• بىزدىكى قەھرىمانلىق تۇيغۇسى ۋە مۇكەممەلىزىم توغىرسىدا

    2010-06-25

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/67102854.html

    ئىشەنچىڭىزنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ تۇرۇڭ
    پىشىپ يېتىلىشنىڭ ئەڭ مۇھىم ھالقىسى كىشىنىڭ ئۆز-ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنىڭ تۇرغۇزۇلىشىدۇر.

    يېقىنقى كۈنلەردە بىزدىكى قەھرىمانلىق تۇيغۇسى ۋە بىزگە قانداق قەھرىمانلار كېرەك يەنە بىزدىكى مۇكەممەلىزىم (完美主义) پىسخىكىسىنىڭ كىشىلەرگە بولغان زىيىنى دېگەن تېمىلار توغىرسىدا تولا ئويلايدىغان بولۇپ قالدىم. بىزنىڭ پىسخىكىمىزدا زادى قانداق كىشىلەر قەھرىمان دەپ قارىلدۇ، ئەنە شۇنداق قەھرىمانلارنىڭ بىزگە قانچىلىك پايدىسى تېگىدۇ ياكى زىيىنى تېگىدۇ؟ بۇ خىلدىكى قەھرىمانلىق تۇيغۇسىنىڭ ياشلارنىڭ غايە تىكلەش، جەمئىيەتكە ماسلىشىش جەريانىدا ئۇلارغا بولغان تەسىرى ۋە كەلتۈرگەن ئاۋارىچىلىقلىرى قايسىلار؟

    راست گەپنى قىلسام بىزدە قەھرىمان بولماق ناھايتى تەس، بىزنىڭ ئارىمىزدا قەھرىمان چىقىشى ئۈچۈن ئۇ چوقۇم ھېچكىم قىلالمىغان ئىشلارنى قىلالىشى، خەلقى ئالەمنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرالىشى، ئۇيغۇر تۇرۇپ چەت ئەللەردە ھېچبولمىغاندا ئىچكىرىلەردە ئىشلىيەلىشى، تۈرلۈك نام-ئاتاقلارغا مەسلەن نوبېل مۇكاپاتى دېگەندەك، ئېرىشكەن بولۇشى كېرەك. شۇڭلاشقىمىكىن ھازىر ئۇيغۇرلاردىن زادى كىمگە قول قويىسەن؟ ئۇيغۇرنىڭ ئىچىدىن چىققان سەن چىن كۆڭلۈڭدىن قايىل بولغان كىم بار دەپ سورىسا نەچچىنى دەپ بېرەلمەيدۇ، ھازىر بۇ تېخىمۇ تەسلىشىۋاتىدۇ، نېمىشقا دېسەڭلار چەت ئەلگە چىقىشمۇ كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ئادەتتىكى ئىشقا ئايلانغىلىۋاتىدۇ.. يەنە 10 يىلدىن كېيىن مېنىڭچە چەت ئەلدە ئىشلەپتۇ دېسە ھەممەيلەن ۋاي ئادەتتىكى ئىشقۇ دەيدۇ دە ئېرەن قىلمايدىغان بولىدۇ… ئۇ چاغدا بەلكىم ئاي شارىغا چىقساق بولامدىكىن تاڭ…
    ئەمدى مەندىن سورىسىڭىز “نېمىشقا ئۇيغۇرلاردىن قەھرىمان چىقىشىنى شۇنچە خالاپ قالدىڭىز؟” دېسىڭىز، مېنىڭ جاۋابىم شۇكى بىز بىر خىل قەھرىمانغا چوقۇنىدىغان مىللەت. مىللىتىمىز قەلبىدىكى قەھرىمانلار ئوبرازى بىزنىڭ ئىدىيىمىزگە، بالا تەربىيلەش ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ غايە تىكلەش ئېڭىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭلاشقا بىز چوقۇم كېمىدا كىمنىڭ ھەقىقىي قەھرىمان ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشىمىز كېرەك. مەسلەن، مىسال ئۈچۈن ئېيتقاندا ئالىم شۆھرەت مۇتەللىپ، ئەركىن سىدىقلار ھازىرقى مىللىتىمىزنىڭ ئومومىي ئېتراپ قىلىدىغان (مەنمۇ شۇنىڭ ئىچىدە) ئالىملاردۇر. ئۇلار ھامان ئازدۇر-كۆپتۈر ياشلارنىڭ ئىدىيىسگە چەت ئەلگە چىقىش قىزغىنلىقىنى سىڭدۈرىدۇ. چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇش بارلىق ياشلارنىڭ ئەڭ ئالىي غايىسىگە، قىممەت ئۆلچىمىگە ئايلىندۇ. مەن ھازىر بۇنى ناچار ئىش دەپ چۈشەندۈرمەكچى ئەمەسمەن، بىراق شۇنى ئويلاپ باقايلى، بىرىنجىدىن: ئۆزىنىڭ ئاددىي خىزمەت ئورنىدا سادىقلىق بىلەن ئىشلەپ، ئاتا-ئانا يۇرتداشلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتقانلار كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ئادەتتىكى كىشىلەر سانىلىدۇ، سەل قارىلدۇ، نەتىجىدە ۋاپاسىز پەرزەنتلەر كۆپىيىدۇ. ئىككىنجىدىن، نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئەسلىدىنلا ۋاز كېچىشى كېرەك بولمىغان خىزمەت ئورنىدىن، غايىسىدىن ۋاز كېچىپ قارغۇلارچە چەتكە چىقىش قىزغىنلىقى بىلەن ئۆز ئورنىدا خاتىرجەم خىزمەت قىلدىغانلار ئازىيىدۇ. ئۈچىنجىدىن، ھېچقانداق چەت ئەلگە چىقىش ئىقتىدارى بولمىغان كىشىلەرمۇ چەت ئەلنى جەننەت ھېسابلاپ، توغرا بولمىغان چەت ئەلگە چىقىش يوللىرىنى تاللاپ ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا ئاۋارىچىلىق تېپىپ بېرىدۇ. كىم بۇ سەلبىي تەسىرلەرنى تەھلىل قىلىپ باقتى؟ بىزدە يەنە نۇرغۇنلىغان توغرا بولمىغان قەھرىمانلارلار مەۋجۈت، ئۇلارنىڭ خەلقىمىزنىڭ قىممەت قارىشىغا بولغان تەسىرى ھەم مەلۇم پايدىسى ھەم مەلۇم زىيىنىمۇ بار.
