• قوپە ئىشەك ، ئويغان ، قۇياش كۆتىرىلدى

    2010-06-25

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/67105382.html

    بارلىق كىشلەر مىللەتنى دۇنياغا تۇنۇتايلى دەيدۇ . شۇنداق قىلىش زوزۈزمۇ؟
    ياق . بىز ئۇيغۇر ،تۈركىي ئۇيغۇر ، ھون قېنى تومۇرىمىزدا ئېقىپ تۇرىۋاتقان مىللەت . ئات تاقىسى بىلەن ئۆتۈك پاشنىسى بىلەن 5- ئەسىرلەردىن باشلاپ 3-4 ئەسىردە بىر قېتىم دۇنياغا خەلقىگە تۆمۇر تامغىمىزنى بېسىپ بەرگەن مىللەت ئەۋلادلىرى تۇرساق ، دۇنيا بىزنى تونۇمىسۇنمۇ ؟
    دۇنيا بىزنى تونىماي كىمنى تونىسۇن . ئەلۋەتتە تونۇيدۇ . ئاتنىڭ تۇياق ئاۋازىنى ئاڭلىسا ئىككى قۇللىقى تىك تۇرىدىغان كىشلەر ئەلۋەتتە تونۇيدۇ ، 500 مېتر يىراقلىقتىن ئات ئۈستىدىكى جەسۇر قىياپىتىمىزنى ئەمەس ، مىسكىن ، غېرىپ قىياپىتىمزدىن تونۇيدۇ .
    ئىلگىرى بىز ئاتقا مىنگەندە چۆچۈپ ئويغىناتتى ، كۈدە -كۆپىسىنى يۇغۇشتۇرۇپ يىراققلارغا كېتەتتى.
    بۈگۈنكى كۈندە كىشلەر ئاسماندا قاتناپ ، جاھان كىزىپ يۇرسە ، بىز چۆچۈمىدۇق ، ئويغانمىدۇق ،بىزنىڭ ئۇيقۇمىزنى كۈچلۈك ئاۋازلارمۇ بۇزالمىدى. نىمە ئۈچۈن؟
    بىزنىڭ قۇلاقلىرىمىزغا تەكلىماكان قۇملىرى كىرىپ سىڭىشىپ كەتكەن ، تەپسە تەۋرىمەيمىز ، ئاڭ -تەپەككۇرىمىز ئاستا مىڭىمىز قۇملىشىپ كەتكەن .
    ئويلان ؟
    ئۇلار قايتا-قايتا چۆچۈپ ئويغانغان يىراقلارغا كەتكەن تۇرۇپ ، نىمە ئۈچۈن قايتا چۆچۈمەستىن ،
    مەغرۇرانە قايتىپ كىلىدۇ ؟ قايتىپ كەلسىغۇ مەيلىتى ،ئەمما پۇتۈن دۇنيانى چۆچۈتۈپ قايتىپ كەلدىغۇ؟
    كىشلەرنىڭ چۆچىگىنىغۇ ئورۇنلۇق ، 2000 يىل بىر يەرشارىدا ياشاپ چىراي تۇرقۇنى ،ئىسمى ،جىسمىنى بىلمەيدىغان كىشلەرنىڭ تۈركۈملاپ ئىشىك ئالدىدا پەيدا بولغىنىدىن چۆچۈمەي تۇرالمىدى. ئويغانماي بولمىدى، تۈن ئۇيقۇسىنى بۇزۇپ قۇياشتىن بۇرۇن ئويغىنىدىغان بولدى.
    بىزلەرچۇ ؟
    چۆچۈمىدۇق ، ئويغانمىدۇق ،پەرۋا قىلىپمۇ قويمىدۇق ، ياق ئەمدى دىققەت قىلىشقا باشلىدۇق .
    بىز نىمشقا چۆچۈيتۇق ، بىز ئۇلارنى يىراقلارغا كەتكۈزىۋىتەلىگەن تۇرساق ، قايتا كەلسە نىمە بولىدۇ .
    بىز ئويغانمىدۇق ، ئۇلارمۇ بىزنى ئويغاتمىدى ، تېخى ئۈستىمىزگە ئىللىقىنە پاختىلىق يوتقانلارنى يېپىپ قويدى . بىز ئەمدىلەتتىن ئۇلارنى كوچىلاردا تۈركۈم -تۈركۈم كۆرگەندە دىققەت قىلىشقا باشلىدۇق .
