچە ياشلىق بالىلاردەك بۇلۇپ قايتىپ كىلىدۇ ،ئەمما ئۇ چاغدا دەيس 40ياشلار جامىسىدىكى تازا سالاپەتلىك پىشقان بىر ئايالغا ئايلانغان ئىدى .جىم دەيىس بىلەن شۇ بىر قېتىم كۇرۇشكەندىن كېيىن يەنە يوقاپ كىتىدۇ ،ئارىدىن يەنە نۇرغۇن يىللار ئۆتىدۇ ،دەيىسنىڭ ئىككىنچى يولدىشىمۇ تۇگەپ كېتىدۇ ،دەل شۇ كۇنلەردە پاراۋانلىق ئورنىدىن 10نەچچە ياشلىق بىر ئىگە چاقىسز بالىنى تېپىۋالغانلىقىنى ئۇ بالىنىڭ قولىدىكى قۇلۇپ سېلىنغان خاتىرىنىڭ تېشىدىن ئۇنىڭ ئىسمىنى كۆرۇپ ئۇنىڭغا تىلفۇن قىلغانلىقىنى ئېيتىدۇ ،بۇ چاغدىن باشلاپ بىنجىم دەيىس بىلەن قايتىدىن بىللە تۇرمۇش كەچۇرىدۇ ،ئەمما بۇ چاغدا بىنجىم خاتىرسىنى يۇقۇتۇشقا باشلىغان بۇلۇپ بەئەينى كىچىك بالىلارنىڭ تەپەككۇرىدە بارا بارا مىڭىشتىن ،سۆزدىن قالغنىچە ئاڭ ئاخىرسىدا دەيىسنىڭ قۇچىقىدا بوۋاق بالا ھالىتىدە دەيىستىن مىھرىنى ئۇزمىگىنىچە كۆزلىرىنى ئاستا يۇمۇپ ئالامدىن ئۇتىدۇ ،دەل شۇ كۇنلەردە ھېلىقى قەدىمىي سائەت پويىز ئىستانىسىدىن باشقا ئىلىكتۇرۇنلىق سائەتكە ئالماشتۇرۇلغانتى ...... بۇ فانتازىيىلىك كىنوبىزنى ھەم ئۆزگىچە ھەم ئاددى بولغان تۇرمۇش كارتىنىسى ئارقىلىق ھاياتلىق،مۇھەببەت ھەققىدە قايتىدىن ئويغا سالىدۇ ....... ھەر بىرىمىزنىڭ بۇ ھاياتلىقا بىر بىرىمىز بىلەن ئۇچرۇشۇپ بىللە بۇلۇپ قېلىشىمىز بۇ بىر پۇرسەتكەن بىز ھاياتىمىزدىكى بارلىق كەچمىشلىرىمىزنى تېخىۇمۇ قەدىرلىسەك بولغىدەك ! مەن كېيىن ۋاختىم چىققاندا بۇ كىنودىن ئالغان تەسىراتىم توغىرلىق تەپسىلىي توختىلارمەن ،قېنى قېرىداشلار بۇ ۋەقەلىكتىن قانداق ھېس تۇيغۇلاردا بولدىكىن ؟ |
|