    مۇكەممەلىزىم دېگەن ئىككىنجى تېما. بۇ سۆزنى ئۆزەم ياسىغان. مەن ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ كۆز قارىشىدىكى مۇكەممەلىزىم ئىدىيسىنىڭ پۈتۈن مىللەتكە كەلتۈرىۋاتقان غايەت زور زىيىنىنى ئوتتۇرىغا قويماقچىمەن.
    مۇكەممەلىزىم ھەر قانداق ئىشتا يۈزدە يۈز پىرسەنت مۇكەممەل بولۇشنى قوغلىشىش بولۇپ، بۇ لايغەزەللىك، قولىنىڭ ئۇچىدا ئىش قىلىشنىڭ قارمۇ-قارشى نۇقتىسى، ئۇنىڭدا تىرىشچانلىقنى ھەددىدىن ئاشۇرىۋېتىدۇ. ئۆزىنى يېتىش مەڭگۈ مۇمكىن بولمىغان نۇقتىغا قاراپ قىستاش مەلۇم دەرىجىدە مۇنەۋۋەر تۇيغۇ بەرسىمۇ، كىشىگە مەڭگۈ قانائەت قىلمايدىغان ئالغا ئىلگىرلەش روھىدەك ھېس قىلدۇرسىمۇ ئەمىليەتتە ئۇلار ئىككىسى بىر-بىرىگە ئوخشاپ كېتىدىغان تامامەن ئىككى نەرسە.
    مېنىڭچە مۇكەممەلىزىم كىشىلەرگە ئىنتايىن زىيانلىق بولۇپ، ئۇنىڭ جەمئىيتىمىزگە كەلتۈرگەن زىيىنى زەھەرلىك چېكىملىكتىن ئېشىپ كېتىدۇ. مەن يازغۇچى شائىرلارنىڭ دەرھال قولىدىكى ئىشىنى توختىتىپ، توغرا بولمىغان قەھرىمانلارنى قوغلىشىش ۋە مۇكەممەلىزىمنى سۆكۈش توغىرلىق ئەسەر يېزىپ كىشىلەرنى داۋالىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ گېپىمنى دەسلەپكى قەدەمدە تۆۋەندىكىدەك ئىسپاتلايمەن.
    مېنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئۆگىنىشى ناھايتى ياخشى ساۋاغداشلىرىم بار ئىدى. ھەممەيلەنگە مەلۇم، ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپكە بارىدىغان ئوقۇغۇچىلار كۆپىنچىسى مىللىتىمىز ئىچىدىن تاللانغان، ئۆگىنىشتە ئەڭ مۇنەۋۋەرلەر ئوقۇغۇچىلار، بىراق 6 يىللىق ئۆگىنىش داۋامىدا ئۆزىنىڭ ھاياتقا بولغان ئىشەنچىسىنى، غايىسىنى تاشلىماي قايتىپ چىقالىغانلار ناھايتى ئاز ساننى ئىگىلەيدۇ. مېنىڭ بىر يېققىن دوستۇم بار ئىدى، ھازىر ئويلاپ باقسام ئۇنىڭ ئۆگىنىشتە ھەقىقەتەن خېلى بىڭسى بار ئىكەنتۇق. ئۇنى بىر تالانت ئىگىسى دېيىشكە بولاتتى. بىراق ئۇنىڭ بىردىنبىر كەمچىلىكى مۇكەممەلىزىم پىسخىكىسى بەك ئېغىر ئىدى. ئۇ يا بولمىسا ھەممەيلەننى بېسىپ چۈشۈشنى يا بولمىسا ھېچنىمە قىلماسلىقنى خالايتتى. ئەگەر ياخشى كۈزەتسەك ئەتراپىمىزدا ھەقىقەتەن موشۇنداق كىشىلەرنىڭ كۆپلىگىنى بايقايمىز. بۇنداق كىشىلەر ئەگەر مۇۋاپىق مەدەت بېرىش، ئۈزلۈكسىز رىغبەتلەندۈرۈشكە ئېرىشىپ تۇرسا، پۈتۈن سىنىپنىڭ ئالدى ھەتتا پۈتۈن مەكتەپنىڭ ئالدى ئورنىنى قولدىن بەرمەي ئالقىشقا ئېرىشىپ تۇرسا، ئۇلارنىڭ كۈچ-قۇۋۋەتكە تولۇپ تۇرغانلىقىنى، كېچە-كېچىلەپ ئۆگىنىش قىلىپ ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغانلىقىنى بايقايمىز. بىراق ئۇ ئاغىنە ئالىي مەكتەپتە ئۆزىنى تاشلىۋەتتى. مەسىلە ئۇ ئۆزىگە باشقىلارنىڭ ئۆلچىمىدە باھا بېرىشكە ھەددىدىن ئارتۇق كۆنۈپ كەتكەن بولۇپ، ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپتە ئىمتىھان مۇئارىپى ئەمىليەتتە شىنجاڭدىن ئېغىر ئىدى. ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ تۇرىدىغان سۆيۈملۈك ئوقۇتقۇچىلىرى يوق، بىر سىنىپتا 150 ئوقۇغۇچى يەنە كېلىپ ئالىي مەكتەپتە چورتلا سىنىپ مەسئۇلى دەيدىغان نەرسە يوق، دەرس ئوقۇتقۇچىلارمۇ ھېچكىمنى تونۇمايتتى. روھىي ئوزۇقتىن ئايرىلىپ قالغان بۇ ئاغىنەم بىرەر يىل تىرىشىپ بېقىپ نەتىجىسى 10مىڭ ھەتتا 100مىڭدىن بىر بولۇپ تاللىنىپ كەلگەن بۇ ساۋاقداشلارنىڭ ئىچىدە كۆزگە كۆرۈنەلمەي ئاخىرى بىراقلا بولدى قىلىۋەتتى، دەرسكىمۇ چىقمايدىغان ياتاقتا كومپىيۇتېر ئويناپلا ئولتۇرىدىغان بولدى. دېمەك ئۇنى گەرچە تۈگەشتى دېمىسەكمۇ ئۇنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى يەرگە ئۇرۇلدى دېگەن گەپ. ئۇنىڭ قەددىنى رۇسلىشى يەنە شۇ ئاخىرى مەكتەپ پۈتتۈرۈپ شىنجاڭغا قايتقاندىن كېيىن بولدى. دېمەك بىز ئوقۇغۇچىلارنى “قەھرىمانىي” ھېس-تۇيغۇلارغا شۇنچىلىك كۆندۈرىۋەتكەنكى ئۇلار بۇنىڭدىن ئايرىلسا ياشىيالماس بولۇپ قالغان.
    ئىككىنجى ساۋاقدىشىم ناھايتى ئىجدىھاتچان بالا بولۇپ، ئۇ ئۆگىنىشنى چىداپ قىلدى. مەكتەپ پۈتتۈرگىچە شىنجاڭدىن كەلگەن ھەممەيلەننىڭ ئالدىدا تۇردى. ھەممىمىز ئۇنىڭغا قايىل بولاتتۇق. بىراق ئەلۋەتتە خەنزۇ بالىلارغا يېتىشەلمەيتتى. ئىمتىھان نومۇرى جەھەتتە. مەنغۇ ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىسەم پەرۋا قىلمايتتىم. بىلىم ئۆگەنگەندىكىن بولدىغۇ دەپلا ئويلايتتىم. چۈنكى ئۇ ئىمتىھان نەتىجىلىرىنىڭ كىشىنىڭ بىلىم ئۆگىنىش دەرىجىسىنى قانچىلىك توغرا كۆرسىتىپ بېرەلمەيدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل ئىدى. خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار كېچىكىدىن ئىمتىھان بېرىپ چېنىققان، ئۇلارنىڭ ئىمتىھاننىڭ ئالدىدىكى ئوقۇتقۇچىلار بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىپ كېتىشلىرى، ئىمتىھاندىكى كۆز بويامچىلىقلىرىنى كۆرۈپ كۈلگۈم كېلەتتى. مەن ئىمتىھان نەتىجىسى ئارقىلىق ئۆزەمنى ئىسپاتلاشتىن چورتلا ۋاز كەچتىم. ھازىر ئويلاپ باقسام ئەينى چاغدا موشۇ خىيالىمنىڭ ماڭا قانچىلىك پايدا يەتكۈزگەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن، مەن پەقەت پۈتۈن زېھنىم بىلەن ئۆزەم قىزىققان بىلىملەرنىلا ئۆگەنگەنلىكىم ئۈچۈن، بۇ بىلىملەر خىزمەتكە چىققاندا ماڭا شۇنچىلىك ئەسقاتتى. بىراق نەتىجىلەر ئارخىپ خالتىسىدا قېپقالدى. بىراق ھېلىقى ئىجدىھاتچان ئاغىنىمىز ئۇنداق ئەمەس ئىدى. ئۇ دائىم ئۆزىنىڭ نومۇرى باشقىلارغا يېتەلمىگەنلىكىدىن ئۆكۈنەتتى. ئەمىليەتتى ئۇنىڭ نومۇرى تامامەن لاياقەتلىك نومۇرلار بولۇپ، پەخىرلىنىشكە ئەرزىيتتى. بىراق ئۇ شۇنداق ئۆزىنى قىينايدىغان خىيالنى تاشلىيالمىدى. مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن بولسا ھەممىمىزدىن ياخشى ئوقۇغان تۇرۇقلۇق ئاشۇ نەتىجىلەر تۈپەيلى ئۆزىنى ئالىي مەكتەپتە ھېچنىمە ئوقۇمىغانغا چىقىرىۋەتتى. ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنىڭ كەمچىللىگى تۈپەيلىدىن چوڭراق شىركەتلەرنىڭ يۈز تۇرانە ئىمتىھانىغىمۇ تۈزۈك قاتنىشالماي خىزمەت تاپالمىغىلى تاس قالدى. ئىشقىلىپ مېنىڭچە ئۇ ئۆزىگە ئىشەنگەن بولسا بۇنىڭدىن نۇرغۇن ياخشى قىلالايتتى. دېمەكچى بولغىنىمنى توغرا ئىپادە قىلدىممۇ يوق ئۇقمايمەن. ئىشقىلىپ بۇنداق يا بايرامدىن يا سايرامدىن دەيدىغان پىسخىكا بىزگە زىيىنى چوڭ بولۇۋاتىدۇ. كۆپىنچە كىشىلەر يا ئەڭ ياخشى بولۇشنى بولمىسا ھېچنىمە بولماسلىقنى كۆزلەيدۇ. ئەمىليەتتە كۆپ سانلىق كىشىلەر ھامان ئوتتۇرىدا قالغۇچىلاردۇر. ئوتتۇرىدا قالغۇچىلار جەمئىيەتنىڭ ئاساسىي ئېقىمىنى تەشكىل قىلغۇچىلار. ئۇلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنىڭ يوقۇلۇشى پۈتۈن مىللەتكە غايەت زور يوقىتىش بولۇپ ھېسابلىندۇ. بۇ قائىدە جەمئىيەتتىكى ھەممە ساھەلەرگە ئورتاق.
