<ﭼﯩﺪﯨﺴﺎﯓ ﻳﺎﺷﺎ> ﻧﻪﺷﺮﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﺘﻰ
يوللانغان ۋاقتى : 2009-04-02 02:54:49 كۆرۈلۈش سانى : 203

شائىر ئابلەت ئابدۇللانىڭ مۇنەۋۋەر شېئىرلىرىدىن تۈزۈلگەن يەنە بىر كىتابى ــــ "چىدىساڭ ياشا" مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى. ئابلەت ئابدۇللا 1945-يىلى 5-دېكابىردا غۇلجا شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. شائىر پىنسىيىگە چىققۇچە غۇلجا رادىئو ئىستانسىسى (ھازىرقى ئىلى خەلق رادىئو ئىستانسىسى) دا مۇخبىر، مۇھەررىر ۋە بۆلۈم مەسئۇلى بولۇپ ئىشلىگەن. شائىر ئابلەت ئابدۇللا 50 يىللىق ئىجادىيەت مۇساپىسىدە "چىدىساڭ ياشا"، "ئاق دالا"، "ئىلى مۇھەببىتى" قاتارلىق شېئىرلار ، "كۆمۈش ئۈزەڭگە"، "داغدا قالغان مۇھەببەت" قاتارلىق ھېكايە-پوۋېسىتلار، "كەنئان باتۇر"، "شاھزادە دەرمان ۋە مەلىكە دەۋران"، "مايىمخان" قاتارلىق چۆچەك، قىسسىسە-داستانلار توپلاملىرى بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا بەلگىلىك نوپۇزىنى تىكلىدى. ئۇنىڭ شېئىرلىرى ئاممىباپ، ھېسسىياتلىق بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە. كىتاب نامى چىدىساڭ ياشا نەشر قىلغۇچى: بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى ئالاھىدە سۈپەتلىك ئىشلەنگەن 342 بەتلىك، قاتتىق مۇقاۋىلىق بۇ كىتاب ئاران 22 يۈۋەن (ئىككى قاچا لەڭمەننىڭ پۇلى ) ساتقۇچى: جايلاردىكى شىنخۇا كىتابخانىلىرى 


|
|