<< ﻗﯘﺭﻩﻳﯩﺶ ﻗﯩﺰﻯ >> ﺭﻭﻣﺎﻧﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﻪﻟﯩﻤﻪ ( ﻣﯘﻧﯩﺮﻩ ﯪﻟﯩﻢ )
يوللانغان ۋاقتى : 2008-12-03 02:42:30 كۆرۈلۈش سانى : 63
<< ﻗﯘﺭﻩﻳﯩﺶ ﻗﯩﺰﻯ >> رومانى ھﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﻪﻟﯩﻤﻪ
جورجى زەيدان (1841-1914)ئەرەبلەرنىڭ مەشھۇر تارىخىي ۋە ھازىرقى زامان ئەرەب تارىخ رومانچىلىقىنىڭ پىشىۋاسى ھەم ۋەكىلى بولۇپ، لىۋانلىق. ئۇ كۆپلىگەن تارىخىي پوۋىست ھەم رومانلارنى يازغان، << قۇرەيىش قىزى >> ناملىق رومان ئۇنىڭ ۋەكىللىك خاراكتىردىكى ئەسەرلىرىدىن بىرى.
ئاپتور << قۇرەيىش قىزى >> رومانىدا ئەرەب ئىسلام خەلىپىلىرىدىن ئۈچۈنچى خەلىپە - ئوسمان ئىبنى ئەففان ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن ئەرەب زېمىنىدا مەيدانغا كەلگەن بۆلىنىش، خەلپىلىكنى تالىشىش يولىدا ئېلىپ بېرىلغان دەھشەتلىك ئۇرۇشلار ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋەتلىرىنى تارخىي چىنلىق ئاساسىدا بەدىئى ئۇسۇل بىلەن تەسۋىرلەپ بەرگەن.
ئەسەرنىڭ باش قەھرىمانى ئەسما ئاتا - ئانىسىدىن يىتىم قالغان ھەم تۆۋەن تەبىقىدىن كېلىپ چىققان ئادەتتىكى بىر قىز. ئەقىللىق، تەدبىرلىك، جانلىق، تەڭداشسىز گۈزەل بولغاچقىمۇ ھەتتا خەلپە ئوسمان ئىبنى، ئائىشەلەرگە ئوخشاش مەشھۇر كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولىدۇ. نى - نى يىگىتلەر ئۇنىڭ ئىشقىدا كۆيىدۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئىسىل ئەخلاقىي پەزىلىتى بىلەن بىلەن بەسىرە، كۇفە ( بۇ ئىسىمنى خاتىرە قالدۇرغاندا ئۇنتۇپ قاپتىمەن ) قاتارلىق جايلار بلەن مەككە، مەدىنە ئارلىقلىرىدا جىمجىت يۈرۈپ، بىر - بىرىگە قارمۇ - قارشى ئىككى تەرەپنى مۇرەسسە قىلىشتەك قىيىن ۋە جىددىي ئىش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئاخىرى ئۇ پاك مۇھەببەت يولىدا قۇربان بولىدۇ.
بۇ رومان تۇنجى ئوقىغان رومانىم بولغاچقىمۇ ئەسمانىڭ ئۆلۈش ئالدىدىكى پورتىرىت تەسۋىرى ھازىرغىچە كۆز ئالدىمدا نامايان بولۇپ تۇرىدۇ...
[ ﺑﯘ ﻳﺎﺯﻣﺎ ABDISIMISMAYIL(UMIDI) ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ 2008-12-2 22:35:28 ﺗﯜﺯﯛﺗﯜﭖ ﺗﻪﻫﺮﯨﺮﻟﻪﻧﺪﻯ . ] |
|