    مۇكەممەلىزىم ۋە رىقابەت ئېڭىنىڭ قالايمىقان تەكىتلىنىشى ياشلارنىڭ يۈرىكىگە زەھەردەك سانجىلىۋاتىدۇ. بىزدە پەرزەنتلەرگە چوقۇم سىنىپنىڭ ئالدىنقى قاتارىغا ئۆتۈش، ئۆزى بىلەن نەتىجىسى تەڭ ئورۇندىكى ساۋاغداشلار بىلەن رىقابەتلىشىپ ئۆگىنىشتەك خاتا قاراش سىڭدۈرۈلۋاتىدۇ. نەتىجىدە قالايمىقان رىقابەت كوللىكتىۋىزىملىق روھىنى چۈشكۈنلەشتۈرىدۇ، ئۇنىڭغا مۇكەممەلىزىم قوشۇلۇپ ساۋاغداشلار، خىزمەتداشلار ئۆزئارا كەمچىلىكلىرىنىلا كۆرۈشىدىغان، ئۆزئارا ئارتۇقچىلىقلىرىنى پەقەتلا مەدھىيلەشمەيدىغان ھالەت شەكىللىندۇ، ئەزەلدىنلا تار بولغان جەمئىيەت تېخىمۇ تارلىشىپ كېتىدۇ. بۇ خىل ھالەت ئۇزاق داۋاملاشسا خىزمەت ۋە ئۆگىنىشنىڭ پەقەت مەززىسى قالمايدۇ، كىشىنىڭ كۆڭلى سۇ ئىچمەي چەت ئەلگە چىقىپلا قۇتۇلۇشنى ئويلاپ قالىدۇ. ھېچقانداق روھىي ئوزۇق ۋە ھەمكارلىق بولمايدۇ.
    ئۆزەمنىڭ چەت ئەلدە ئىشلەۋاتقانلىقىنى پەش قىلاي، ئازىراق سېلىشتۇرۇشۇمغا رۇخسەت قىلىڭلار. بۇ يەردە خىزمەتداشلار ئارىسىدا رىقابەت بولمايدۇ. رىقابەت بولمايدۇ ئەمەس، ئۇ شەكىلسىز بولىدۇ، تەبىئىي بولىدۇ، ئۇ سىز رىقابەتلەشمىسىڭىزمۇ مەۋجۇد بولۇپ تۇرىدۇ، بىراق تېخىمۇ كۆپ بولدىغىنى خىزمەتداشلار ئارىسىدىكى كوللېكتىۋىزىملىق كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىدۇ. خىزمەتداشلار بىر-بىرىنى ھېسسىيات جەھەتتە ئاۋال قوبۇل قىلىدۇ، گەرچە شەخسىي كۆز قارىشى جەھەتتە ئۇ كىشىنى قەتئىي ياقتۇرمىسىمۇ بىر-بىرىنى بىر كوللېكتىپ ئەزاسى دەپ چىن كۆڭلىدىن قوبۇل قىلىدۇ، ياردىمىنى ئايىمايدۇ، بۇ خىل ھەمكارلىق ۋە كوللېكتىۋىزىملىق باشقا بىر رىقابەتچى كوللىكتىپقا يولۇققاندا تېخىمۇ ئېنىق ئىپادىلنىپ چىقىدۇ، ھەر بىر ئەزا پۈتۈن كۈچى بىلەن بىر-بىرىگە جان دوستلاردەك مۇئامىلە قىلىدۇ، پۈتۈن كۈچىنى چىقارمىغۇچىلار ياكى قارشى تەرەپكە دوستانە مۇئامىلىدە بولۇپ، ساتقۇنلۇق قىلغانلار قاتتىق ئېغىر ئەيىبلەشكە ئۇچرايدۇ. ئادەتتە خىزمەت جەريانىدا خىزمەتداشلارنىڭ قولغا كەلتۈرگەن كېچىككىنە نەتىجىلىرىمۇ مۇئەييەنلەشتۈرۈلىدۇ، مەدھىيلەشنىڭ رولىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ، مانا موشۇنداق كەيپىيات ئىچىدە ھېچكىم ھېچكىمدىن “ئېشىپ كەتمىگەن” ياكى “بېسىپ چۈشمىگەن” ئاساستا چەكسىز ھاياتىي كۈچكە ئېرىشىپ ئالغا باسىدۇ.