    ئېتىزدىكى بۇغدىيىمىز ئازلىغاندا ، ئۇچىمىزدىكى كىيىم يېلىڭلىغاندا چۆچۈدۈق ، يەنىلا تاڭ سەھەر ئويغانمىدۇق . ئەمما كىشلەر ئۆزىلىرىنى كېچىكتۇق ،دەپ ھېس قىلىشتى . ئۇلار چۆچۈش ئىچىدە قەلبى دىلغۇللىقتىن كېچىدكى ئۆز سايىلىرىدىن چۆچۈيدىغان بولدى.
    ئۇنداقتا بىز مۇشۇنداق دىلغۇللۇق ، چۆچۈش ئىچىدە نىمە قىلىشىمىز كېرەك ؟ ئۆزىمىزنى دۇنياغا قايتىدىن تونۇتىشىمىز كېرەكمۇ ؟ قانداق تونۇتىمىز ؟
    ھازىر كىشلەرنىڭ ھەممىسى ئامىرىكا ،ياۋروپا، ياپونىيەنىڭ ئىلغار تېخنىكىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ .
    بىز دۇنيادىكى دېڭىزغا ئەڭ يىراق كىشلەر تۇرساق ، ئۇلار ئۆزىنى بىزگە قانداق تونۇتتى؟ بىز ئىلغار تېخنىكىغا ئىگە ئەمەس مىللەتلەرنىمۇ تونۇدۇق ، ئۇلار قانداى تونۇتتى؟
    جاۋاپ ئىتايىن ئاددى تارقىتىش ۋاستىسى ( ئىپتىدائىي تارقىتىش ۋاستىسى ، سىفىرلىق تارقىتىش ۋاستىسى ، ئېلىكترونلۇق تارقىتىش ۋاستىسى ) .
    بىز نەچچە مىڭ يىل ياشغان بىلەن كۆزىمىزنى ئاچقىلى ئەمدىلەتتىن 30 يىللار بولدى . ئۆتۈپكەتكەن نەچچە مىڭ يىل بىز ئۈچۈن چۈشتەك ناھايىتى غۇۋا . بىز كۆزىمىزنى ئاچقان مۇشۇ قىسقا ۋاققىتلاردىمۇ كىشلەر قايتىدىن يەنە بىزدىن چۆچىدى ، ئەمما ئىلگىرىكىدەك يىراققلارغا كەتمىدى ،لىكىن قولىمىزدىن ئات قامچىسىنى ئېلىۋالدى ، ئۇلار ئىلگىرى ئۆزلىرىنى چۆچۈتكەن نەرسىنى بايقاپ قالدى . بىز پىيادە مېڭىشقا مەجبۇر بولدۇ ق ، ئۇلار بىزنى ئۇزۇن يول ماڭدۇرۇپ ، ھارغۇزۇپ ، ئۇيقۇنى كۆپ ئۇخلاتقۇزماقچى بولدى . بىز پىيادە بولغاچ ئىلگىرى بىزدىن چۆچۈگەنلەرنىڭ ھېچقايسى بىزدىن چۆچۈمىدى . ئۇلار بىزنى پىيادە كۆرۈپ پەرق ئىتەلمىدى ، چۈنكى ئۆزىمىزنى دۇنياغا تونۇتقان ۋاستە ئۆزگەردى ،يۇقىرى تىز سۈرئەتكە ئەمەس ، تېخىمۇ ئاستا سۈرئەتكە پىيادە مېڭىشقا ئۆزگەردى.
    ئۇلار ئەكىسچە ۋاستىسىنىڭ تىزلىكىدىن پۇتۇن دۇنيانى چۆچۈتتى ، ئۇلار سۇرئىتىنىڭ تىزلىكىدىن قىتئە ، پىلانىتلارغا يەتتى .
    ئەيتاۋۇر ئەجدىھار مىڭ يىللىق ئۇيقۇسىدىن ئويغانسا ئاسماندا ئۇچۇپ يۇرسە كېرەك .
