||باشقۇرۇشقا كىرىش||يــازمـا يــولـلاش||يـازما باشـقۇرۇش||ئىنكاس باشقۇرۇش||ئۇسلۇب يۆتكەش||زىـيــارەت سـانـى|| |
ئاغىنارچىلىقنىڭ ئۆلچىمى |
ﺋﯚزﺋﺎرا ﭘﺎت - ﭘﺎت ﺳﯩﺮدﯨﺸﯩﺶ، ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ داﺋﯩﻢ ﻳﺎر - ﻳﯚﻟﻪك ﺑﻮﻟﯘش، ﻗﻪرەﻟﻠﯩﻚ ﮬﺎﻟﺪا ﺋﯩﺰدﯨﺸﯩﭗ ﮬﺎل - ﻣﯘڭ ﺑﻮﻟﯘﺷﯘپ ﺗﯘرۇش - ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻘﺘﺎ زۆرۈر ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﻪر زەﻧﺠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﮬﺎﻟﻘﯩﺴﯩﺪۇر. ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪا، ﺋﺎﻏﯩﻨﯩﺪارﭼﯩﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﻪﻗﻪﻟﻠﯩﻲ ﺋﯩﭙﺎدﯨﻠﯩﺮﯨﺪۇر. ﺷﯘﻧﺪاﻗلا ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەت ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪت ﻳﺎﻛﻰ ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﺗﯘرﻣﯘﺷﺘﺎ ﺑﻮﻟﺴﯘن، ﺑﯩﺮ ﺋﺎدەﻣﮕﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪن ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪا، روﮬﯩﻲ ﮬﺎﻟﻪت ۋە ﻣﯩﺠﻪزﻧﻰ ﺗﻪﯕﺸﻪپ ﺗﯘرۇﺷﺘﺎ، ﻳﻮﺷﯘرۇن ﺋﻪﻗﯩﻞ ﺑﯘﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﺸﺘﺎ، ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘلارﻧﻰ ﻳﯧﯖﯩﺸﺘﻪ ﻛﻪم ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﭘﺴﯩﺨﯩﻚ ﻣﯘۋازﯨﻨﻪت ﺋﺎﻣﯩﻠﯩﺪۇر. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜن، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺋﯚزﺋﺎرا دوﺳﺖ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﺪۇ. ﮬﻪﺗﺘﺎ ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎﻏﯩﻨﯩﻠﻪردﯨﻦ ﺑﻮﻟﯘپ ﺋﯚﺗﯜﺷﻜﻪ ۋەدﯨﻠﯩﺸﯩﺪۇ ﮬﻪم ﺷﯘﻧﺪاق ﻗﯩﻠﯩﺪۇ.ﺧﻮش، ﺋﺎﻏﯩﻨﯩﺪارﭼﯩﻠﯩﻘﻘﯘ ﺷﯘ ﺗﻪرﯨﺰدە داۋاﻣﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﯟﯦﺘﯩﭙﺘﯘ. ﺋﯘﻧﺪاﻗﺘﺎ ﺋﺎﻏﯩﻨﯩﺪارﭼﯩﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﯚﻟﭽﯩﻤﻰ ﻗﺎﻧﺪاق ﺑﻮﻟﯩﺪۇ؟ ﺑﯘ ﺳﻮﺋﺎﻟﻐﺎ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪن ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر: «ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﺗﯘرﻣﯘش ۋە ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﻪﮬﻪﺗﻠﻪردﯨﻜﻰ ﺋﯚزﺋﺎرا ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻲ ﺳﺎداﻗﻪت، ﺗﻪﻣﻪﺳﯩﺰ ﻳﺎردەم، ﻏﻪرەزﺳﯩﺰ ﺑﺎراۋەرﻟﯩﻚ» دﯦﮕﻪﻧﺪەك ﺟﺎۋاﺑلارﻧﻰ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺑﯘ ﺟﺎۋاﺑلارﻧﯩﯔ ﺗﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻗﯩﻞ ﺳﯩﻐﻤﺎﻳﺪۇ، ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﮬﺎزﯨﺮﻗﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﺎﻏﯩﻨﯩﺪارﭼﯩﻠﯩﻘﻰ ۋە ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯚﻟﭽﻪﻣﻠﯩﺮى ﻗﺎﻧﺪاق ﺑﻮﻟﯘۋاﺗﯩﺪۇ؟
مىللەتنى قانداق سۆيىمىز ؟ |
ئەلۋەتتە، سىز بۇ سۇئالغا ئابدۇكېرىم ئابلىز خەلقنى سۆيگەندەك قۇلاقتىن تۇتۇپ چوككىدە سۆيۈش كېرەك …. دېسىڭىز قاملاشمايدۇ. ئەمسە سىز جاۋاب بېرىڭ ، دېسىڭىز ، – راست سۆزنى قىلسام مەنمۇ مىللەتنى قانداق سۆيۈش كېرەكلىكى ھەققىدە چوڭ – چوڭ قائىدىلەرنى سۆزلەشنى ، ۋەزخالىق قىلىشنى بىلمەيمەن. ئەمما، بۇ ھەقتە ئايرىم نۇقتىلاردا ئۆز ئالدىمىغا ھېس قىلغانلىرىم بار ، خالىسڭىز شۇلارنى سىز بىلەن ئورتاقلىشىپ باقسام بولىدۇ. بىر قىسىم تورداشلار خەنزۇچە ئوقوغان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنى يەكلەپ، ئۇلارنى 57 – مىللەت دەپ ، نام بېرىپ، ئۇلارنى مىللىي ئەنئەنە ۋە تىل – يېزىقنى بىلىشمەيدۇ… دېگەن بىر قاتار سەۋەبلەر بىلەن مىللەت ئومۇمىيلىقىنىڭ مۇقابىلىگە قويۇپ قويۇشتى…
بىر قىسىم پىكرى ئويغاق ، كاللىسى ئوچۇق زىيالىيلىرىمىز ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن ئايرىم كۆز – قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مىللەت ۋە زامانغا سېگنال بەرمەكچى بولۇشقانلىرىدا، بىر قىسىم كىشىلەر مىللەت ۋە دىننىڭ ۋەكىللىرى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئۇلارنى كالتەكلەپ، ھېلىدىن كۇپىرىغا ، ھېلىدىن مىللىي خائىنغا چىقىرىشقا ئورۇندى…
لەڭمەندىن چىققان سېرىق چاچ |
ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻢ ﺋﯩﻜﻜﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﺗﻮﻧﯘﺷﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﻛﯧﺴﻪل ﻳﻮﻗﻠﯩﻐﯩﻠﻰ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﭘﺎراڭ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺳﺎﺋﻪﺗﻜﻪ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺋﻮﻟﺘﯘرۇپ ﻗﺎﻟﺪۇق. ﺳﯧﺮﯨﻖ ﭼﺎﭼﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺧﺴﯩﺪﯨﻦ ﻟﻪﯕﻤﻪن ﻛﻪﻟﺘﯜرﯨﯟﯦﺪى، ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻢ «ﺋﺎﺷﻘﺎزﯨﻨﯩﻢ ﺋﺎﻏﺮﯨﭗ، ﺗﯜﻧﯜﮔﯜﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎن ﮔﯧﻠﯩﻤﺪﯨﻦ ﮬﯧﭽﻨﯧﻤﻪ ﺋﯚﺗﻤﻪﻳﯟاﺗﯩﺪۇ» دەپ، ﺗﺎﻣﺎﻗﻘﺎ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺗﯧﮕﯩﭙﻤﯘ ﻗﻮﻳﻤﯩﺪى. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﻗﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺧﯩﺠﯩﻞ ﺑﻮﻟﺪۇم. ﺑﯘﻧﺪاق ﻗﯩﻠﺴﺎ، ﺳﺎﮬﯩﺒﺨﺎﻧلارﻧﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﯩﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻤﺎﻣﺪۇ؟ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ، ﺋﯘ ﻳﺎﻟﻐﺎن ﺳﯚزﻟﻪۋاﺗﺎﺗﺘﻰ. ﺷﯘﯕلاﺷﻘﺎ ﻣﻪن ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻳﻪر ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﯩﻴﯩﭗ ﻗﺎراپ ﻗﻮﻳﺪۇم. دەل ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪا ﻣﻪن ﻳﻪۋاﺗﻘﺎن ﻟﻪﯕﻤﻪﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎرﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺗﺎل ﺳﯧﺮﯨﻖ ﭼﺎچ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪى! ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن «ﺗﯧﺨﻰ ﮬﯧﻠﯩلا ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭼﯩﻨﻪ ﭼﯚﭼﯜرە ﺋﯩﭽﯩﯟاﭘﺘﯩﻜﻪﻧﻤﻪن» دەپ ﮔﻪپ ﻳﺎﺳﺎپ، ﺗﺎﻣﺎق ﻳﯧﻴﯩﺸﺘﯩﻦ ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺗﻮﺧﺘﯩﯟاﻟﺪﯨﻢ. ﭼﯜﻧﻜﻰ، ﻟﻪﯕﻤﻪﻧﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎن ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﺳﯧﺮﯨﻖ ﭼﺎچ ﻛﯚز ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﻐﺎ ﻛﻪﻟﺴﯩلا، ﻛﯚﯕﻠﯜم ﺋﯧﻠﯩﺸﻘﺎﻧﺪەك ﺑﻮلاﺗﺘﻰ
ئەخلاق ۋە جىنايەت |
ھەربىر دەۋىرگە تەۋە بولغان پەيغەمبەرلەر ئۆز قەۋمى، شۇ جەمىيەتنىڭ ئەخلاق كاتېگورىيىسىدىن چەتنەپ ياكى ھالقىپ كەتكەن چاغلاردا، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ قىلىۋاتقان بۇزۇقچىلىق ئىشلىرىنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ يامان تەرەپلىرىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ، ئازغۇنلارنى زىلالەت يولىدىن ھىدايەت يولىغا چاقىرىق قىلغانلىغى؛ شۇ دەۋىرنىڭ ئالىملىرى ئۆزىنىڭ مول بىلىمى بىلەن ئۆز خەلقىنىڭ ئېھتىياجىغا قارىتا چىقىش يولى ھازىرلاپ بەرگەنلىكى؛ ئىجادكارلار ئۆزىنىڭ ئىلمىي ئىجادىيىتى بىلەن؛ پادىشاھلار ئۆزلىرىنىڭ ئادىل – ياكى زالىملىقى بىلەن؛ سىياسىيونلار بىر جۈملە سۆز بىلەن دۇنيانىڭ كەلگۈسى تەقدىرىنى بەلگۈلىگەن، يىراقنى كۆرەرلىكى بىلەن؛ ئىستىلاچىلار دەريا – دەريا قانلارنى ئاققۇزۇپ، ئادەم كاللىسىدا مۇنار تىكلەپ، ئاجىزلارنىڭ دۈمبىسىگە دەسسەپ ئات مىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ غالىپلىغىنى نامايەن قىلغانلىغى بىلەن؛ ئىسلاھاتچى ئەدىپ شائىرلار، ئۆزلىرىنىڭ ئىلمىي ئەمگىكى بىلەن تەر ئاققۇزۇپ پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ مەنپەتى ئۈچۈن، ئورتاق تۆھپە قوشقانلىقى بىلەن؛ شەخسىي مەنپەتى ئۈچۈن، غالجىرلىق، ساتقىنلىق، مۇناپىقلىق قىلغانلارمۇ؛ زالىملارغا يان تاياق بولۇپ ئۇلارنى مەدھىيلىگەنلەرمۇ تارىخ بېتىدىن ئەينەن ئورۇن ئېلىپتۇ.
<<دېھقانچىلىك ئەقلى يوق ھاكىم >>ھەققىدە |
ۋاڭ يۈلىننىڭ ماقالىسىدىكى ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﻣﺎﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺋﺎﺩﺩﯨﻲ، ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﻼﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﻼ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯘﻥ ﺋﺎﺗﺎ- ﺑﻮﯞﯨﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻲ ﺋﯩﺰﻻﺭﻧﻰ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻗﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺷﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘﺭﭼﻰ، ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺱ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﺘﻰ ﺩﻩﭖ ﺑﯩﻠﮕﻪﻥ ﻫﻪﻡ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯧﺴﯩﻞﺋﻪﻥ-ﺋﻪﻧﯩﻨﻰ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯖﻤﯘ ﻗﻮﻏﺪﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻲ ﻳﻮﻟﻼﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﺧﯩﺮﺋﯚﺯ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﯞﻩﺭﯛﻛﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ.
ﻫﺎﻛﯩﻤﺪﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻣﯩﻠﻠﻰﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ، ﻣﯩﻠﻠﻰ ﺭﻭﻫﻘﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺩﯦﻬﯩﻘﺎﻧﻼﺭﭼﯩﻠﯩﻚ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭﭼﯜﺷﻪﻧﭽﻪ ﻳﻮﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻨﻰ ﺋﺎﺯ ﺩﻩﭖ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ « ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻳﺎﺩﯨﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻲ» ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻤﯘ ﻫﯧﭽﯩﻘﺎﻧﺪﺍﻕﺳﺎﯞﺍﺩﻯ ﻳﻮﻕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ. ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻫﻪﻝ ﻗﯩﻠﻐﯘﭺ ﺗﻪﺩﯨﺒﯩﺮﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﺷﺘﻪ، ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﻧﯘﻗﺘﯩﻠﯩﻖ ﻗﻮﻏﺪﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻳﺎﺩﯨﻜﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﻰ ﯞﻩﻳﺮﺍﻥ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﻪﻙ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺳﻪﯞﻩﻧﻠﯩﻜﻜﻪ ﻳﻮﻝﻗﻮﻳﻐﺎﻥ. ﺩﯦﻤﻪﻙ، ﻫﺎﻛﯩﻢ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺗﯧﻤﯩﺴﯩﺪﺍ ﺩﯨﻴﯩﻠﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺩﻩﻝ « ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚﺋﻪﻗﻠﻰ ﻳﻮﻕ ﻫﺎﻛﯩﻢ » ﺑﻮﻟﯘﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ.