    ھەر قانداق ئىش چەكتىن ئېشىپ كەتسە ئەكسىگە يانغىنىدەك، بىزدىكى مۇكەممەلىزىم ئىدىيسى ئۇيغۇرلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قىزغىنلىقى بىلەن قوشۇلۇپ ئەكىس تەسىرىنى كۆرسەتكىلى تۇردى، ھەتتا بۇ قىزغىنلىق شۇنچىلىك ئەسەبىي دەرىجىگە يەتتىكى بۇ ھەقتە ھازىرغىچە ئېغىز ئېچىپ بىر نەرسە دېيىشكە ھېچكىم جۈرئەت قىلالمىدى. بۇ ھەقتە تۆۋەندىكىدەك مىساللارنى كەلتۈرىمەن.
    ئۇخلاپ ياتقان ئۇيغۇرلارنى ئويغىتىشتا ئەينى چاغدا ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئويغان دەپ توۋلىغاندا ئۇنىڭغا ھەقىقەتەن ياراشقان ئىدى. بىراق ھازىرقى كۈندە يەتتە ياشتىن يەشمىش ياشقىچە بولغان كىشى ئويغىنىشنىڭ نېمىلىكىنى چۈشىنە چۈشەنمەيلا ئويغان دېدىم ئويغان دەپ توۋلاشقا چۈشتى. خەلق خۇددى ئاساۋ ئاتتەك چۆچۈپ ئويغىنىپ نېمە قىلارىنى بىلمەي ئۆز دائىرىسدە قىتىراپ چېپىشقا، ئۇيان-بۇيان ئۈسۈشكە باشلىدى. ئۇيغۇرلار كەينىدە دەپ ماقالە يازسا پۈتۈن خەلق قوللىدى، ھەتتا باشتا ئۇيغۇرلار يانچۇقچى، پاشۋاز دېگەن ماقالىلەرنىڭمۇ خېلى بازىرى چىققان، لېكىن ھازىر ئۇنداقلار ئاستا-ئاستا بېسىقىپ قالدى. ھازىر ئۇيغۇرلار كەينىدە دەپ ماقالە يازىدىغانلارنىڭ ئاساسلىق دەستۇرى پەن-تېخنىكىمىز كەينىدە. پۈتۈن خەلق تەبىئىي پەن بىلىملىرىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردۇق ھەم بېرىۋاتىمىز، مۇئارىپ “ئوقۇتۇش سۈپىتى”نى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلارنى مەجبۇرلاپ قىيىن قىستاققا ئالمىغانلا يېرى قالدى، ئۇندىن باشقىسىنى قىلدى، ھالبۇكى بۇ كىشىلەر شۇنى چۈشەنمىدىكى پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى ھامان بىر سانائەتنى تۈرتكىلىك كۈچ قىلغاندىلا ئاندىن يۇقۇرى ئۆرلىيەلەيدىغانلىقىنى ھېچكىم ئەسكە ئېلىشمىدى. بىزنىڭ پەرزەنتلىرىمىز زاۋۇتنىڭ تايىنى يوق مۇھىتتا تۇغۇلۇپ ئۆسۈپ، ھەممىسى ئىنژىنىر بولۇشقا بەل باغلىدى. ئاخىرىدا ھەممەيلەن ئىشسىز قالدى. ئاز ساندىكى مۇرادىغا يېتىپ چەت ئەللەردە ئىنژىنىرلىق خىزمەتلىرىگە ئېرىشكەنلەر بولسا، ياۋروپادىكى مەيدىسىنى كېرىپ قويۇپ خاتىرجەم تازىلىق ئىشچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتقان كېلىشكەن يىگىتلەرنى، كۆڭلىگە رېستۇران خىزمەتچىسى بولۇشنى پۈكۈپ تىرىشىپ ئۆگىنىۋاتقان چىرايلىق قىزلارنى كۆرگەندە ھەيران قېلىشتى ياكى كۆرمەسكە سېلىشىپ ئۆزىنىڭ “تىرىشىپ” قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى داڭلاشقا چۈشتى، ھالبۇكى ئۇلار ئۆزىنىڭ خاتىرجەم تۇرمۇشىنى قۇربان قىلغانلىقىنى، يۇرتىنى سېغىنىش ئوتىدا، ھىجران ئوتىدا كۆيۈۋاتقان يۈرەكلىرىنى ئۇنتۇپ ئۆزلىرىنى ماشىنا ئادەم چاغلاپ قېلىشتى ۋە تېخىمۇ كۆپ كىشىنى ئۆزىگە ئوخشاش بولۇشقا چاقىردى. بۇ چاغدا يۇرتتىكىلەر بولسا ياۋروپانىڭ تازلىق ئىشچىسىمۇ تەبىئىي پەننى يىرتىۋېتىدۇ دەپ ئويلاپ يۈرىشەتتى. ھالبۇكى ئۇلار گېزىت-ژۇرناللاردىكى ئادەم ئالدايدىغان ئاجايىپ-غارايىباتلارنىڭ كىشىلەرگە قانچىلىك زىيان سېلىۋاتقانلىقىنى چۈشىنىشمەيدۇ.