    بىز 30 يىل جەريانىدا ،بىز بىلەن قېنى بىر تۈركىي مىللەتللەردىن باشقىللارنى ، ئارگىنتىنا، بىرازىلىيە بىرقىسىم لاتىن ئامىرىكىسى دۆلەتلىرىنى سامبا ئۇسۇلى ، پۇتبول تەنھەركىتى ئارقىلىق ، گېرمانىيە ، ياپونىيەلەرنى دۇنيا ئۇرۇش قوزغۇغۇچىللىرى ۋە داڭلىق ماشىنىلىرى بىلەن ،نىگىرلارنى ئافىرىقا ئۇسلۇبىدىكى سەنئەت ، ئامىرىكا ۋاسكىتبول بىرلەشمىسى ،ئولىمپىك يۈگىرەش مۇسابىقىسى ، يەھۇدىلارنى ئەرەبلەر بىلەن ئوتتۇرا شەرقتىكى «ئىناق»مۇناسىۋىتى بىلەن تونۇدۇق ، ھەممىسى تىلۋىزىيە ، رادىئيو ،گېزىت ژۇرنال ھەرخىل كىتاپ قاتارلىق تارقىتىش ۋاستىسى ئارقىلىق تونۇدۇق . ئىپتىدائىي تارقىتىش ۋاستىلىرىدە نەچچە ئون يىل ، نەچچە ئەسىر ۋاقىت كەتكەن بولسا ، ئىلىكتىرونلۇق تارقىتىش ۋاستىلىرىدە كۈن – ھەپتە ۋاقىت كېتىدىغان بولدى ، تور تەرەققىياتىنىڭ تىزلىشىشىگە ئەگىشىپ سىفىرلىق تارقىتىش ۋاستىلىرىدە 24 سائەت ۋاقىت ئىچىدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى رايونلىرىغا تارقىلىپ بولىدىغان بولدى .
    قايتا سوئال مىللەتنى دۇنياغا تونۇتۇش زۆرۈرمۇ؟
    ياق . دەل ھازىرقى سىفىرلىق تارقىتىش ۋاستىلىرىدە ئۆزىنى تونۇتۇشقا كۇن كەتمەيدۇ ، بىرەر دوكتۇرىمىز دۇنيا خاراكتىرلىك مۇۋاپىققىيەت قازانسا بولدى ، لىكىن ھازىرقى شارائىتتا ئۆزىمىزنى تونۇتۇش بەك جىددى زۆرۈر ئەمەس . بىز ئۆزىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئارقىلق مەۋجۇدلىقىنى ئىسپاتلاش ئەمەس ، ئۆزىمىزنىڭ ئەنئەنىۋىي مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئارقىلىق ئۆز مەۋجۇدلىقىمىزنى ساقلاپ قېلىشىمىز كېرەك .
    سىز ئۆز تومۇرداشلىرىڭىز ئاز بولغان يات ئەللەردە ياشاش ئارقىلىق ئۆز خاسلىقىڭىزنى بارا-بارا ئۆزگەرتىشىڭىز مۇمكىن .باشقىلار سىزنى كۆرۈپ «سەن كىم »دەپ سورىسا ، سىز بىر ھازا چۈشەندۇرسىڭىزمۇ ، كىشلەر پەرقلەندۈرەلمەي كىتىپ قېلىشى مۇمكىن ، لىكىن سىز ئۆزىڭىزنىڭ كىملىكىنى باشقىلارغا بىلدۈرەلمىگەنلىكىڭىز ئۈچۈن خورلۇق ھېس قىلىشىڭىز مۇمكىن ، ئەمما سىزنى يات ئەللەردەئۆز تومۇرداشلىرىڭىز كۆرسە سىزگە ھېسداشلىق قىلىشى مۇمكىن ، ئۇ ۋاقتىمۇ سىز ئۇلار نىڭ قىزغىن خوشال كەيپىياتلاردا ياشىغىنىنى كۆرۈپ ئۆز ئىچىڭىزدە ئوڭايسىزلىنىسىز .