دېھقانچىلىك ئەقلى يوق ھاكىم |
چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ يەنشەن ناھىيىسى 315-دۆلەت يولىدا قۇرۇلۇش قىلىش جەريانىدا كۆرىنىشتە ئىتائەت قىلغان بولىۋېپ ئاستىرىتتىن خىلاپلىق قىلىپ، خەۋەرلەرنى قامال قىلىپ، مەخپىي قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىپ ، پارتىزانلارچە قۇرۇلۇش تاماملىغانلىقى؛ بۇنى بەرىبىر بولۇپ بولغان ئىش قىلىپ كۆرسىتىش شەكلى بېلەن شىخەيجۈن قەدىمىي شەھرىنىڭ ئەسلىدىكى يولىنى مەجبۇرىي كېڭەيتپ، مەمەلىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى ---شىخەيجۈن قەدىمىي شەھەر خارابىسىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقانلىقى يېزىلغان. مەزكۇر ناھىيىنىڭ بىر مۇئاۋىن ھاكىمى بۇ ئىش ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن:” مۇشۇ بىر نەچچە يىلدا ناھىيمىز مالىيىسى ئىنتايىن قىيىنچىلىق ئىچىدە قالدى، كارخانىلار ۋەيران بولۇپ، پۈتكۈل ناھىيىدىكى ئىشتىن قالغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ تۇرمۇشى قىيىنلىشىپ كەتتى.مۇبادا 315-دۆلەت يولى ناھىيىمىزدىن ئۆتسە بىر قىسىم ئىشتىن قالغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ،بەزى 3-كەسىپ تۈرلىرىنى يولغا قويغىلى بولىدۇ. “
ئۇيغۇر تويلىرى قانداق ئۆتكۈزۈلۈۋاتىدۇ؟ |
ھازىرقى كۈندە ئۇيغۇر جامائەتىگە تەۋە خەلقتە بۇ خەلقنى جاھان سورۇنىغا باشلىغۇچى ئاتالمىش دەھرىي پاسىبانلار توپى شەكىللەنگەنگە يېرىم يۈز يىل بولدى. بۇ توپ مىللەتنى ئەنئەنە تەقۋالىقىدىن «قۇتۇلدۇرۇپ»، تېخنىكا بىلەن تويۇنغان، ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ دىنىي ۋە خۇراپىي كەيپىياتىدىن خالىي ئۇچۇر دەۋرىگە باشلاپ كىرمەكتە (دەرۋەقە بۇ توپ ئىچىدە مۇنبەر دۇنياسىدىكىلەر قاتارىدا مەن ھەم مەۋجۇد). بۈگۈنكى زاماندا نىكاھ كاتېگورىيىسىدىكى توي-تۆكۈنلىرىمىز ئاجايىب بىر يوسۇندا ئاجايىب غەلىتە قىلىقتا داۋام ئەتمەكتە. بىر-بىر مىسال كەلتۈرۈشمىسەكمۇ ھەممىمىز كۆرۈپ، بىلىپ، قۇلاق يوپۇرۇپ، ئېتراپ قىلىپ جىممىدە يۈرمەكتىمىز. ئۇزاق قالمىغان كېلەچەكتە مەنمۇ ئوغۇل ئۆيلەش سېپىگە قېتىلىپ، قانداق مالامەتلەرگە ئىشتراك قىلىپ، قانداق ئالامەتلەرگە ساھىب بولىدىغانلىقىمنى ئويلىسام، جاھاندىن ئۈن-تىنسىزلا يۈتكۈم كېلىدۇ. ئۆزگەرتىشكە تىرىشىپ بېقىشىم مۇمكىن، تەلىيىم كەلسە غالىب كېلىپ ئەنئەنىمىزنى تاپالىشىممۇ مۇمكىن، شۇنىڭدەك يەنە ئەنئەنىمىنىڭ خرىسىغا قۇل بولۇپ، ئىرادەمگە مۇخالىپ ھالدا بۇ قەدەمنى بېسىشىممۇ مۇمكىن. بۇنى قادىر ئىگەمدىن باشقىسى ھازىر بىلمەيدۇ. بىزنىڭ ئەنئەنىمىز زادى قانداق ئىدى؟ «ئۇيغۇر» دېگەن بۇ ئېتنىك قەۋمنى شەكىللەندۈرگۈچى خەلق ئۆز تارىخىدا نىكاھ ئادىتى شەكىللەندۈرگەنمۇ؟
نىشان تىكلەشتە بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار |
ئادەتتە بىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىمىز مېڭىمىزگە كىرگەن سان-ساناقسىز ئۇچۇرلارنى بىر ئەلگەكتە ئۇن تاسقىغاندەك تاسقاپ، «كېرەكسىز» دەپ قارىغانلىرىنى تاشلىۋېتىپ تۇرىدۇ. مېڭىمىزگە كىرىدىغان ئۇچۇرلار ھەددە-ھېساپسىز كۆپ بولغاچقا، يوشۇرۇن ئېڭىمىز ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئېتىبار بېرىپ ئۇلگۇرەلمەيدىغان بولۇپ، «موھىم ئەمەس» دەپ قارىغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى «ئارقىسىغا قايتۇرىۋېتىدۇ».
مەسىلەن، سىز بىر رېستۇراندا تاماق يەۋاتقاندا ياكى پويېز بېكىتىدەك ئادەملەر ناھايىتى كۆپ يىغىلغان بىر ئورۇندا تۇرغاندا، ئەتراپىڭىزدىكى كىشىلەرنىڭ نېمىلەرنى دەۋاتقانلىقى، قانداق ئىش ئۈستىدە پاراڭلىشىۋاتقانلىقى كاللىڭىزغا ئانچە كىرىپ كەتمەيدۇ. ھەمدە سىزگە قىلچە تەسىرمۇ قىلمايدۇ.
ئىلھاملاندۇرۇشنىڭ كۈچى |
بىر مىللەتنىڭ قۇدرەت تېپىشىدەك چوڭ ئۇقۇم ئۇ مىللەتنىڭ ھەربىر ئەزاسىنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى تۇنۇپ ۋە ئۇنى تېخىمۇ تەرەققى قىلدۇرۇپ، مىللىتى ئۈچۈن كۆپلەپ خىزمەت قىلىشىغا چەمبەرچاس باغلانغاندۇر. بىر مىللەتنىڭ ئىچىدە جەمئىيەت ئۈچۈن ھەقىقى تۆھپە قوشۇشنى نىيەت قىلغان تالانت ئىگىلىرى قانچە كۆپەيسە، ئۇ مىللەتنىڭ قىسمىتىنىڭ ياخشىلانمايدىغانلىقىغا ھېچكىم ئىشەنمەيدۇ.
مىللەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇش مەسلىسى كىچىكلىتىلگەندە، مىللەت ئەزالىرىنىڭ يوشۇرۇن تالانتىنى تۇنۇش ۋە ئۇرغۇتۇش، ئۇنى جەمئىيەت ئۈچۈن ئىشلىتىش سەۋىيىسىنى ئاشۇرۇشتۇر.
قانداق قىلغاندا مىللىتىمىز ئىچىدىكى مىللەت ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشنى خۇشاللىق ۋە ئۆزىنىڭ مۇقەددەس ۋەزىپىسى دەپ بىلىدىغان تالانت ئىگىلىرىنى كۆپلەپ تەربىيلىگىلى بولىدۇ؟ بۇ مەسلە توغرىلىق مائارىپچى زىيالىيلىرىمىز مەخسۇس تىمىدا سىستېمىلىق تەتقىقات ئېلىپ بارسا بولغىدەك.
ﺋﯘﻧﯘﺗﻤﺎﯓ ، ﮬﻮﻗﯘﻕ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪﺱ ! |
مەنسەپكە تەيىنلىنىشىڭىز بىلەن ، ئۆزىڭىز ۋە ھوقۇقىڭىزدا ئۆزگىرىش بولىدۇ . ئەمدى سىز بويرۇق چۈشۈرەلەيسىز ، ئىش تاپشۇرۇپ ، جاۋاب ئالالايسىز ، دوكلاتلارغا تەستىق سالسىڭىز ئىجرا قىلىدىغان ۋە سۈرۈشتە قىلىدىغانلار ئىختىيارسىز تىپىرلاپ كېتىدۇ .سالام بېرىدىغانلار ۋە ھاجەتمەنلەرنىڭ كۆپىيىشىدە گەپ يوق . لېكىن شۇ نەرسە ئېسىڭىزدە بولسۇنكى ، سىز ھەممىگە قادىر ئەمەس . بۈگۈنكى زامان ھوقۇق چەمبىرىكى روشەن قاتلام قۇرۇلمىسىغا ئىگە ، سىز پەقەت شۇ قاتلامدىكى بىر چەمبەرگە مەنسۇب.گەرچە بۇ چەمبەر ئۆز سىرتىدىكى يەنە بىر چەمبەرگە زىچ باغلىنىشلىق بولسىمۇ،ئەمما ئۆزىڭىز تەۋە بولغان چەمبەر سىرتىدا ھەرىكەت قىلالمايسىز.مۇبادا ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ھەرىكەت قىلسىڭىز،ئۇ ھالدا سىز دەرھال ئۆزىڭىز تەۋە بولغان چەمبىرەك ۋە ئۇنىڭ ئۈستۈنكى قاتلىمىدىكى چەمبەرنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايسىز.