    ياۋروپا بىلەن شىنجاڭنىڭ پەرقى زادى قەيەردە؟ بۇ مەن ئىزچىل ئويلىنىۋاتقان بىر سوئال. ياۋروپادا 3000 ياۋرو يۇقىرى مۇئاش ھېسابلىندۇ. شىنجاڭدا 3000يۈەن ھازىر ئانچە يۇقىرى مۇئاش ھېسابلانمايدۇ. مېنىڭ شوپۇر ئاكاممۇ ئۇنىڭدىن كۆپ تاپىدۇ. ياۋروپادا 8 ياۋرو بىلەن سىرتتىن بىر ۋاق ئاددىي تاماق يېگىلى بولىدۇ. شىنجاڭدىمۇ 8 يۈەنگە ئادەتتىكى بىر ۋاق قوساقنى ئەستەرلىگىلى بولىدۇ. ياۋروپادىكى ئاياللارنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىمۇ كونا ھەتتا شىنجاڭدىكى ئاياللارغىمۇ يەتمەيدۇ. ھەرگىز كىنولاردىكىدەك ئەمەس. مېنىڭ ھازىر ھېس قىلىشمچە ياۋروپا بىلەن شىنجاڭنىڭ ئەڭ چوڭ پەرقى ياۋروپالىقلار ئۆزىنى ھۆرمەتلەيدۇ، ئۆز خەلقىنى سۆيىدۇ. ئاغزىدىلا ئەمەس، ئۇلار ئۆز يۇرتىنى سۆيۈپ ياشايدۇ. تېجەشلىك بىلەن ھېچقانداق نەرسىنى بۇزۇپ چاچماي كۈن ئۆتكۈزىدۇ. بىز بولساق يۇرتنى ئاغزىمىزدا سۆيۈپ، ئەمىليەتتە يۇرتتىن ئايرىلىشنى شەرەپ دەپ بىلىمىز. كىنو تېلىۋزورغا ئالدىنىپ تاپقان-تەرگىنىمىزنى بۇزۇپ چېچىپ ياشايمىز. مانا بۇ ھەقىقىي پەرق. ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن پەرق.
    كىشى كۈرەش قىلىپ ھارغاندا، ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسلىيەلمەيدۇ. ھامان بىر كۈنى ئۆزىمىز ھېرىپ-چارچاپ قوغلىشىۋاتقان نەرسىنىڭ پەقەت بىر خاتىرجەم تۇرمۇش ئىكەنلىكىنى، خاتىرجەملىكنى بۇزۇۋاتقان كىشىلەرنىڭمۇ دەل ئۆزىمىز ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىمىز. ياشلارغا توغرا يول كۆرسىتىپ بېرەيلى.

    مۇكەممەلىزىم پىسخىكىسىنىڭ تەسىرى ۋە ۋەتىنىمىزنىڭ چىرىكلىك ۋە پارىخورلۇققا قارشى تۇرۇشنىڭ داۋاملىق تەكىتلىنىشى بىلەن ئىنتايىن قىزىق ھېچكىم دىققەت قىلمىغان بىر ئىش يۈز بەردى. يەنى كۆپچىلىك تازا تىللاپ پۇخادىن چىقتى، ئەمەلدارلار بولسا بۇلغانغان كىملىكنى ساقلاپ قېلىۋەردى، خۇددى كوچىدىكى *** مېنى بەرىبىر ياخشى دېمەيدۇ دەپ قىلغىنىنى قىلغاندەك بولدى. يەنە بىر قىزىق ئىش شۇكى ئەمەلدار بولۇش تىلغا ئېلىنسا كىشىلەرنىڭ خىيالىغا ئالدى بىلەن پارىخورلۇق ۋە چىرىكلىك كېلىدىغان بولدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە كۆپچىلىك ئەمەلدار بولۇشقا قىزىقماسلا بولدى. نېمە دەيدىكىن دەپ قالماڭلار، ئەلۋەتتە بىر مەزگىللەردە ئەمەل-مەنسەپ دېسە دۈم چۈشىدىغان بولۇپ كەتكەن، بىراق ھازىرقى ياشلار چوڭ بولغاندىن كېيىن باشلىق بولىمەن، سىياسىيون بولىمەن دەيدىغانلار ئاز. ھازىر كېچىك بالىلاردىن چوڭ بولغاندىن كېيىن نېمە ئىش قىلىسىز دەپ سورىسىڭىز چەت ئەلگە چىقىمەن دەيدىغانلار كۆپ. بۇ بىر خىل خەتەرلىك ئەھۋال. بىز ئۆزىمىزنىڭ ئەھۋالىنىڭ ناچارلىقىنى، كادىرلارنىڭ قارا قوساقلىقى توغىرسىدا ۋايسايمىزيۇ نېمىشقا مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار تىرىشىپ كادىر بولۇشقا، ياخشى كادىر بولۇشقا بەل باغلىمايمىز؟ كادىرلارنىڭ تىللاش ئارقىلىق تۈزىگىلى بولمايدىغانلىقىنى ياغلىق قاپاق ناھايتى ئوبدان ئىسپاتلاپ تۇرۇپتىغۇ!؟ چەت ئەللەردىكى ئېنژىنىر ئالىملاردىن بىزگە ئەمىليەتتە ئۇنچىۋالا چوڭ نەپ تەگمەيدۇ، ماڭا ئىشىنىڭلار. ئۇلار ئېرىشكەن نەتىجىلەرنى كۆرەلمىگەنلىكىم ئەمەس، سوغۇققانلىق بىلەن ئويلانغىنىم، بىرنى بىر دېگىنىم. ئۇلار ئېرىشكەن مۇكاپاتلارمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ يۈزىنى ئۇنچە يورۇق قىلىۋېتەلمەيدۇ. چۈنكى چەت ئەلدە ئۇنداق ئادەم ساماندەك. ھېچكىم مىت قىلىپ قويمايدۇ. پەرزەتلەرنى تەبىئىي پەن مۇتەخەسىسى قىلىش ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى ياخشى كۈن كۆرۈشىنى ئۈمىد قىلغانلىقتىن باشقا ئىش ئەمەس خالاس. بىزنىڭ ياشلىرىمىز چوقۇم كۆپلەپ باشقۇرۇش ئىلمى، مەبلەغ سېلىش ئىلمى قاتارلىق ئىجدىمائىي پەنلەرنىمۇ ئۆگىنىشى كېرەك، شۇنداق ئىختىساس ئىگىلىرى كۆپلەپ مەيدانغا چىقىشى كېرەك. بولمىسا تېخنىكلار ئىشتىن سىرتقى يازغان ماقالىلىرى بىلەن مىللەتنى قۇتقۇزالمايدۇ. قىسقىسى مۇكەممەلىزىم ۋە كىشىلەر قەلبىدىكى قەھرىمان ئوبرازى قوشۇلۇپ ياشلارنى ئادەتتىكى ئىشلارنى قىلىشقا قىزىقماس قىلىپ قويىدۇ. نورمال تۇرمۇشنى تۇرمۇش ئەمەس دەپ قارايدىغان بولۇپ قالدۇق. كېمىدا بۇ مېنىڭ ھېس قىلغىنىم.

