ﻣﯜﺷﯜﻙ ﺗﯧﺮﯨﺴﻰ ﺗﯘﻣﯩﻘﻰ
يوللانغان ۋاقتى : 2008-11-18 18:53:50 كۆرۈلۈش سانى : 28
ﻣﯜﺷﯜﻙ ﺗﯧﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺗﯩﻜﯩﻠﮕﻪﻥتۇماق--مەن ئوقۇغان تۇنجى ئېنگىلىزچە رومان
بۇ روماندا (رومان دەپ تۇرايلى، ئەمما ھەجىمى سەل قىسقىكەن ) سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى دەۋىرىدىكى يازغۇچىلار جەمىيئىتىدە بولغان بىر ئىش بايان قىلىنىدىكەن. يازغۇچىلار جەمىيئىتىدە توختىماي ئىشچىلارنى، دېھقانلارنى كۈيلەپ ئەسەر يازىدىغان بىر يازغۇچى باركەن. ئۇنىڭ ئېلان قىلغان رومانى 15 تىن ئاشىدىكەن. ئۇ يازغۇچىلار قورۇسىدا تۇرىدىكەن. بىر كۈنى ئۈستىدىكى قەۋەتتىكى پەقەت بىرلا رومان يازغان، ئەمما ئۇ رومانى ئەنگىلىيەدە يۇقىرى باھاغا ئېرىشكەن يازغۇچى قوشنىسى بىر كاتتا تۇماقنى كىيىپ چۈشۈپ ئۇنىڭغا <<يازغۇچىلار جەمىيئىتى تۇماق تارقىتىۋىتىپتۇ >> دەپ خەۋەر يەتكۈزىدىكەن. ئۇ شۇ كۈنى كاستىيۇم-بۇرۇلكىنى قاتۇرۇپ كىيىپ، شۇ قەھرىتان قىشتا يالاڭباش يازغۇچىلار جەمىيئىتىگە بارىدىكەن. بارسا ئۇنىڭغا قۇڭۇر رەڭلىك بىر تۇماقنى بىرىدىكەن. بۇ <<نىمىنىڭ تېرىسىدىن تىكىلگەن تۇماق >>دەپ سورىسا، ئۇلار <<توم موشۈگىنىڭ تېرىسىدىن تىكىلگەن >> دەپ جاۋاب بىرىدىكەن، ئۇ ھېلىقى ئۈستىنكى قەۋەتتىكى يازغۇچىنىڭ تۇمىقىنىڭ رەختىنى سۈرۈشتۈرسە، ئۇ تۈلكە تېرىسىدىن تىكىلگەنكەن. بۇ 15رومانى نەشىردىن چىققان يازغۇچى << مېنىڭ رومانىم شۇنچە جىق تۇرسا، ئاران بىر رومان ئېلان قىلغان ئاشۇنىڭغا يەتمەمدىم >> دەپ شۇ يەردىن ئەرزى قىلىشقا باشلايدىكەن. ئۇ ھەتتا ئەرزى قىلىپ يازغۇچىلار جەمىيئىتىنىڭ باشلىقىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ بىزەڭلىك قىلىپ ئولتۇرۋالغاندا، باشلىق قوغلاپ چىقىرۋەتمەكچى بولغاندا، ئۇ باشلىقنىڭ بارمىقىنى چىشلەپ ئۈزىۋالىدىكەن. بۇ ئىشنى سۈرۈشتۈرگىلى ھەتتا ك گ ب دىكىلەر كېلىدىكەن. سوراق جەريانىدا ئۇنىڭ يازغان رومانلىرىنىڭ ۋەزىپە توشقۇزۇش ئىكەنلىكىنى، ئىشچى -دېھقانلارنىڭ ھالىغا يەتمەي ئۇلارنى ئۆيدە ئولتۇرۇپ تەسۋىرلەيدىغانلىقى، بالىسىنىڭ ئامىرىكىدا ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ چەتئەل رادىئۇسى ئاڭلايدىغانلىقى....دىگەندەك ئىشلار تەگىلىپ ئۇنىڭ شۇ يەردە قان بېسىمى ئۆرلەپ مېڭىسىگە قان چۈشىدىكەن. دوختۇرخانىدا ياتقاندا، ئاپتور ئۇنى يوقلاپ بارىدىكەن. يازغۇچىلار جەمىيئىتىدىكىلەر ئاخىر ئۇنىڭغا بىر تۈلكە تۇماق بىرىدىكەن. ئاپتور بارغاندا ئۇ يازغۇچى ئاللاقاچان سۆزدىن قالغان بولۇپ، سەكراتقا چۈشۈپ قالىدىكەن. ئۇ ئاپتورغا قاراپ ئىككى بارمىقىنى چىقىرىدىكەن. ئاپتور ئۇنىڭدىن <<ئىككى كۈنلۈكۈم قالدى دەۋاتامسەن >> دەپ سورىسا ، يازغۇچى ياق دەيدىكەن، << ئىككى تۇمىقىم بولدى دەۋاتامسەن ؟>> دېسە ، ياق دەيدىكەن. ئاپتۇر ئاخىرى ئۇنىڭ غەلبە قىلدىم دەپ ئىككى بارمىقىنى پۇلاڭلاتقانلىقىنى بىلگەندە ، بۇ 15 رومانى ئېلان قىلىنغان كاتتا يازغۇچى نەپەستىن قالىدىكەن.
بۇ روماننى مەن باشتا ھىجىيىپ ئولتۇرۇپ ئوقۇپ چىقتىم. ئوقۇپ تۈگەتكەندىن كىيىن، ناھايىتى ئاچچىق خىيالغا چۆكتۈم. 15 رومانى ئېلان قىلىنغان بىر يازغۇچىنىڭ كىچىككىنە بىر ئىش ئۈچۈن جېنىنى سېپ بەرگەنلىكى مېنى قاتتىق ئويلاندۇردى.
[ ﺑﯘ ﻳﺎﺯﻣﺎ reyhanay ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ 2008-11-18 12:00:08 ﺗﯜﺯﯛﺗﯜﭖ ﺗﻪﻫﺮﯨﺮﻟﻪﻧﺪﻯ . ] |
|