<<ﺑﺎﻳﺎﯞﺍﻧﺪﯨﻜﻰ ﮔﯜﻟﺨﺎﻥ>>ھەققىدە
يوللانغان ۋاقتى : 2008-12-15 04:46:24 كۆرۈلۈش سانى : 46
<<ﺑﺎﻳﺎﯞﺍﻧﺪﯨﻜﻰ ﮔﯜﻟﺨﺎﻥ>>ھەققىدە <<باياۋاندىكى گۈلخان>>-ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا سىزگىمۇ(بەلكى سىزگە ناتونۇش ئەمەستۇ) ، ماڭىمۇ ناتونۇش بولغان يازغۇچى غۇلام ئۆمەرنىڭ 3 قىسىملىق تارىخى رومانى بولۇپ ، مەرھۇم شائىر، پىداگوك، ئۇيغۇر يېڭى زامان مائارىپ ھەركىتىنىڭ ئاساسچىسى مەمتىلى توختاجى(تەۋپىق)نىڭ ھاياتىغا بېغىشلانغان بېئوگىرافىك رومان. روماندا ئۇيغۇر يېڭى دەۋىر مائارىپ ھەركىتىنىڭ باشلامچىسى ۋە ئاساسچىسى بولغان تەۋپىق ئەپەندىنىڭ ھاياتى سىستىمىلىق بايان قىلىنغان . يەنىي بىرگە ئۇنىڭ ئاتۇشتىن چىقىپ مىللەت ئۈچۈن بېلىم ئېگەللەپ ، يەنە ئاتۇشقا قايتىپ كەلگۈچە بولغان ئەگرى - توقاي تۇرمۇش كارتىنىسى؛ ئاتۇشقا قايتىپ يېڭىچە مەكتەپ ئېچىش جەريانىدا يولۇققان جاپا - مۇشەققىتى ، ئاتۇش-جۈملىدىن ئەينى دەۋىردىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ خوراپاتقا پېتىپ كەتكەنلىكى ، تەۋپىقنىڭ قانداق قىلىپ ئاتۇشتا ، ئاندىن تەدرىجى پۈتكۈل ئۇيغۇر دىيارىدا ئويغىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقى ؛ شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە مەھمۇت مۇھىتى ، قۇتلۇق شەۋقى ، سەيپىدىن ئەزىزى ...قاتارلىق ئىلغار زىيالىلارنىڭ ھاياتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەن . |
|