    مۇكەممەلىزىم بىزنىڭ تارقىتىش ۋاستىلىرىدىكى خاتا ئىدىيىلەر بىلەن قوشۇلۇپ غايەت زور ئىسراپچىلىق ۋە بۇلغۇنۇشنى پەيدا قىلدى. مەسلەن ئېيتايلى، ئۇلار تىرىشىپ بېيىغانلىقتىن يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردى، يېڭى تېلىۋزور سېتىۋالدى، يېڭى ماشىنا ئالدى… دېگەندەك كىشىلەرنىڭ مېڭىسىنى يۇيىدىغان خەۋەرلەر قۇلاققا سىڭىپ كەتتى، بۇنىڭ بىلەن كىشىلەر بېيىسىلا خۇددى چوقۇم يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرىشى كېرەكتەك، ئۆي جاھازلىرى، تېلىۋزور قاتارلىقلارنى بىرەر قۇر يېڭىلىمىسا بولمايدىغاندەك ھېس قىلدىغان بولۇپ كەتتۇق، رەڭسىز تېلىۋزوردىن رەڭلىككە، 17 دىيۇملۇقتىن 24 دىيۇملۇققا، ئادەتتىكى تېلىۋزوردىن سىفىرلىق تېلىۋزور ھەتتا سۇيۇق كىرىستاللىق نېپىز تېلىۋزورلار بىزنىڭ چوقۇم بولمىسا بولمايدىغان ئىستىمال بۇيۇملىرىمىزغا ئايلاندى، ئەگەر يېڭىلانمىسا كونىلىق، زاماننىڭ كەينىدە قالغان دېدۇق. ئۆزبېكلەر ئەسكى دېگەن سۆزنى كونا دېگەن مەنىدە ئىشلەتسە، بىز يامان دېگەن مەنىدە ئىشلەتتۇق. دېمەك شۇنىڭدىنلا بىزنىڭ كونا نەرسىلەرگە قانچىلىق بىر تەرەپلىمە قارايدىغانلىقىمىزنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. تېخىمۇ قىزىقارلىق يېرى شۇكى مۇكەممەلىزىم تۈپەيلى كىشىلەر تۇرمۇشىدا بۇ نەرسىلەر كام بولغان تۇرمۇشنى مۇكەممەل ئەمەس دەپ قارىغاچقا پۈتۈن ئۆمرىدىكى مۇھىم نىشانلىرىنىڭ بىرى قىلىپ بېكىتتى ۋە شۇنىڭ ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىشتى. ئەمدى ئۆي جاھازلىرىنىڭ كونىلىقى بىلەن پەخىرلىندىغان ياۋروپالىقلارغا قاراپ باقايلى، ئىشلەتكىنىگە 100 يىلدىن ئاشقان ئۆي جاھازلىرىنى تەۋەرۈك دەپ بىلىپ ئەتىۋارلاپ ئىشىلتىشىدۇ. باھاسى ھەتتا يېڭى ئۆي جاھازىسىدىن قىممەت بولىدۇ. ئۆيلىرىدە سۇيۇق كىرىستاللىق كەڭ ئېكران تېلىۋزور تۇرماق 24 دىيۇملۇق تېلىۋزورلارمۇ خەقنىڭ ئۆيىدە ناھايتى ئاز تېپىلىدۇ. سۈرئىتى ئەڭ تېز، نۇرغۇن ئەڭ نوچى تىپتىكى ماشىنىلار بىردەك ياۋروپاغا سېتىلمايدۇ. نېمىشقا دېسىڭىز شىركەتلەرنىڭ بەرگەن جاۋابى ياۋروپالىقلار سېتىۋالمايدۇ. ئۇلارنىڭ بازىرى جۇڭگودا. كىشىلەرنىڭ بېرىدىغان جاۋابى بولسا مېنىڭچە ياۋروپادا سۈرئەت چەكلىمىسى ناھايتى قاتتىق ئىجرا قىلىندۇ. كېرەك قىلمايدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك ئاپتوموبىل سېتىۋېلىپ پۇلنى بۇزۇپ-چېچىشنىڭ ئەھمىيتى نېمە؟ كېرەك بولمىغان ئادەتتىن تاشقىرى ئىستىمال بىزنىڭ ئىقتىسادىي كۈچىمىزنىلا ئىسراپ قىلىپ قالماي، تەبىئىي بايلىقلارنىڭ ۋە مۇھىتنىڭ بۇزغۇنچىلىقىنى كۈچەيتىۋەتتى.