شىنجاڭ <<پادىشاھى>>شىڭشىسەينىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى |
1949- يىلى شېڭ شىسەي گومىنداڭ بىلەن بىللە تەيۋەنگە كىتىپ «دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىكى» دە شاڭ جياڭ دەرىجىلىك مەسلىھەتچى، «مەمۇرى پالاتانىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقنى قايتۇرىۋېلىشنى پىلانلاش كومىتىتى» غا ئەزا بولدى. ئۇ بىر مەزگىل سودىگەرچىلىك قىلىپ موگو، بېلىق سودىسى بىلەن شۇغۇللۇنۇپ باقتى، بولكىخانا ئاچتى، لىكىن ھېچقايسىسىدا سودىسىنى ئاقتۇرالماي، ئاخىر ئۈيىدە كومپارتىيىگە قارشى ماقالىلەرنى يېزىپ ئولتۇردى. ئۇنىڭ گۇمانخورلۇقى، باشقىلارنى قەستلەيدىغان مىجەزى شۇ چاغلاردىمۇ تۈگۈمەي، شىنجاڭدا ئىشلەپ تەيۋەنگە قېچىپ كىلىۋالغان ئادەملەرنى بۇ كومىنىست، دەپ يۇقىرىغا چېقىپ يۈرۈپ كىشىلەرنىڭ غەزىۋىگە قالدى. 1953- يىلى گۇاڭ لۇ، گۇ گېڭيى، سوڭ نيەنسى، لىن جىيۇڭ قاتارلىق 15 ئادەم جياڭ جېشىغا خەت يېزىپ، ئۇنىڭ شىنجاڭدىكى جىنايەتلىرىنى پاش قىلدى. شۇ يىلى 3- ئايدا تەيۋەندىكى ئەبەيدۇللا قاتارلىق 114 كىشى ئەرىز سۇنۇپ، شېڭ شىسەينىڭ شىنجاڭدىكى جىنايەتلىرىنى پاش قىلدى. 23- كۈنى شېڭ شىسەي ئۇلارغا رەددىيە بىرىپ: مەن دۆلەتنىڭ ئالدىدا يەرگە قارايدىغان ھېچقانداق ئىش قىلمىدىم دەپ ئۈزىنى ئاقلىدى ۋە يازغان نەرسىسىنى ۋەكىللەرگە تارقىتىپ بەردى. ئۇ مۇشۇنداق نارازىلىقلارنىڭ ئىچىدە يەنە جياڭ جېشىنىڭ قوغدىشى بىلەن ئامان-ئېسەن ئۈتۈپ كەتتى. ئۇ بۇنىڭ بىلەنلا قالماي يەنە خىزمەت كۆرسەتكەنلەرگە بىرىلىدىغان بىرىنچى، ئىككىنچى دەرىجىلىك ئوردېنلارغا، قۇرۇقلۇق، ھاۋا، دېڭىز ئارمىيە ئوردېنىغا ئىرىشتى.
قەدىمىي تۈركىي قەۋملىرىنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەت جەريانىدا شەكىللەنگەن بىر قىسىم ئادەتلىرى توغرىسىدا |
1 . مەخسۇس مېھمانلارغا ، بولۇپمۇ ئۆز قېرىنداشلىرىنى يوقلاش ئۈچۈن ، يىراقتىن كەلگەن ئادەم قايتىپ كېتەر چاغدا ھەممە ئۇرۇق - تۇققانلارنى " بوشۇغ " دەپ ئاتىلىدىغان بىر زىياپەتكە چاقىرىدۇ . ئاندىن مېھمانغا سوۋغات ھەدىيە قىلىپ ، ئۇنىڭ كېتىشىگە رۇخسەت بېرىلىدۇ . شۇنداق زىياپەتمۇ " بوشۇغ ئاشى " دېيىلىدۇ . شۇنىڭدىن ئېلىنىپ خان تەرىپىدىن ئەلچىنىڭ قايتىپ كېتىشىگە بېرىلگەن رۇخسەت خېتىمۇ ۋە ئەلچىگە بەرگەن سوۋغىمۇ " بوشۇغ " سۆزى بىلەن ئاتىلىدىغان بولغان . 2 . ئۇيغۇرلارنىڭ ئادىتىگە ئەستىلىك ئۈچۈن بېرىلىدىغان نەرسە بولىدۇ . بۇنى " خۇمارۇ " ( يادىكار ) دەپ ئاتايدۇ . مەسىلەن ، تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئادىتى بويىچە ، چوڭلار ئۆلۈپ كەتسە ، ئۇنىڭ ئەڭ ئېسىل نەرسىسى خانغا تەقدىم قىلىنىدۇ . شۇ نەرسىمۇ ۋە ئۇزۇن سەپەرگە كەتكەن كىشى قېرىنداش ۋە تۇغقانلىرىغا يادىكارلىققا قالدۇرۇلغان نەرسىمۇ " خۇمارۇ " دېيىلىدۇ .
ئۇيغۇر خانلىقلىرى ۋە خانلىرى |
يەكەن خانلىقىنىڭ خاقانى ----- سۇلتان ئابدۇرەشىدخان ھەققىدە ئابدۇرەشىدخان سەئىدخاننىڭ چڭو ئوغلى بولۇپ ، كىچىكىدە سەرسان - سەرگەردانلىقتا كۆپ ئازاب تارتقان . 1533 - يىلىدىن 1559 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان . كېيىن دادىسىنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلگەن . سەئىدخان ئۇنى ناھايىتى ئەتىۋارلىغان ھەمدە ئالىملارنى تەكلىپ قىلىپ ئۇنىڭغا دەرس ئۆتكۈزگەن . تارىخچى مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى ۋە ياخشى ئۇستازى بولغان . سەئىدخان ئۇنى چېنىقتۇرۇش ئۈچۈن ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ قىرغىزلارنى باستۇرۇشقا ، مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر بىلەن شەرق ۋە غەرپكە جازا يۈرۈشى قىلىشقا ، ئۆز ئىنىسى ئامان سۇلتاننىڭ ئاقسۇدىكى توپىلىڭىنى تىنچىتىش ئۇرۇشىغا ھەمدە ئاقسۇنى ئىدارە قىلىش ئىشىغا ئەۋەتكەن . 1533 - يىلى سەئىدخان ئۆلگەندىن كېيىن ، ئۇ يەكەن تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان . ئۇ خاقان بولغاندىن كېيىن بىرمۇنچە قاتتىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ، ئۆزىنىڭ سىياسىي ئورنىنى مۇستەھكەملىگەن ۋە دۆلەتنىڭ پۈتۈنلىكى ، ئامانلىقىنى جان تىكىپ قوغدىغان . ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەدبىرلىرى تۆۋەندىكىدەك بولغان :
ھۇنلارنىڭ ياۋرۇپادىكى ئاجايىپ غارايىپ تارىخى |
تارىختا ئوتتۇرا ئاسىيا ياۋرۇپا- ئاسىيا مىللەتلىرى ھەتتا مۇڭغۇللارمۇ ھۇنلارغا ئوخشاش ۋەھشىي، جەسۇر، تەڭداشسىز جەڭچى دېگەنگە ئوخشاش مەنىداش سۆزلەر بىلەن ئاتالغان ئەمەس. خۇددى گئرمانلاردىكى ۋاندالىدىلاردەك بىزگە ئىلگىرى كۆرىلىپ باقمىغان Vadalism (ۋەھشىيلىك) دئگەنگە بىر ئاتالغۇ قالدۇرۇپ كەتكەنىدى. «ھۇن» دئگەن بۇ ئىسىم «ۋەھشىي، رەھىمسىز، شەپقەتسىز دىشمەنلەرنى تەسۋىرلەيدىغان مەنسىتمەس سۆزى بولۇپ قالغان، ئۇلارنىڭ بىيىك ھۆكىمرانى «خۇدانىڭ قامچىسى» ئاتتىلا رىۋايەتلەردىكى ھەددىدىن زىيادە قوپال، رەھىمسىز ھەم ۋەھشىي رەھبەرلەرنىڭ تىپى بولۇپ، قالغان.