    كىشلەر سىزنىڭ ئەجدادلىرىڭىزنىڭ قىياپىتىنى ئۆز زىمىنىدا مۇزىيلاردا كۆرگەن بولىشى مۇمكىن ، ئەمما سىزنىڭ يۇرۇش -تۇرۇش ،كىيىم-كېچىكىڭىز ئۇلار كۆرگەندىكىگە ئوخشىمايدۇ ،ھەتتا سىزنىڭ بىر قانچە ئەسىر ئىلگىرىكى ئەجدادلىرىڭىزمۇ سىزنى كۆرۈپ پەرق ئېتەلمەيدۇ . بۇنىسى ئەلۋەتتە . دەۋر تەرەققىي قىلدى ، كىيىم -كېچەك ئۆزگەردى ،گەرچە شۇنداق بولسىمۇ سىزنى ئەجدادلىرىڭىز پەرقلەندۈرەلىسە بولاتتى .
    بۇ ئىنتايىن تەس ، تىپىك ئۇيغۇرلارنى كۆرسە پەرقلەندۈرمىسە ،باشقىسىنى پەرقلەندۈرەلمەيدۇ .
    بىز مەۋھۇم خىرىس ئىچىدە ياشاۋاتىمىز ، شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئۆزىمىزنى دۇنياغا تونۇتۇشقا ئالدىرىماي ، ئۆز خاسلىقىمىزنى ساقلاپ قالايلى .
    سىز ئۇيغۇر ياۋروپا ئامىرىكىدا چوڭ بولغان ئەجدادلىرىڭىزنىڭ ماكانى بولغان تارىم بوستانلىقىغا تۇنجى قېتىم كەلدىڭىز ، ئەمما مەنمۇ ئۇيغۇر تۇرۇپ سىز بىلەن ئالاقە قىلالمىدىم ، بىز تارىم بوستانلىقىدا كەينى پۇتلۇق ئىسلامنىڭ تەسىرىدە ئۇيغۇر تىلى ، نامازدا ئىشلىتىدىغان ئەرەپ تىلىدىن باشقىنى بىلمەيدىغان بولۇپ قالدۇق ،لىكىن بۇنىڭدىن ھېچكىم نومۇس ۋە پەخىرلىنىش ھېس قىلمىدى ، سىز بولسىڭىز ئىلغار پەن تېخنىكىلارنى ئۆگەندىڭىز ،كۆپ خىل چەتئەل تىلىنى ئۆگەندىڭىز ، ئەمما كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆز زىمىنىڭىزغا قايتىپ كېلىدىغانلىقىڭىزنى ، ئانا مىللىتىڭىز بولغان ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇچىرىشىدىغانلىقىڭىزنى ئويلىمىدىڭىزمۇ ؟ ئۆز تىلىڭىز ئۇيغۇر تىلىنى ئۇنتۇلۇپ كەتتىڭىز . لىكن سىز بىرەر ئايلاردىن كىيىن ياشاۋاتقان ماكانىڭىزغا قايتىدىغانلىقىڭىز ئۈچۈن ئانچە ئوڭايسىزلىنىش ھېس قىلمىدىڭىز . بىزمۇ ئاشۇ دىنى كىتاپتا ئېيتىلغاندەك «ئوقۇ » نىڭ تىگىگە يېتەلمەي ، ئەتىدىن كەچكىچە بەش نامازدىن باشقىنى ئوقۇمۇدۇق . (لىكن بۈگۈن كۆردۈم ، ئەرەپلەرنىڭ نەچچە خىل تىلدا سۆزلىشىپ يۇرگىنىنى ، «ئوقۇ» پەقەت نامازنى ئەمەس ، ھاياتىڭدا ئۆگىشكە كېرەكلىك بولغان ، ئۆزۈڭ ئىشلىتىدىغان بارلىق نەرسىلەرنى ئوقۇ . )
    يەھۇدىيلار 1948 – يىلى ئىسىرائىلىيەگە كېلىشتىن ئىلگىرى ،ئۇلار نۇرغۇنلىغان شىۋەلىك بولۇپ قالغان ،ئۆزئارا پىكىر ئالاقە قىلىشتا قىينالغان ، ئەمما ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئارزۇسىدىكى ئىسرائىلىيە دۆلەتىنى قۇرۇشتىن ئىلگىرى مەدەنىيەتنىڭ تىپىكى بولغان تىلنى بىرلىككە كەلتۈرگەن .
    چاقىرىق قىلىمەن : « سىز نوبىل مۇكاپاتى ئالغىدەك تالانتلىق دوكتۇر بولۇڭ ، مىليون ، مىليارد پۇلى كاتتا سودىگەر ، ئالىي ئېنژىنىر ، مەيلى نام شەرىپىڭىز قانچىلىك داڭلىق بولسۇن ،ئۇيغۇرتىلى ئۆگىنىڭ !1!
