"ﻛﯚﻣﯜﺭﭼﻰ ﺑﺎﻻ" ﺭﻭﻣﺎﻧﻰ ﺗﻮﻏﯩﺮﺳﯩﺪﺍ
يوللانغان ۋاقتى : 2009-01-29 02:03:32 كۆرۈلۈش سانى : 314
مەن بىر ئىخلاسمەن ئوقۇرمەن بولۇش سۇپۇتۇم بىلەن بۇ مۇنبەرنىڭ روناق تېپىشىنى مەجبۇرىيىتىم دەپ بىلگەن بولسام ، بۇ تور بەتكە تولىمۇ كىچىكىپ كىرگەنلىكىمگە ئەپسۇسلانماقتىمەن.ھېرىسمەن ئوقۇرمەنلىرىمىز بۇ روماننى ئوقۇپ بولغان بۇلىشى مۇمكىن ئەمما بۇ كىتاپ مىنى ئىختىيارسىز ياش تۆكۈشكە مەجبۇرلىغان ھەم ئاپتۇرنىڭ قەلبىمدىكى ئورنىنى يۈكسەك دەرىجىگە كۆتۈرگەن ئەسەربولۇش سۈپۈتى بىلەن قەلىپ ھوزۇرۇڭلارغا يوللىدىم .مەقبۇل ئەتكەيسىزلەر!بۇ روماندا تۇردى ھەسەننىڭ بىردەملىك ھېسىياتقا بىرىلىپ بىر غۇنچىنى ئېچىلماي تۇرۇپ توزۇشقا مەجبۇر قىلغان، ھوقوق ،مەنسەپ، پۇل -بايلىق ئۈچۈن ياشلىق دەۋرىگە قەدەم قويغان بىگۇناھ كىشلەرگە زەھەرلىك قولىنى سۇنۇشتىن تەپ تارتمايدىغان، ھەر قانداق شۇملۇق ۋە ھىيلە مىكىرنى ئويلاپ تەرتىپلىك ئىشقا سالالايدىغان "ئەقىللىق" كىشى سۇپەتلەنگەن. كىيىنكى تۇرمۇشىدا ئوغۇل پەرزەتنى قانچە ئارزۇلىسىمۇ ،ئوغۇل پەرزەنتكە ئېرىشالمىغان. كۆمۈرچى بالىدىن ئىبارەت بىر ھەقىقى ئەقىللىق بالا بىلەن ئۆگەي قىزىنىڭ بىللە بولۇشىغا ئۇنىماي ،ئۇنىڭغا بايلىق يارىتىپ بېرەلەيدىغان ئەمما قىزىغا مەڭگۈلۈك ئازاپتىن بۆلەك ھىچ نەرسە بېرەلمەيدىغان، ھەتتا دادىسى بىلەن خوتۇن تالىشىدىغان،شۇنداق بىر بايۋەتچىگە بىرىشكە ،قىزى ئۇنىمىسا كۆمۈرچى بالىنى ھالاك قىلىش بەدىلىگە شۇ بايۋەتچىگە "شاختىكى مىۋىنى " يىگۈزۈپ قويماقچىمۇ بولىدۇ ئەمما يازغۇچىنىڭ ئۆتكۇر قەلىمى بۇ ئىككىسىنىڭ "بەخىتلىك"تۇرمۇش قۇرۇشىغا يول قويماي،ساپ مۇھەببەتنىڭ شاھىدى بولغان بۇ بىر جۈپلەرنىڭ دۈشمىنى ھالاك قىلىپ بىر ۋاقىتتا بۇ دۇنيادىن كىتىشكە يول قويىدۇ. كۆمۈرچى بالا تۇردى ھەسەننىڭ ئۆز پۇشتى ،يۈرەك پارىسى ئىدى ئەمما بۇنى ئۇ كىچىكىپ، كىچىكىپ قالغاندىمۇ ئۇنى ئۆز قولى بىلەن بۇ دۇنيادىن بالدۇر كىتىشكە مەجبۇر قىلغان ۋاقىتتا ھېس قىلىدۇ."ئاخىرقى پۇشايمان ئۆزگە دۈشمەن "دىگەندەك ، ئۇ ئۆز قىلمىشىنىڭ "مىۋىسى"بولغان مەجنۇنلۇق بىلەن قەبزى روھ بولۇشقا تەييار بولىدۇھەم تەسلىم بولىدۇ. ئۇ ھايات ۋاقتىدىكى كۆزىگە سىغمىغان خىزمەتچىسى ئۇ قەبزى روھ بولغاندىن كىيىن ئۇنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ ئۇنىڭدەك زالىم ئەمەس بەلكى ئۇنىڭ بۇ دۇنيادا قىلمىغان ياخشىلىقىنى قىلىدۇ ،مانا بۇلارغا تۇردى ھەسەنگە نىسىپ بولمىغان بەخىت ،ئوغۇل ،خوشاللىق ئۇلارغا نىسىپ بولىدۇ.
[ ﺑﯘ ﻳﺎﺯﻣﺎ abduraxit ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ 2009-1-28 19:55:56 ﺗﯜﺯﯛﺗﯜﭖ ﺗﻪﻫﺮﯨﺮﻟﻪﻧﺪﻯ . ] |
|