ئاشنا سىزگە نېمە بېرىدۇ؟ |
ئويلاپ باقايلى، "ئاشنا" بىزگە زادى نېمە قىلىپ بېرىدۇ؟ نېمە قىلىپ بەردى؟ئۇ بىزگە كۆيۈمچان ئەر، ۋاپادار ئايال بولالامدۇ؟ ئوتىمىزدا كۆيۈپ، سۈيىمىزدە ئېقىپ، يوقنى بار قىلىپ بېرەلەمدۇ؟ ھالىمىزغا يىتىپ كۆيۈمچان يولداش، ياخشى مۇڭداش بولالامدۇ؟ كىيىمىمىز كىر بولسا يۇيۇپ بېرىپ، بىز ياقتۇرۇپ يەيدىغان تاماقلارنى ئۆز ھالال مېھنىتى بىلەن ئېتىپ ئالدىمىزغا قويالامدۇ؟ ئوماق پەرزەنتىمىزنى بېقىپ، تەربىيىلەپ، بىز پەخىرلەنگۈدەك ياراملىق ئادەم قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقالامدۇ؟ كۆيۈمچان ئاتا- ئانىمىز ئۈچۈن مېھرىبان ئوغۇل- كېلىن بولۇپ، ئۇلارنىڭ يىغىسىنى يىغلاپ، كۈلكىسىنى تەڭ كۈلۈپ، غېمىنى يەپ، ھەقىقىي پەرزەنتلىك مەجبۇرىيەتلىرىنى ئۈستىگە ئالالامدۇ؟
ھازىرقى زامان جەمئىيىتى ، ساپايىمىز ۋە مائارىپىمىز |
بىلىم ئىگىلىكى، يەر شارىلىشىش ۋە ئۇچۇر دەۋرى دىگەندەك يىڭى تەپەككۇر دولقۇنلىرىنىڭ ئۆزلۈكسىز تەسىر كۆرسىتىشىگە ئۇچراۋاتقان ھازىرقى زامان كىشىلىرى ، ئۈزى ، ئۈزى ياشاۋاتقان ئىجتىمائىي توپ ۋە ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىرى ئۈستىدە توختاۋسىز تەپەككۇر يۈرگۈزۈشكە ، جەمئىيەتكە ماسلىشىشقا ، يىڭى دەۋردە بىر كىشىلىك ئورنىنى ساقلاپ ياشاش ئۈچۈن توختاۋسىز كۈرەش قىلىشقا مەجبۇر بولماقتا . دۇنيا جامائەتچىلىكى بىلىم ئىگىلىكى دەۋرىدە بىر دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىدىكى ھەل قىلغۇچ ئامىل ئادەم ساپاسى مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى تۇنۇپ يەتمەكتە . ئېلىمىزدىكى ئىسلاھات ئېچىۋېتىش قەدىمى كۈنسايىن تىزلىشىۋاتقان ، بۇلۇپمۇ دۆلىتىمىز دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا يىڭىدىن ئەزا بۇلۇپ كىرگەن ، سىياسىي ، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى بارغانسېرى مۇكەممەللىشىۋاتقان ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قەدەممۇ قەدەم ئىشقا ئاشۇرۇلۇۋاتقان ۋەزىيەت جۇڭگۇ جەمىيىتىدە شىددەتلىك ئۆزگىرىش پەيدا قىلىپ ئېلىمىز پۇقرالار ساپاسىغا ، تەپەككۇر ئۇسۇلىغا يىڭىچە تەلەپلەرنى قويماقتا .
قوپە ئىشەك ، ئويغان ، قۇياش كۆتىرىلدى |
بارلىق كىشلەر مىللەتنى دۇنياغا تۇنۇتايلى دەيدۇ . شۇنداق قىلىش زوزۈزمۇ؟
ياق . بىز ئۇيغۇر ،تۈركىي ئۇيغۇر ، ھون قېنى تومۇرىمىزدا ئېقىپ تۇرىۋاتقان مىللەت . ئات تاقىسى بىلەن ئۆتۈك پاشنىسى بىلەن 5- ئەسىرلەردىن باشلاپ 3-4 ئەسىردە بىر قېتىم دۇنياغا خەلقىگە تۆمۇر تامغىمىزنى بېسىپ بەرگەن مىللەت ئەۋلادلىرى تۇرساق ، دۇنيا بىزنى تونۇمىسۇنمۇ ؟دۇنيا بىزنى تونىماي كىمنى تونىسۇن . ئەلۋەتتە تونۇيدۇ . ئاتنىڭ تۇياق ئاۋازىنى ئاڭلىسا ئىككى قۇللىقى تىك تۇرىدىغان كىشلەر ئەلۋەتتە تونۇيدۇ ، 500 مېتر يىراقلىقتىن ئات ئۈستىدىكى جەسۇر قىياپىتىمىزنى ئەمەس ، مىسكىن ، غېرىپ قىياپىتىمزدىن تونۇيدۇ .ئىلگىرى بىز ئاتقا مىنگەندە چۆچۈپ ئويغىناتتى ، كۈدە -كۆپىسىنى يۇغۇشتۇرۇپ يىراققلارغا كېتەتتى.بۈگۈنكى كۈندە كىشلەر ئاسماندا قاتناپ ، جاھان كىزىپ يۇرسە ، بىز چۆچۈمىدۇق ، ئويغانمىدۇق ،بىزنىڭ ئۇيقۇمىزنى كۈچلۈك ئاۋازلارمۇ بۇزالمىدى. نىمە ئۈچۈن؟
ئويغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى |
ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئىسلام دىننى قۇبۇل قىلىشى نوقۇل ئىسلام ئېتىقادى ۋە كالامىزم چۈشەنچىلىرنى قۇبۇل قىلغانلىقى بىلەن چەكلەنمەستىن، بەلكى پۈتكۈل بىر پۈتۈن دۇنياۋى مەدەنىيەت تىپىنى-ئىسلام مەدەنىيىتىنى قۇبۇل قىلغانلىقى بىلەن خارەكتېرلەنگەن. بۇ ئىككى نۇقتىنى، يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇنداق بىر قەدەر يۇقىرى مەدەنىيەت تىپىنى شەكلەن ئەمەس، بەلكى، پائال ئۆزلەشتۈرۈش پەللىسىدە تۇرغان. مەدەنىيەت ئىقتىدارىنى، شۇنىڭدەك ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزىدىن ئىلگىركى مەدەنىيەت تىپلىرىدىن يۇقىرىراق سېنىكىرىتىك قاتلامدىكى دىنىي مەدەنىيەت شەكلى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلىشى ئىران-تاجىك تىپىدىكى سامانىلار سۇلالىسنى ھېساپقا ئالمىغاندا تۈركىي خەلقلەرنىڭ بۇ دىننى قۇبۇل قىلىشنىڭ مۇقەددىمىسى ۋە ئۆلگىسىنى تىكلىدى. باشقا تۈرۈكىي خەلقلەر بىلەن تۈركلەشكەن مۇڭغۇل قەبىلىلىرى غۇرلار ئارقىلىق ئىسلامىيەتنى قۇبۇل قىلغان.