    سىز نوبىل مۇكاپاتى ئېلىش سەھنىسىدە ئۆز ئانا تىلىڭىزنى خارقىلسىڭىز بولمايدۇ ، گەرچە ئۇ يەردە ئىشلىتىلمىسىمۇ ، كىشى سىزنى ئىشلەتمە دىمەيدۇ بىر قانچە ئېغىز سۆز قىلسىڭىز . »
    سىز ياشايدىغان ھاياتىڭىزنى ياشاپ بولدۇم دەپ قارىشىڭىز مۇمكىن ، ئەمما سىز كىيىنكىلەرنى ،كەلگۈسى ئەۋلاتلارنى ئويلاپ قويۇڭ . چوقۇم شۇنداق كۈنلەر كېلىدۇ . ئالدىنقىلار كېتىدۇ ، يەنە بىز قالىمىز . ئەجدادلىرىمىز قانداق سەۋەپلەرنى باھانە قىلسۇن 70 -100يىل ئىلگىرى بىزلەرنىڭ كەلگۈسىمىزنى ئويلاشمىدى . لىكىن بىز كىيىنكىلەرنىڭ كەلگۈسىنى ئويلاشمىساق بولمايدۇ .

    كىشلەر سىزدىن ،پەرزەنتىڭىزدىن كىملىكىڭلارنى سورىسا ،سىز دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدە پەخىرىلىنپ تۇرۇپ «مىللىتىم ئۇيغۇر ، ئوتتۇرا ئاسىيا تارىم بوستانلىقىدىن كەلدىم» دىيەلىشىڭىز كېرەك .
    ئۆز تومۇرداشلىرىڭىز سورىسا پەخىرلىنىپ تۇرۇپ ئۇيغۇر تىلىدا «مەن ئۇيغۇر ، تارىم بوستانلىقىن كەلدىم»دىيەلىشىڭىز كېرەك .
    چوقۇم شۇنداق كۈنلەر كېلىدۇ . ئالدىنقىلار كېتىدۇ ، يەنە بىز قالىمىز .
    بارلىق كىشلەر ئۆز خىزمەت ئورنىدا ياكى ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنىڭ يېتىشىچە ئۆزىمىزنىڭ تەخدىرى ، تۇرمۇشى كاپالەتكە ئىگە بولغان ئەھۋال ئاستىدا كىيىنكىلەرنى ئويلاپ قويايلى .
    ئەمما بىزنىڭ مىللىتىمىز بىزنى كۆپ پۇل باشقا بالا – قازا دەپ ئۆگىتىدۇ . ئەمما سىز ئۆزىڭىزنى تەكلىماككاننىڭ قۇملىرىدا قۇملىشىپ كەتكەن ، 15- ئەسىردىن قېلىپ قالغان مۇرەككەپ ئىدىيەلەر ئارلاشقان تەپەككۇر بىلەن مەسىلىنى ئويلىماڭ ، ھەر قانداق مەسسىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . سىز ئاق تاماكا سېتىپ كىشلەرنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرمىسىڭىز ، قىزلارنى يالىڭاچ سېتىپ مىللەتنىڭ يۈزىنى خار قىلمىسىڭىز ، ئەقلىي ئىىقتىدار ئارلاشقان تەۋەككۈلچىلىق ،بىزنىڭ مىللىتىمىزنىڭ نەزەرىدە ئازراق ھالال ئەمەس ئارلاشىقان بولسىمۇ ،سىز كونا ئىدىيەلەرنى بىر چەتتە قالدۇرۇپ ئەسەبىيلەشمىگەن ئەھۋال ئاستىدا سىناپ بېقىڭ .