    مۇكەممەلىزىم بىزنىڭ ئۆز مىللىتىمىزگە بولغان غورۇرىمىزنى چىرىتمەكتە، ئۆز-ئۆزىمىزگە بولغان ھۈرمىتىمىزنى سۇسلاشتۇرماقتا. كىشىلەر ھازىر مىللەت بولسا ئۇنداق بولسا مۇنداق بولسا دېيىشىدۇ. مىللەتنىڭ ئىچىدىن بىر نەچچە پاھىشە، بىر نەچچە يانچۇقچى چىقىپ تېلىۋزوردا كەڭ تەشۋىق قىلىنىش ئارقىلىق يۈزىمىز چۈشسە، تەشۋىق قىلغانلاردىن كۆرمەي مىللەتتىن كۆرۈشىدۇ. ئەسكى ئادەم چىققان مىللەتتىن تۇغۇلۇپ قالدىم دەپ ئۇيغۇر بولۇپ قالغىنىغا پۇشايمان قىلىشىدۇ. كۆڭلى كۆتۈرۈشمەيدۇ. ئۆزلىرىنىڭ گېپى بويىچە بولسا باشقىلار ئالدىدا ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىشتىن نومۇس قىلىشارمىش. باشقىلارنىڭ بىر تەرەپلىمە قارىشىدىن ئەنسىرەرمىش! سېپى ئۆزىدىن پىسخىك ئاجىزلىق! باشقىلارنىڭ ياخشى باھاسىغا، ۋاي دېيىشىگە ئېرىشىش شۇنچە مۇھىممۇ؟ نېمىشقا ئۆزىمىزگە چوقۇم باشقىلارنىڭ نۇقتىسىدا تۇرۇپ باھا بېرىمىز؟ ئۆزىمىزگە توغرا باھا بېرىپ ئاجىز بولغان ئىشەنچىمىزنى ئىززەت-ھۈرمىتىمىزنى ساقلىيالمايمىز؟ ئەمىليەتتە ھەر قانداق مىللەتنىڭ ئەسكى ئادەملىرى بارغۇ؟ ھەتتا كىنولاردا ئەسكىلىكنى قاملاشتۇرۇپ ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىۋەتكەنلەرنى كۆرۈشۈپ قول قويۇپ كېتىمىزغۇ؟ بىز كېچىكىمىزدىن بىر-بىرىمىزنى قىرغىن قىلىشقا كۆندۈرۈلۈپ كەلدۇق. خاتا بولغان مۇئارىپ كۆز قارىشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشكە بولغان قىزىقىشىنى قوزغاشنىڭ ئورنىغا ئۇلارنىڭ ئىززەت-ھۈرمىتىنى چۈشۈرۈشنى ئۇلارنى ئۆگىنىشكە مەجبۇرلاشنىڭ ۋاستىسى قىلىپ ئىشلەتتى. سىنىپتا ھەر مەۋسۈملۈك خۇلاسە يىغىنى ئېچىش، نەتىجىلەرنى ئېگىزدىن پەسكە قارىتىپ تىزىپ كەينىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا سەن ئۆگىنىشتە ناچار، سەن يارىماس دېگەن ئىدىيەنى سىڭدۈرۈش ئۇلارنى نابۇد قىلىش بولماي نېمە؟ ياخشى ئۆگىنەلمىگەنلىرى ئاشۇنداق بولۇپ تۈگىشىدۇ، ياخشى ئۆگەنگەنلىرى بولسا، باشقىلارنىڭ ماختىشىدىن ئايرىلىپ قالسا پۈتۈن ئالغا ئىلگىرلەش كۈچىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ دە ئۈمىدسىزلىكتىن ۋەيران بولىدۇ. مېھىر-مۇھەببەت، ئۆزئارا ھۈرمەت قىلىشىپ ئىشەنچ تىكلەشنىڭ ئورنىغا سىڭدۈرۈلگەن ناتوغرا ئەھمىيەتسىز رىقابەت تۈپەيلى بۇ پەرزەنتلەرنىڭ كىشىلىك ئادىمىي قەدىر-قىممىتى خاتا تەرەققىي قىلىدۇ، چوڭ بولۇپ خىزمەت ئورنىغا چىققاندىمۇ ئۆگەنگەن خۇيى بويىچە باشقىلاردىن ئېشىپ چۈشۈشنىلا كۆزلەيدۇ. ھەتتا نۇرغۇنلىرى بۇنىڭ ئۈچۈن ۋاستە تاللاپ ئولتۇرۇشمايدۇ، بىر-بىرىگە ھەسەت قىلىش، ئورا كولاش، غەيۋەت قىتىغۇرلۇق قىلىشنىڭ ئەدەپ كېتىش سەۋەبىمۇ موشۇ يەردە. بىزنىڭ پىسخىكىمىز شۇ قەدەر ئاجىزكى باشقىلارنىڭ ئىككى ئېغىز ماختىشىغا گول بولۇپ ئۆزىمىزگە بولغان كونتىروللىقىمىزنى يوقىتىپ باشقىلار نېمە قىل دېسە شۇنى قىلدىغان يەرگە كېلىمىز. مانا بۇ پەرق!

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us