‹‹تويۇڭنى چوڭ قىلغىچە، غېمىڭنى چوڭ قىل›› |
رېستورانلىرىمىزدىكى ئىسراپچىلىق ھەققىدە يازغۇچى ئەخمەت ئىمىن مۇنداق دېدى: كۈنلىرىمىزنى كەيپ – ساپا ھارام قىلماقتا. ئايىغى ئۈزەلمەيدىغان، كۆلىمى كۈندىن – كۈنگە كېڭىيىۋاتقان توي – تۆكۈنلىرىمىز، ئولتۇرۇش – بەزمىلىرىمىز ئەس – ھۇشىمىزنى يوقىتىپ، يىلىك – يىلىكىمىزنى قۇرۇتماقتا. بىز شۇنداق ساراڭ بايۋەتچىلەرگە ئايلاندۇقكى، بايلىقلىرىمىزنى رېستوراننىڭ سۇلياۋ داستىخانلىرىغا ئوراپ بىراقلا ئەخلەتكە تاشلايدىغان بولدۇق. ئەۋلادنىڭ كەلگۈسىنى ئويلاش ، ئەۋلادىمىزنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن ماددىي، مەنىۋى جەھەتتىن زاپاس تەييارلاش كۈنتەرتىپىمىزدىن چىقىپ كېتەي دەپلا قالدى. شۇڭا،‹‹تويۇڭنى چوڭ قىلغىچە، غېمىڭنى چوڭ قىل›› دېگەن ھېكمەتنى ئەل – ئاۋامغا قايتا بىلدۇرمىكىمىز زۆرۈردۇر .
ھەر بىرىمىزگە قاتتىق سىگنال! |
يېڭى بىر ئەسىر مۇساپىسىگە قەدەم قويدۇق. تارىخنىڭ ئاۋازى ئەسلىمىزنىڭ ھەقىقىتىنى يادىمىزغا سالدى. بىز بۇ يېڭى ئەسىر بوسۇغىسىدا تۇرۇپ مەدەنىيەت ۋە مەۋجۇتلىقىمىز ، كېلەچەك ۋە ئىقبالىمىز ھەققىدە سوغۇق قانلىق بىلەن ئويلانمىساق بولمايدىغان باسقۇچقا توغرا كەلدۇق. ئەپسۇسكى، كىرزىسلىرىمىز شۇنچە ئېغىر بولسىمۇ، بىراق بىز ئۆز كىرزىسلىرىمىزدىن يىراق ياشاپ كېلىۋاتىمىز. ئۆزىمىزگە، تارىخمىزغا، مەدەنىيىتىمىزگە، مەۋجۇتلۇقىمىزغا بولغان مەسئولىيەتچانلىق روھىمىز دېگەندەك تىكلەنمىگەچكە، ھەل قىلىنمىسا بولمايدىغان ئەڭ ئەجەللىك مەسىلىلىرىمىزمۇ ھەل قىلىنىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەڭ ئەقەللىي جاۋابكارلىق كۈنتەرتىپىمىزگىمۇ ئېلىنمىدى. بىز ئەڭ ئادەتتىكى مەسىلىلىرىمىزنى بىر ياقلىق قىلالمىغاننىڭ ئۈستىگە ئەڭ ئەجەللىك مەسىلىلىرىمىزمۇ قوشۇلۇپ ، ئۆزىمىزمۇ ئۆرۈك ئۆرۈكنى كۆرسە ئالا بولغاندەك ئەڭ زۆرۈر بىر مەسىلىگە ئايلىنىپ، سانسىز مەسىلىلەر قاتارى ئۆچرەت ساقلاش مالامىتىگە قالدۇق!…… ئەمدى قانداق قىلىمىز ؟ ئۆچرەت ساقلايمىزمۇ ياكى …ئۇزۇندىن – ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۆچرەت قاتارىغا نەزەر سالدىم- يۇ ، كۆزلىرىم ئۆز مەسىلىسىنى ھەل قىلالماي گاڭگىراشقا پاتقان قىز – ئاياللار نىگاھىدا تېنەپ قالدى. بۇنىڭدىمۇ بىرىنچىلىكنى قولدىن بەرمىگەن قىز – ئاياللىرىمىز بىزنىڭ تولۇق ھوقوقلۇق ئانىلىرىمىز سالاھىيىتىدە ئۆچرەتنىڭ ئالدىنقى رېتىدىن ئورۇن ئالغان . مەسىلە زادى كىمدە ؟
مىللەت دىگەن نىمە؟ |
مىللەت دىگىنىمىز ئورتاق تىل، ئورتاق مەدەنىيەت، ئورتاق غۇرۇر ئارقىلىق گەۋدىلەنگەن ئاھالە توپىدىن ئىبارەت. ئۇنداقتا شۇ ئاھالە توپىنىڭ چىراي-تۇرقى، ئۇلار ئورتاق ئىشلىتىۋاتقان تىلنىڭ سۆزلۈك تەركىبى قاتارلىقلار مۇھىم ئەمەسمۇ؟ شۇنداق، مۇھىم ئەمەس!
يۇقۇرىدا سۆزلەنگەندەك، ماكاننىڭ ئورتاقلىقىدىن مىللەت-ئىرقلار ئارىسىدا ئاسسىمىلاتسىيە قىلىش-بولۇش ئىشلىرى تارىختا ئىنتايىن كۆپ بولغان. ئۇيغۇر تىلىنىڭ يۇقۇرى مۇكەممەللىك ۋە مۇستەھكەملىككە ئىگە بولىشى، ئۇيغۇر مىللىتىنى ناھايىتى كۈچلۈك ئاسسىمىلاتسىيە قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلغان. تارىختا شىنجاڭدا ياشاپ ئۆتكەن نۇرغۇن مىللەت-ئىرقلار ئۇيغۇرلارغا ئاسىمىلاتسىيە بولغان. بىلىشىمىز كېرەككى، ئاسسىمىلاتسىيە بولۇش دىگىنىمىز باشقىلارنىڭ تىلىنى، مەدەنىيىتىنى، غۇرۇرىنى قوبۇل قىلىش دىمەكتۇر. شۇڭا ئەشۇ زامانلاردا ئۇيغۇرلار نوپۇس، مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي مۇناسىبەت جەھەتلەردىن چوقۇم باشقىلاردىن مۇتلەق ئۈستۈن تۇرغان بولۇشى كېرەك.
بىزدىكى قەھرىمانلىق تۇيغۇسى ۋە مۇكەممەلىزىم توغىرسىدا |
راست گەپنى قىلسام بىزدە قەھرىمان بولماق ناھايتى تەس، بىزنىڭ ئارىمىزدا قەھرىمان چىقىشى ئۈچۈن ئۇ چوقۇم ھېچكىم قىلالمىغان ئىشلارنى قىلالىشى، خەلقى ئالەمنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرالىشى، ئۇيغۇر تۇرۇپ چەت ئەللەردە ھېچبولمىغاندا ئىچكىرىلەردە ئىشلىيەلىشى، تۈرلۈك نام-ئاتاقلارغا مەسلەن نوبېل مۇكاپاتى دېگەندەك، ئېرىشكەن بولۇشى كېرەك. شۇڭلاشقىمىكىن ھازىر ئۇيغۇرلاردىن زادى كىمگە قول قويىسەن؟ ئۇيغۇرنىڭ ئىچىدىن چىققان سەن چىن كۆڭلۈڭدىن قايىل بولغان كىم بار دەپ سورىسا نەچچىنى دەپ بېرەلمەيدۇ، ھازىر بۇ تېخىمۇ تەسلىشىۋاتىدۇ، نېمىشقا دېسەڭلار چەت ئەلگە چىقىشمۇ كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ئادەتتىكى ئىشقا ئايلانغىلىۋاتىدۇ.. يەنە 10 يىلدىن كېيىن مېنىڭچە چەت ئەلدە ئىشلەپتۇ دېسە ھەممەيلەن ۋاي ئادەتتىكى ئىشقۇ دەيدۇ دە ئېرەن قىلمايدىغان بولىدۇ… ئۇ چاغدا بەلكىم ئاي شارىغا چىقساق بولامدىكىن تاڭ…
ئۇيغۇر مىللىي روھىنىڭ ئاساسلىرى |
مىللىي روھ ياكى ئۇنىڭ ئەمەلىي ھاياتتىكى ئىپادىسى بولغان مىللەتپەرۋەرلىك ياكى مىللەتچىلىك بىر كىشىنىڭ ئۆزمىللىتىگە شۇ مىللەتنىڭ تارىخىنى ھەم تارىختا ياراتقان ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىكى قىممەت ئۆلچەملىرىنى ھىمايە قىلغان ھالدا، ھۆرمەت، ئىشەنچ، ساداقەت، مەسئۇلىيەت، نازارەت ۋە پىداكارلىق تۇيغۇسى بىلەن باغلىنىشى، شۇنىڭدەك مىللەتنى يۈكسەلدۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىش ۋە كۈچ كۆرسۈتۈش روھىدۇر.مۇشۇ مەنىدىن ئېيىتقاندا، مىللىي روھ بىر خىل ئىجتىمائىي – سىياسىي پىكىر ئېقىمى ياكى پرىنسىپىسۈپىتىدە مىللەتنىڭ مەۋجۇت شارا ئىتتىكى رىئال ھالىتىنى نەزەرگە ئېلىپ، مىللىي مەۋجۇتلۇق ۋە مىللىي مەنپەئەتنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇش مەقسىتىدە بىر نىشان ئەتراپىغا ئويۇشۇشنى كإرسىتىدۇ. مىللىي روھ بىر خىل مەدەنىيەت، ئاڭ ۋە ئىرادە مەسىلىسى بولۇپ، ھەر قانداق كىشى پەقەت مۇشۇ خىل روھ بىلەن مىللەتكە باغلانغاندىلا ئاندىن مىللەتنىڭ ھەقىقىي بىر ئەزاسى ھېساپلىنىدۇ.