    بىزنىڭ مىللىتىمىزدە ئاتۇشلۇق ، غۇلجۇلۇق ، خوتەنلىك 100 مىليون پۇلىسى بار كىشلەر ناھايىتى نۇرغۇن ئەمما زاۋۇت ، شىركەت بىر -ئىككى ، سىلەر دۇنيادىكى داڭلىق بايلارغا ، داڭلىق كۇلۇپلارغا ھەۋەس قىلىسىلەر ، ئەمما ئۇلارنىڭ پۇل تېپىش ئۇسۇلىغا دىققەت قىلمايسىلار . بىزدە ھېچكىم زامانىۋىي بولغان ئېلىكتىرونلۇق سودا ، بىنالاشقان مۇقىم رايونلوق سودا ، زەنجىرسىىمان سودا بىلەن شۇغۇلىنىدىغانلار يوق . ياۋروپا ئامىرىكىلىقلار بىر دوللار ، 0.5 دوللار پايدا ئېلىش ئېھتىماللىقى بولسا (ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ تۆۋەن )غايەت زور مەبلەغ سېلىپ بىر كۈندىلا ئۈنۈمىنى كۆرىدۇ . ئەمما بىزلەرچۇ سىزگە بىرسى ماۋۇ خىلدىكى پايچېك سودىسى ياكى باشقا بىر ئېلىكتىرونلۇق سودىدا 10 سومدىن ھەسىلەپ پايدا ئالغىلى بولىدۇ دىسىمۇ ھېچكىم سىناپ بېقىشقا جۈرئەت قىللالمايدۇ .
    سىز ئۇ پۇللارنى ئۆلگەندە گورغا ئەكەتمەكچىمۇ ،توغرا پەرزەنتىنى تەييار تاپ قىلىپ مىراس قالدۇرىمەن .
    يوقالسۇن پەرزەنتلىرىگە مىراس قالدۇرۇش!

    سىز تىلۋېزور كۆرىۋاتىسىز ، چەتئەللەرنى سەيلى ساياھەت ، زىيارەت قىلىۋاتىسىز . ئاق بولسۇن قارا بولسۇن پۇل ھەققىقەتەنمۇ قۇدىرەتلىك ، ئاچلىقتىن كۆزىدە ياش توختىمىغان بەش ياشلىق بالىنى يىغىدىن توختىتالايسىز ، سوغۇق قەھىرىتاندا ئۆز ئۆيىدىمۇ توڭلاپ دۈگدۈيۇپ ئولتۇرغان كىشلەرنى ئىسىندۇرالايسىز ، ئۈرۈمچى دۆڭككۋرۈكتىكى بىر قارىسا ئەنئەنىۋىي قەدىمىي مەدىنىيەت بىر قارىسا ئىپتىداپىي مەدەنىيەتسىز سودا ھالىتىدىكى رەت تەرتىپسىز شەھەرلەرنى تۈزىيەلەيسىز (ياۋروپا ، مىسىرلارنىڭ شەھەرنىڭ شەرىق تەرىپى 10-ئەسىر تۈسىدە ، غەرب تەرىپى ھازىرقى زامان تۈسىدە مانا بۇ ساياھەت بايلىقى ،مەدەنىيەت بايلىقى ) مېنىڭچە ھېتلىر (گېتلىر) يوقىتلمىغان تىلەمچىلەرنى يوق قىللايسىز (تىللەمچىسىز ، مەدەنىي ، ئىلغار ، ساپ مىللەت بولۇش ئۈچۈن) . ئىلغار بولغان دارىلئاتاملارنى ئېچىپ ئاپەتتىن سىرتتا قالغان باللارغا ئانا ۋە ئاتا بولالايسىز . (ئاقسۇدا دەريا كۆپ بولغانلىقتىن ھەرقايسى ناھيىلەردە ھەر يىلى 5- دىن 7- ئايغىچە مەزگىلدە يىللدا ئىككى ئۈچ قېتىم چوڭ كىچىك كەلكۈن كېلىدۇ ، ئەمما ئاۋۇ كىشلەر ئېلان قىلمىغان بىلەن تارىم ۋادىسىدا دېھقان تۇرۇپ بۇگۈن تاماق يىمىسە ئۆلۈپ قالىدىغان ، بۈگۈن يىسە ئەتىگە يوق دېھقانلار ئىنتايىن نۇرغۇن ، بىزنىڭ ساخاۋەتچى مىللىتىمىز بۇيىل قېنى ئوخشاش بولمىغان ئاشۇ كىشلىرىمىزگە قان ۋە يىللىكىنىمۇ قوشۇپ دېگىدەك ئاتىۋەتتى،بۇلار ئىلگىرى مارالبېشىدا يەر تەۋرىگەندە ، كۇچا دا تارىخىي كەلكۈن كەلگەندە ئارقىسىغا قاراپمۇ قۇيمىغانتى،ئۇلارنىڭ يۈزى ھەركۇنى قۇياشقا يۈزلىنىكلىك ئىدى )

    ئاخىرىقى ئوچۇق چاقىرىق بىز ئۈچۈن ئۇنۋېرسىتتىنى پۇتتۈرسەكمۇ خىزمەت پۇرسىتى خېلى تەس . كىشلەر ئۆزىدىن 100 نى قوبۇل قىلىپ ئاندىن سىزنى قوبۇل قىلمىسا ، كىشى ئۆزى بىرقازان تاماقنى سىزگە بېرىپ بالىسىنى ئاچ قويمايدۇ ، يېرىم ئاچ يېرىم توقمۇ قويمايدۇ .
