يانا بىر فانتازىيلىك فىلىم ـ نۇرى ئاجىز شەھەر
يوللانغان ۋاقتى : 2009-01-12 08:45:11 كۆرۈلۈش سانى : 104
يانا بىر فانتازىيلىك فىلىم ـ نۇرى ئاجىز شەھەر ئاخىر زامان بولغان مەزگىللەردە بارلىق ئىلىم پەن خادىملىرى ۋە ئالىملار يىغىلىپ بىر مەھپى يىغىن ئاچىدۇ، يىغىندا ئۇلار بۇ ئاخىر زامان ئاسارىتىدىن كەلگۇسى ئەۋلاتلارنى ساقلاپ قىلىش ئۇچۇن يەر ئاستى شەھرىEmber قۇرۇپ ،ئۇ شەھەرنىڭ چىقىش يولى خەرىتىسىنى بىر سىفىرلىق چامدانغا سېلىپ ۋاختىنى 200يىل بىكىتىپ ھە رقېتىملىق ئۇ يەر ئاستى شەھەرنىڭ شەھەر باشلىقى ئالماشقاندا كىيىنكى نۇۋەتلىك باشلىققا ئۆتكۇزۇپ بېرىدىغان قىلىپ قارارلىشىدۇ ،ھەم قارار شۇ بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ .ئەمما -7نۇۋەتلىك شەھەر باشلىقىغا كەلگەندە مەلۇم سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن ئۇ شىفىرلىق چامدان ئۆتكىزىلمەي ئۇنتۇلۇپ كېتىدۇ .ئارىدىن نۇرغۇن يىللار ئۇتىدۇ ئاخىر دەل 200يىل توشقان كۇنى ئۇ چامدان ئۆزلىكىدىن ئىچىلىدۇ .ئەمما شۇچاغلاردا شەھەرنىڭ ئىنىرگىيە قۇرۇلمىسىدا كاشلا كۆرۇلۇپ دائىم توك توختاپ ئۇچۇر ئالاقە ئىپتىدائى ھالەتكە چۇشۇپ قالغان ،شەھەردە يىمەكلىك ۋە باشقا لازىمەتلىكلەر ئاساسەن يىتىشمەي ئاچارچىلىق باشلانغان مەزگىللەر ئىدى . ھەر يىلى شۇ كۇنلەردە شەھەر باشلقى شەھەردىكى ياش .ئۆسمۇلەرنى شەھەر ئىنىرگىيە ئۇرۇنلىرىغا خىزمەتكە تەقسىم قىلاتتى ،شۇ لار قاتارىدا ئالدىنقى بىر ئەۋلات ئىنىرگىيە ئىزدەنگىچىلىرىنىڭ پەرزەنىتلىرى بولغان دوئىن بىلەن لىنا مۇ بىرى خەت توشىغۇچى يەنە بىرى تونىل ئىشچىسى بۇلۇپ تەقسىملىنىدۇ ،شۇ ۋەقەلىك ئاساسىدا دۇئىن بىلەن لىنا ھېلىقى سىرلىق چامداننى تېپىىپ ، ئاتا -ئانىلىرى ئىزدىنىپ مۇۋاپىقىيەت قازىنالمىغان يەر ئاستى شەھەردىن يەر ئۇستىگە چىقىپ قۇياش ئىنىرگىيىسىدىن بەھرلىنىش يولىنى تىپىش ئىزدىنىشىنى باشلايدۇ ،ئۇلار ئىلگىركىلەرنىڭ ئۇمۇتسىزلىك قاراشلىرى ،ئاچكۇز شەخسىيەتچى شەھەر باشلقىنىڭ خىلمۇ -خل نۇرغۇن ئەگرى توقايلىقلاردىن كېيىن قىيىنچىلىقلىىنى يىڭىپ ئاخىرى بۇ يەر ئاستى شەھەر دىن چىقىش يولىنى تىپىپ قايتىدىن قۇياش نۇرىدىن بەھىرلىنىش ھوقۇقىغا ئېرىشىدۇ ، بۇ فىلىم ماڭا نوھ كىمىسىنىڭ يەنە بىر نۇسخىسىدەك تەسىرات بەردى . فىلىمدا ئەكىس ئەتتۇرۇلگەن دەسلەپكى ۋەھىمە ،ئاچارچىلىق،ئامالسىزلىق ۋە كېيىنكى جەبرى جاپا ۋە ئۇمۇتلەردىن ھازىرقى قۇياش نۇرىدىن قانغىچە بەخىرلىنىۋاتقان بىزلەرنىڭ تۇلىمۇ تەلەيلىك ئىكەنلىكىمىزنى،ھازىرقى ئەۋزەل شارائىتىمىزنى،ۋە يەر شارىنى قەدىرلىشىمىزنىڭ تۇلىمۇ زۇرۇرلىكىدەك ئىدىيەنى ھىس قىلدىم .بۇنىڭدىكى ئەجەداتلارنىڭ ئەۋلاتلارنىڭ كەلگۇسىگە كۇڭۇل بۇلۇپ باش قاتۇرۇشلىرىدىن شۇ قاراڭغۇ شەھەردىن قۇتۇلۇپ چىققاندىن كېيىنكى دوئىن بىلەن لىندانىڭ ئالتۇن رەڭ شەپەققە ئورانغان قۇياش نۇرىنى كۆرگەندىكى ھاياجانلق ھېسياتى مىنى بەك تەسىرلەندۇرۋەتتى . بولسا سىزلەرمۇ كۆرۇپ بىقىڭلار ! ئۇلىنىش ئادرىسى : https://kankan.xunlei.com/4.0/movie/36/61336.html |
|