جاھالەت پىرلىرى شىنجاڭدا |
ئىلاۋە: مەزكۇر ماقالىدە ئاپتور ئۇيغۇر ئېلىدە ئۆتكەن خوجا ـ ئىشانلارنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە كەلتۈرگەن بالايىئاپەتلىرىنى، ئۇلارنىڭ رەزىل ئەپتى ـ بەشىرىسىنى ئېچىپ بېرىشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئاپتور بەزى مەسىلىلەردە ئالجىپ قېلىپ، ئىسلام دىنى تەشەببۇس قىلغان ئەخلاق ئۆلچەملىرىنىمۇ تەنقىتلەپ تاشلىغان. بىر قىسىم خۇجا ـ ئىشانلارنىڭ رىياكارلىق، كاززابلىقىنى پاش قىلماقچى بولۇپ، «مۇسۇلمانلارنى دائىما ئاللاھ تەرەپكە، ئاللاھقا مەنسۇپ ئىشلار تەرەپكە تەكەللۇپسىز مايىل قىلىش، ئاللاھنىڭ ئەمرىگە، ئاللاھ ئاتا قىلغان تەقدىرى ئۆلچەملەرگە بويسۇندۇرۇش، دائىما ئاللاھنى ئەسلەپ تۇرىدىغان، ئاللاھقا مەنسۇپ بولمىغان مۇھەببەت ۋە ھەرىكەتنى قوزغايدىغان ھەر قانداق ئامىل ۋە ھەۋەسلەردىن خالى، پاك تۇرىدىغان، شەخسىي راھەت، مەنپەئەتنى ئويلىمايدىغان، شەخسىي غەرەزلەردە بولمايدىغان قىلىپ تەربىيىلەش، ئادەتلەندۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر»، دەپ ئىسلامدا تەشەببۇس قىلىنغان ئەخلاق ئۆلچەملىرى بىلەن خۇجا ـ ئىشانلارنىڭ پرىنسىپلىرىنى ئارىلاشتۇرىۋەتكەن. ئوقۇرمەنلەرنىڭ بۇ تەرەپلىرىگە دىققەت قىلىت تۇرۇشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﻗﯘﺩﺭﻩﺕ ﺗﯧﭙﯩﺶ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻧﯩﻤﻪ ؟ |
ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺋﯩﻨﺘﯧﺮﻧﯩﺖ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯘﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺷﯩﻨﺨﯘﺍ ﻛﯩﺘﺎﭘﺨﺎﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯘﻥ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﺪﻩ ” ﺋﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺯﻩﺋﯩﭙﻠﻪﺷﻜﻪﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﻯ ﭘﺎﮬﯩﺸﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ “،” ﺭﻭﮬﯩﻴﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻘﻼﺭ ” ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭ ﺩﻩﯞﯨﺮ ﺳﯜﺭﮔﯩﻠﻰ ﺧﯧﻠﻰ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ . ﺑﯘ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻧﯘﺭﻣﺎﻝ ﺋﻪﮬﯟﺍﻝ . ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯜﺯﯨﻨﻰ ﺋﯩﺘﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ، ﺋﯜﺯﯨﻨﻰ ﺗﯘﻧﯘﺵ ، ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﯩﺴﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﯩﺴﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ . ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﻟﯩﻘﻼﺭ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯘﻥ ، ﻗﻪﺩﯨﻤﻰ ﻣﻪﺩﻩﻧﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﺎﻓﺮﯨﻘﺎ ﯞﻩ ﺷﻪﺭﻗﻰ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻟﯩﻘﻼﺭ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯘﻥ ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﻪ ﺋﯩﺰﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻱ ﺩﺍﯞﺍﻡ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ .ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻼﺭ ﺋﺎﻟﻪﻡ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻳﻮﻝ ﺋﺎﻟﺪﻯ ، ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻧﻼﺭ ﮬﯧﻠﯩﻤﯘ ﺋﺎﺕ -ﺗﯜﮔﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﻮﺩﺍ ﻳﯘﻟﻰ ﺋﯧﭽﯟﺍﺗﯩﺪﯗ ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺧﯩﻞ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﯞﻩ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﺗﻮﭘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯜﺯﯨﻨﻰ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﺵ ﯞﻩ ﺷﯘ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﻠﻐﺎﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﯨﻐﺎ ﻗﯘﺷﯘﻟﯘﭖ ﻣﯧﯖﯩﺶ ﺋﯩﺴﺘﯩﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻨﯘﺗﻤﯘ ﺗﻮﺧﺘﺎﭖ ﻗﺎﻟﻐﯩﻨﻰ ﻳﻮﻕ .
جەنۇبىي شىنجاڭ مىللى مائارىپىمىزدا ساقلىنۋاتقان مەسىلىلەر |
كۆزئالدىمدا يۈز بېرۋاتقان ئشلارغا، ئەتىراپىمدىكى مەنزىرلەرگە ئىشەنگۈم كەلمەيتتى. بىراق، مەن ئۆزەم شۇ مۇھىت ئىچىدە ياشاۋاتاتتىم. بىلىم بۇلىقى بولغان مائارىپ ساھەسى، ئۇ،ئەڭ ئالدى بىلەن دەۋىرنىڭ ئىلغارلىقىنى، ئىلمىيلىكىنى قۇبۇل قىلىشى كېرەك. لېكىن، مىللىي مائارىپىمىزدا،تا بۈگۈنكى قەدەر بىر خىل كونىلىق،ئپتىدائىلىق ناھايتتى ئىغىر تۈستە ھۈكۈم سۈرمەكتە. مىللىي مائارىپنى تەررەققى قىلدۇرۇش ۋە ئۇنى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىش ئۈچۈن، بىز ئاۋۋال مىللىي مائارىپىمىزدا ساقلىنۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىمىز كېرەك. مىللىي مائارىپنىڭ تەقدىرى، سىزنىڭ ۋە مىنىڭ قۇلۇمدا. شۇڭا،مەن جەنوبى شىنجاڭ مىللىي مائارىپىمىزدا ساقلىنۋاتقان مەسىلىلەرنى تۆۋەندىكى بىر قانچە نوقتىغا يىغىنچاقلىدىم.
ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﺠﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﺭﯗﺷﻰ ـ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﻧﯩﯖﻤﯘ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﺳﻰ |
2-ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﺭﯗﺷﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺯﻭﺭ ﺩﯗﻧﻴﺎﯞﻯ ﻫﻪﺭﺑﯩﻲ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻨﯩﯔ ﺋﻮﺯﺍﺭﺍ ﺋﯘﺭﯗﺷﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘ ﺋﯘﺭﯗﺷﻘﺎﻕ 61 ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺟﻪﻟﭗ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ 37 ﺳﻰ ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﺋﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ. ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺟﻪﻣﯩﺌﯩﻲ 50 ﻣﯩﻠﻴﻮﻧﺪﯨﻦ 70 ﻣﯩﻠﻴﻮﻧﻐﯩﭽﻪ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯚﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﭘﻪﺭﻩﺯ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﺎﻗﺘﺎ.
ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﻪﯓ ﻛﯚﭖ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯚﻟﮕﻪﻥ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺗﺎﻛﻰ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﻳﯩﻤﯩﺮﯨﻠﮕﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﺘﺎ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺗﯚﺕ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ 18 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﭼﯩﻘﯩﻢ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﻳﯩﻤﯩﺮﯨﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯧﻨﯩﻘﻼﻧﻐﺎﻥ ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﻣﻪﺧﭙﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﻠﻪﺭ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﭘﺎﺵ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﭽﻪ، ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﯚﻟﮕﻪﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ 27 ﻣﯩﻠﻴﻮﻧﻐﺎ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ. ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ 27 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﺟﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺷﻪﺭﻗﺘﻪ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﯩﮕﻪ، ﻏﻪﺭﺑﺘﻪ ﮔﯩﺘﻠﯧﺮ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺳﻪﭘﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻳﯩﺮﺍﻗﺘﯩﻜﻰ ﺗﯩﻨﭻ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﺍ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﺴﯩﺰﻟﯩﻐﺎﻥ ﺋﻮﻏﯘﻝ-ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻤﯘ ﺑﺎﺭ. ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺳﻪﭘﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻳﯩﺮﺍﻗﻠﯩﻘﺘﺎ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﺋﻮﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﻮﻏﯘﻝ-ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﻗﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺟﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻫﻪﻡ ﻣﺎﺩﺩﯨﻲ-ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ، ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﺟﺎﯞﯗﺯﭼﯩﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺋﺎﺯﺍﺕ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﻫﻪﺳﺴﻪ ﻗﻮﺷﺘﻰ.
ئىلىمگە خىيانەت – ئەلگە قىيامەت |
بىز ھازىر ھەممە نەرسە سېتىلىدىغان جەمئىيەتتە ياشاۋېتىپتىمىز ، ئەگەر بىز سېتىۋېلىشنى خالىساقلا ، ھەم پۇلىمىز بولسا ، ھەممە نەرسىنى سېتىۋالالايمىز . بەلكىم بۇ ھەممىگە ماددىي مەنپەئەت ھاكىم – قازى بولغان بۈگۈنكى دۇنيانىڭ يەنە بىر پاجىئەسى بولسا كېرەك . پۇلغا ھەممىنى سېتىۋالغىلى بولامدۇ ؟دېگەن سوئال بىردەك ھەممەيلەننىڭ : ياق ! دېگەن جاۋابىغا ئېرىشكەن ، ئەمما ئۇ بىزنىڭ نەسىر ، نۇتۇقلىرىمىزدىكى ئۈندەش جۈملىلەردىلا قېپقالدى ، رېئاللىق بولسا يەنىلا پۇلنىڭ قۇدرىتىنى ئالىي رەۋىشتە نامايان قىلىپ تۇرۇۋاتىدۇ . بىز جەمئىيەتتىن شۇنداق كىشىلەرنى ئۇچرىتىمىزكى ، ئۇلار پۇلغا گۈزەللىكنى سېتىۋالغىلى بولمايدۇ ، دېيىشىدۇ ، ئەمما پۇلغا گۈزەل قىزلارنى سېتىۋالىدۇ . مۇھەببەتنى سېتىۋالغىلى بولمايدۇ ، دېيىشىدۇ ، ئەمما نىكاھنى سېتىۋالالايدۇ . ھەتتا ھازىر كىشىلەرنىڭ ۋىجدان ، ئىمانىمۇ نۆۋىتى كەلگەندە بىر دومىلاپلا تاۋارغا ئايلىنىدۇ ، ئۇمۇ ئوخشاشلا سېتىلىدۇ . دېمەك ، بۇ دەۋر ئىنسان ۋۇجۇدىغا مۇجەسسەملەشتۈرۈلگەن بارلىق ماددىي – مەنىۋىي ئېلېمېنتلاردىن ئەڭ يۇقىرى چەكتە ئىقتىسادىي قىممەت ياراتقىلى بولىدىغان بىر دەۋر .
ھايات، ئىنسان ۋە ئەركىنلىك ھەققىدە |
1. ھاياتنىڭ مەنىسىنى يوقۇتۇپ قويغان بولسام، ھاياتىمغا خاتىمە بېرىشىم لازىم.
2. ھاياتنىڭ ئۆزىدە، ئۆزىگە خاس بىر غايىسى بولىدۇ. بۇ غايە ھايات ياشلىق، گۈزەللىك، سالامەتلىك ۋە ئەركىنلىك قاتارلىق بارلىق تاشقى مەنىلىرىنى يوقۇتۇپ قويغاندا نامايەن بولىدۇ. دەل بۇ ۋاقىتتا ھاياتنىڭ گۈزللىكىنىڭ بۇ ئارۇ قىلىنغان بىراق ۋاقىتلىق قىممەت – قاراشلاردا ئەمەس، دەل ھاياتنىڭ ئۆزىدە ئىكەنلىكىنى كۆرەلەيمىز.
3. كۆپ ھاللاردا ھەددىن زىيادە مەدىھيىلىنىپ كېلىۋاتقان « ئۆلۈمنى چوڭ بىلمەسلىك ياكى تۆۋەن كۆرۈش» خىسلىتى، ھاياتقا ياكى ئىنسانغا بولغان ھۆرمەت سۇسلىقىنىڭ نەتىجىسى بولۇشى مۇمكىن.
ئاتۇم بومبىسىنىڭ كۈچى |
ئاتوم بومبىسى بولسا يادرونىڭ يىمىرىلىش پرىنسىپىغا ئاساسەن ياسالغان بىرخىل يادرو قورال. ئۇنى ئەڭ بۇرۇن ئامېرىكا تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان، ئىنتايىن يۇقۇرى ۋەيران قىلىش ۋە ئۆلتۈرۈش كۈچىگە ئىگە، پارتلىغان ۋاقىتتا كۈچلۈك يادرو رادىئاتسىيىسى چىقىرىپ، جانلىقلارنىڭ قۇرۇلما توقۇلمىلىرىغا زىيان يەتكۈزىدۇ.ئاتوم بومبىسى ياسىلىدىغان ئەسلى ماتېرىيال بولسا ئۇران 235، ئۇ تەبىئىي ئۇراننىڭ %0.7 تەركىبىنى ئىگىلەيدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا %99.3 نى ئىگىلەيدىغان ئۇران 238 بولسا ئاتوم بومبىسى ياسايدىغان ئاچقۇچ.1945- يىلى 8- ئاينىڭ 6- كۈنى، تۇنجى قېتىم ئۇرۇشقا ئىشلىتىلگەن ئاتوم بومبىسى ياپونىيىنىڭ خىروشىما (گۇاڭداۋ ئارىلى) غا تاشلانغان. 1945- يىلى 8- ئاينىڭ 9- كۈنى، ئىككىنچى قېتىملىق ئاتوم بومبىسى ياپونىيىنىڭ ناگاساكى (چاڭچى) غا تاشلانغان. شۇنىڭ بىلەن ياپونىيە 9- ئاينىڭ 2- كۈنى تەسلىم بولغان.