    مەيلى سىز ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇڭ ، دوكتۇر بولۇڭ ، سودىگەر ، ئاددى خىزمەتچى بولۇڭ ، ئىلمىي يۆنىلىشكە قارىتا ئىدىيىڭىزنى ئۆزگەرتىڭ ، ئالدىڭىزغا كەلگەن يىتىمنىڭ كۆزى يەنە ياش بولمىسۇن ، سىزگە داۋالىتىشقا كەلگەن كىسەل پۇل قىسىنچىلىقىدىن قانسىراپ ئۆلۇپ كەتمىسۇن . مەسچىت ئۈچ -تۆت قەۋەت ئىگىزلىكتە ، پەرزەنت ئۆز مىللىتىنىڭ نامىنى يازالمايدىغان بولۇپ قالمىسۇن ، سىز بەش نامازنى ياۋروپالىقلارچىلىك دەل ۋاقتىدا ، ئۆز ئورنىڭىزدا ئورۇندىيالمايسىز ، مەسچىت تاللاپ ، قازاناماز ، خېرىدار كىلىپ قالدى دەپ ھەممىنى بىراقللا كەچتە ئوقۇيسىز ، يەنە ھالال ۋە ھالال ئەمەس دەپ پۇلنى ئايرىيسىز ، پۇلنى تاپتىڭىز بالىڭىز قارا ساۋات ، قولۇم -قوشنىڭىز نامرات (ئاۋۇ كىشلەردەك پۇل تاپقاندا يۇرتلۇقۇڭنى ئۇنۇتما دىگەننى بىلمەيسىز ) مىللىتىڭىز ئۇيغۇر ھېيىت بايراملاردا بولسىمۇ ئۇيغۇرلىقىڭىزنى بىلگىلى بولمايدۇ (غەربلىك دەيسىز بايرام بولسا پۇتۇن دۇنيا بىلگىدەك يالڭاچ بولسىمۇ سامبا ئۇسۇلى بار )

    دۇنيا خەلقى سىزنى كۆرمەي تۇرۇپ ياكى 500 مېتىر يىراقلىقتىن مىسكىن ، غېرىپ ھالىتىڭىزنى كۆرۇپ ئۇيغۇرلىقىڭىزنى پەرق ئېتىش ئەمەس ، سىزنىڭ قەيسىرانە روھىڭىزنى كۆرۈپ ئۇيغۇر دېگىدەك بولسۇن . ئەجدادلىرىمىز ياۋروپاغا كۈچلۈك قىلىپ ئات تاقىلىرى ، قاتتىق ئۆتۈكلەردە ئىز تامغا قالدۇرغان ، بارلىق كىشلەر ئىدىيىمىزنى ئۆزگەرتىپ ئالغا قاراپ ماڭايلى . (ياپونلۇقلار ئېيتقان: خەير-خوش ئاسىيا ) بىز: « شەرققە سىگىنال ، بىز قايتىپ كەلدۇق » دىيىشىمىز كېرەك .

    كىتاپ ۋە رومان يېزىش خىزمىتى بىلەن شۇغىلىنىدىغان يازغۇچىلارغا : ئامىرىكا يازغۇچىسى ھىممىڭۋاي ئېيتقان«يازغۇچىنىڭ مەجبۇرىيىتى جەمئىيەتتىكى ئىشلارنى پاش قىلىش ئەمەس ، جەمئىيەتكە تەسىر كۆرسىتىش »

    مەيلى سىز جەمئىيەتتىن ئېھتىيات قىلىدىغانسىز ، سىزنىڭ ئېھتىيات تۇيغۇڭىز كۈچلۈك بولسۇن ، سىز ئىلگىرى خام ماتىرىياللار بىللەن يازغان تارىخىي رومان ۋە پوۋىستلار (نۇرغۇنلىغان خاتالىق يوشۇرۇنغان ، بۈگۈنكى كۈندە چەتئەل كۈتۈپخانىلىرى ، مۇزىيلىرىدا ساقلانغان ، ئەينى ئۇرۇش يىللىرىدا ئىمزاللانغان ھۈججەت مەزمۇنللىرى ئاساسەن ئاشكارلاندى) كىشلەرنىڭ ئىدىيىسگە توغرا بولسۇن -خاتا بولسۇن تەسىر قىلىپ بولدى ، چۇنكى سىلەرمۇ كىتاپ يېزىپ جان باقمىساڭلار بولمايدۇ (ھەممىمىز بىلىمىز ئۈرۈمچىنىڭ 50 -70 كۇۋادرات مېتىرلىق كىچىك ئويىدە جان كەچۇرمەك تەس) ، ھەم سىلەرنىڭ يازغىنىڭلار ئۆز دەۋىرلىرىدە خەلىقىمىز تەرىپىدىن نوبىل مۇكاپاتى بېرىشكە تېگىشلىك ئەسەر دەپ قارالغىدەك دەرىجىدە توغرىتى . نىمە سەۋەپ بولدى سىلەر يازغىدەك راست -يالغان تارىخمۇ قالمىدىمۇ ، «يازغۇچىنىڭ مەجبۇرىيىتى جەمئىيەتتىكى ئىشلارنى پاش قىلىش ئەمەس ، جەمئىيەتكە تەسىر كۆرسىتىش »
    سىلەر مەجبۇرىيىتىڭلارنى ئۇنتۇپ يازىدىغان نەرسە تاپالماي كارۋات ئۈستىدىكى ئىشلار ، قىزلارنىڭ كىيىم -كىچەك كىيشى مۇشۇنداق ئىشلارنى تەسۋىرلەيدىغان بولۇپ قالدىڭلار ، (سىلەر بۇ ئارقىلىق بۇلارنى ئۆزگەرتمەكچىمۇ )
    سىز مەيلى قانچىلىك داڭلىق يازغۇچى بولۇڭ مەيلى مەن سىلەرگە ئېنىق ئەسكەرتىپ قوياي .
    سىلەر بوۋام باققان ئۆي ھايۋانلىرىغىمۇ يەتمەيسىلەر .
    دېھقان بوۋامنىڭ ئېغىلىدىكى ئېشىكى ئەتگىنى بىر ھاڭراپ كىشلەرنى ئويغىتالايدۇ . شەھەرلىك بوۋامنىڭ كاتىكىدىكى خوراز مۇ ئەتگىنى قىچقىرىپ ئويغىتالايدۇ ، تېخى ۋاقىتىن بەلگە بېرەللەيدۇ .
    شۇنچىللىك دەبدەبىلىك تەخەللۇسلارنى قويۇۋالغان داڭلىق يازغۇچى نامسىز ئېشەكچىلىك ، زۇۋانسىز خورازچىلىك رولىڭىز بولمىسا ، ئالدى بىلەن ئاشۇ تەخە للۇسىڭىزغا يۈز كېلەلەمسىز ، قولىڭىزدىكى قەلەمگە ، بىر چىرايلىق يازغۇچىلىق نامىڭىزغا يۈز كېلەلەمسىز ،
    سىز ھەرگىز خەلقىڭىزگە يۈز كېلىشنى ئويلىماڭ ، تارىم بوستانلىقىدا تۇغۇلغان ، ئاتا بوۋىسى ئورخۇن دەريا سۇيىنى ئىچكەن ھەرقانداق شەخس خەلقىگە يۈز كېلەلمەيدۇ .

    بوۋام : قوپە ئىشەك ، ئويغان ، قۇياش كۆتىرىلدى ، ئويغىنىدىغان ۋاقىت بولدى .
    مومام: ئوغلۇم ئويغان ئىشەك ھاڭراپ ، خوراز چىللاپ بولدى .
    ئىشىك ئالدىدىكى ئىگىسىز سەھەر ئىتلىرىنى ھەيدە

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us